5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگوۋ رايونى نەنخۇ شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسى خېتەن مەھەللىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە خەلققە قولاي بازار پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەر ناخشا-ئۇسسۇل، مەززىلىك تائاملار، قىزىقارلىق ھەمتۈرتكە پائالىيەتلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە خەلققە قولاي بازار پائالىيىتىدە، نەنخۇ داجۇڭ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى جاڭ يۆشياڭ ئاھالىلەرگە «مودەنخان» ناملىق ناخشىنى ئېيتىپ بەرمەكتە.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگوۋ رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن نەنخۇ شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى، قىزىقارلىق ھەمتۈرتكە بولۇش، يۈز ئائىلە زىياپىتى، ساغلاملىق بويىچە ھەقسىز كېسەل كۆرۈش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە خەلققە قولاي بازاردا، خېتەن مەھەللىسى سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ دوختۇرى ئاھالىلەرنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىمەكتە.
خېتەن مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ شياۋتىڭ مۇنداق دېدى: بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن سىرت، مەھەللە ھەر ھەپتىدە خاس پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەرگە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ياخشى ئۆتۈش سۇپىسى بەرپا قىلىپ بېرىپ، پائالىيەتنى ۋاسىتە قىلىپ، قوشنىلارنىڭ ئېجىل-ئىناق ئۆتۈشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈردى.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە خەلققە قولاي بازاردا، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتىنىڭ خىزمەتچىسى ئاھالىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئەھۋالىنى باھالىماقتا.
ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى ھالقىسى قالتىس قىزىپ كەتتى. ئايال ئارتىسنىڭ ئورۇنلىشىدىكى يالغۇز كىشىلىك ناخشا «مودەنخان» مۇڭلۇق، لەرزان، «قەلبنىڭ ئىزدىنىشى» ناملىق مىللەتلەر ئۇسسۇلىنىڭ ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى «ئەتىمىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» ناملىق خورنى بىرلىكتە ئېيتتى، ئېسىل نومۇرلار ئارقا-ئارقىدىن ئورۇنلىنىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. «ئۈرۈمچى شەھىرى 8-مارت قىزىل بايراقدارى» «ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەڭ گۈزەل ئائىلە» شەرىپىگە ئېرىشكەن گۈلى ياقۇپ نەق مەيداندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالدى.
شۇ كۈنى، ئاھالىلەر يەنە ئۆزلىرى تەييارلىغان خاس ئائىلە تائاملىرىنى ئۈستەللەرگە تىزدى، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزگەن يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى كۆپچىلىكنىڭ تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن داڭلىق قورۇمىلارنى ئېلىپ كەلدى، مەززىلىك تائاملار ئۇلارنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، قويۇق قوشنىدارچىلىق مېھرىنى نامايان قىلدى.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە خەلققە قولاي بازاردا، ئاھالىلەر مەززىلىك تائاملاردىن ئورتاق بەھرىلەنمەكتە.
ھەقسىز كېسەل كۆرۈش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، ئائىلە مۇلازىمىتى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق خەلققە قولاي مۇلازىمەت پائالىيەتلىرى كۆپچىلىكنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. چوكا تاشلاش ئويۇنى، ئارغامچا تارتىشىش قاتارلىق ھەمتۈرتكە پائالىيەتلەر ناھايىتى قىزىپ كەتتى.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە خەلققە قولاي بازاردا، ئاھالىلەر ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.
ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگوۋ رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى لىڭ يۈن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى بازاردا قاينام-تاشقىنلىققا تولغان مېھر-مۇھەببەت ئارقىلىق خەلق قەلبى مۇجەسسەملىنىپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سۇپىسى بەرپا قىلىندى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان بەختلىك ماكان بەرپا قىلىمىز.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە خەلققە قولاي بازاردا، جيۇۋيۆ ياڭگۇاڭ خور ئۆمىكى ئاھالىلەرگە «ئانام جۇڭخۇا» ناملىق ناخشىنى ئېيتىپ بەرمەكتە.






