جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى 8 - قېتىملىق «ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچرىشىش»نى تاماملىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جيۇچۈەن، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى گولى، گاۋ رۇي) شېنجوۋ 23 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى «تيەنگۇڭ»غا ئوڭۇشلۇق كىرىپ ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى 8 - قېتىملىق «ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچرىشىش»نى تاماملىدى.
جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچراشتۇرۇلۇپ ئۇدۇللاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، شېنجوۋ 23 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمچىسىدىن ئوربىتا بۆلۈمچىسىگە ئوڭۇشلۇق كىرگەن. 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 5تىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە، ئوربىتىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان شېنجوۋ 21 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى «ئۆينىڭ ئىشىكى»نى ئېچىپ، يىراقتىن كەلگەن شېنجوۋ 23 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا كىرىپ ئورۇنلىشىشىنى قارشى ئالغان. ئارقىدىن ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى «ئائىلە ئوپچە سۈرىتى»گە چۈشۈپ، ئۇلارنى ياد ئېتىپ تۇرۇۋاتقان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بىرلىكتە تىنچ - ئامانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
بۇ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى تارىخىدىكى 8 - قېتىملىق «ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچرىشىش»، شۇنداقلا «تيەنگۇڭ»غا تۇنجى قېتىم شياڭگاڭدىن كەلگەن ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ كىرىپ ئورۇنلىشىشى.
كېيىن، ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا ئوربىتىدا نۆۋەت ئالمىشىدۇ.






