تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

چاقناپ تۇرغان ئوردېنغا جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ «تەۋرەنمەس دوستلۇق»ى نەقىشلەندى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ساۋ جيايۆ، خۇ مېڭشۆ

5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ ئۈچۈن «دوستلۇق ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ كامېراسىدا تارىخىي پەيت خاتىرىلەندى −

جۇڭگو بىلەن سېربىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى، رەئىس شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا زۇڭتۇڭ ۋۇچىچقا ئوردېن ئېسىپ قويغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

«دوستلۇق ئوردېنى» جۇڭگو دۆلىتىنىڭ سىرتقا قارىتىلغان ئەڭ ئالىي شەرەپ ئوردېنى بولۇپ، ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگو خەلقى بىلەن مەقسىتى ۋە نىشانى بىردەك بولغان، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولغان قەدىناس دوستلار، ياخشى دوستلار.

«بۇ ئوردېن زۇڭتۇڭ ۋۇچىچنىڭ جۇڭگو - سېربىيە دوستلۇقى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەنىدى.

چاقناپ تۇرغان ئوردېندا جۇڭگو - سېربىيە دوستلۇقىنىڭ ئاساسىي رېڭى نامايان قىلىندى، ئىككى دۆلەتنىڭ «تەۋرەنمەس» دوستلۇق مېھرى ئىزاھلاندى.

بۇ دوستلۇق قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇش داۋامىدا تاۋلىنىپ يۈكسەلگەن −

2024 - يىلى رەئىس شى جىنپىڭ سېربىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، شۇ جايدىكى تاراتقۇلاردا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ «موھتاجلىقتا جانغا ئەسقاتىدىغان قېرىنداشلىق مېھرى»نى ئەسلەپ ئۆتتى.

ۋېنچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەندىن كېيىن، سېربىيە ھۆكۈمىتى جىددىي چېدىر يۆتكەپ ئاپەت رايونىغا تېزدىن ياردەم بەردى؛ سېربىيە ئېغىر كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتىگە ئۇچرىغاندا، جۇڭگو تەرەپ ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈپ ياردەم بەردى... ھەقىقىي ھەمراھلار ھامان خەتەرلىك پەيتتە بىر - بىرىگە ھەمدەم بولىدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، جۇڭگونىڭ سېربىيەگە ياردەم بېرىش يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ماددىي ئەشيالىرى يېتىپ كەلگەندە، زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ ئايروپورتقا بېرىپ ئۆزى كۈتۈۋېلىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن سۆيدى. «رەئىس شى جىنپىڭغا رەھمەت! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە رەھمەت! جۇڭگو خەلقىگە رەھمەت!»

بۇ قېتىم ئوردېننى تاپشۇرۇۋالغاندا، زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ يەنە بىر قېتىم كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى: «بۇ، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى نامايان قىلىدۇ، شۇنداقلا بىز ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چەكسىز ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ۋە ئورتاق ئۇتۇقلارنى نامايان قىلىدۇ».

بۇ دوستلۇق ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش داۋامىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان −

100 يىللىق پولات زاۋۇتى ئىككى دۆلەت دوستلۇق دەرىخىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى، مول مېۋە بەرگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى.

سىمېدېرېۋو پولات زاۋۇتى «سېربىيەنىڭ پەخرى» بولۇپ، ئىلگىرى بىر مەزگىل ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان پەيتتە، جۇڭگو خېگاڭ گۇرۇھى ياردەم قولىنى سۇندى، ھازىر بۇ پولات زاۋۇتى سېربىيەدىكى ئۈچ چوڭ ئېكسپورت كارخانىسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

2024 - يىلى سېربىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ بىر سوۋغات ئېلىپ باردى، ئۇ تيەنتەن ۋە سائىنت ساۋا چېركاۋىنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن پولاتتىن ياسالغان ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى ئىدى. پولات ماتېرىيالى مۇشۇ پولات زاۋۇتىدىن كەلتۈرۈلگەنىدى. شى جۇشى قىزىقارلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەمدى <پولات>تەك دوست بولدۇق، <تەۋرەنمەس دوستلۇق>ىمىز تېخىمۇ چىڭىيىدىغان بولدى.»

ۋېنگىرىيە - سېربىيە تۆمۈريولىدا پويىزلار نەچچە يۈز كىلومېتىر مۇساپىنى ئۇچقاندەك بېسىپ، رايونلارنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش يېڭى ئۆرنىكىنى تىكلىدى؛ خېگاڭ - سىمېدېرېۋو پولات زاۋۇتىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، «بىر پولات زاۋۇتىنىڭ بىر شەھەرنى بەختكە ئېرىشتۈرگەنلىكى» توغرىسىدىكى داستان تەرەپ - تەرەپكە تارالدى... مۇشۇ يىللاردا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن سېربىيە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، دوستانە ھەمكارلىقنىڭ نادىر تۈرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئورتاق بەرپا قىلىندى.

زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىدىن زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ھەم باشقا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغىچە، «جۇڭگونىڭ قوللىشى بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزغا يېڭى ھاياتلىق بېغىشلىدى».

جۇڭگو - سېربىيە دوستلۇقى ئەزەلدىن ئاغزاكى ۋەدە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، بەلكى بىر - بىرىنى قوللاش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇش داۋامىدا، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي بەخت يارىتىپ، «دۆلەت بىلەن دۆلەتنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى».

بۇ دوستلۇق داغدام يولدا تەڭ ئىلگىرىلەش داۋامىدا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلانغان −

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ بىلەن 12 قېتىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگو - سېربىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنى ساقلاشقا بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلدى.

ھەقىقەت يولىدا بىللە ماڭغانلار ھەقىقىي دوست بولالايدۇ. سېربىيە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى تۇنجى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، يېڭى ۋەزىيەتتە يەنە جۇڭگو بىلەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلغان تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ قالدى.

بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى، بۇلتۇرقى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى، 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى... بۇ يىللاردا، زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ كۆپ قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتناشتى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەتلىشىش، تېلېفونلىشىش، خەت ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - سېربىيە مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپە پۈتۈپ چىقىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنياۋى ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا، زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو قەتئىي بىردەك مەيدانى، ئەقىل - پاراسەتكە باي سىياسەتلىرى ۋە كەڭ خەلقئارا ئابرۇيىغا تايىنىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، بۇنىڭغا بۈگۈنكى خەلقئارا جەمئىيەت ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ ئېھتىياجلىق.»

بۇ دوستلۇق داۋامىدا مەۋقە ئىككى تەرەپكە قويۇلۇپ، ئىككى دۆلەتكە نەپ يەتكۈزۈلۈپلا قالماي، يەنە قەلبكە ھەققانىيەت پۈكۈلدى، قەلبكە دۇنيا پۈكۈلدى. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، جۇڭگو بىلەن سېربىيە خەلقى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشقا قەتئىي ئىنتىلىدۇ، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدايدۇ، ئۆز تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىش يولىدا جەزمەن ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

5 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى 20 نەچچە تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى ۋە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتىنى ئېلان قىلدى.

ۋەزنى ئېغىر بۇ ئوردېنغا جاپا - مۇشەققەتتە تەڭ ئىلگىرىلەش مۇساپىسى نەقىشلەنگەن، چوڭقۇر دوستلۇق مۇجەسسەملەنگەن.

جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشى، خەلقلىرىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز، جۇڭگو - سېربىيە دوستلۇقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.