5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئاھالە جاۋ چيەن «ئانار گۈللىرى ئېچىلدى، قەلبداش بولۇپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرايلى» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باش تېما پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، ئالتە خىل تامغا تولۇق بېسىلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» باش تېمىسىنى ھېس قىلىش كارتىسىنى كۆرسىتىپ، ئالاھىدە خاتىرە قالدۇردى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋېنمياۋدا بىر مەيدان «ئانار گۈللىرى ئېچىلدى، قەلبداش بولۇپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرايلى» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باش تېما پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى دۇڭمېن كوچا باشقارمىسىدىكى ھەر مىللەت ئامما قەدىمىي پۇراققا تولغان ھويلا-ئاراندا ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزرۇلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياساشنى ھېس قىلىپ، ئالىيجانابلارنىڭ ئالتە ماھارىتى (قائىدە - يوسۇن، مۇزىكا، قارىغا ئېتىش، ئات ھارۋىسى ھەيدەش، خەتتاتلىق، ھېساب)نى ھېس قىلىپ، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى، كەيپىيات شاد-خۇراملىققا چۆمدى.
پائالىيەتنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى دۇڭمېن كوچا باشقارمىسى، تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پائالىيەت ئارقىلىق ئىتتىپاق-ئېجىل، مەدەنىي، ئىناق جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مۇستەھكەملەندى.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋېنمياۋدا، «ئانار گۈللىرى ئېچىلدى، قەلبداش بولۇپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرايلى» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باش تېما پائالىيىتىدە ئارتىسلار ئۇسسۇل ئوينىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋېنمياۋدا، ئالىيجانابلارنىڭ ئالتە ماھارىتىنى ھېس قىلىپ گۇچىن بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋاتقان ئاھالىلەر . ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋېنمياۋدا، ئاھالىلەر ئالىيجانابلارنىڭ ئالتە ماھارىتىنىڭ بىرى بولغان ئات ھارۋىسى ھەيدەشنى ھېس قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
ھەر يىلى 5-ئاي ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيە ئېيى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدىكى ھەرقايسى كوچا باشقارمىلىرى، مەھەللىلەر بەس-بەستە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىللە ئولتۇراقلىشىش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىشى ئۈچۈن جەمئىيەت شارائىتى يارىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى جەنۇبىي شىنخۇا يولى كوچا باشقارمىسى تەيشى ئولتۇراق رايونىدا «قول تۇتۇشۇش . قەلبداش بولۇش − <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باغچىسى>نى ئورتاق قۇرۇش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخسلەر ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە ئورتاق ماكانىنى گۈزەللەشتۈردى. نىساقىز ئازات فوتوسى
5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)، تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيى (رايونلۇق كۇتۇپخانا)، شىنخۇا يولى جەنۇبىي كوچا باشقارمىسى بىرلىشىپ، ئىتتىپاق غەربىي يولى مەھەللىسىدە مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويۇپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنى ناخشا-ئۇسسۇل، چالغۇ، شېئىر دېكلاماتسىيەسى قاتارلىق 12 ئېسىل نومۇرنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقانلىقىدەك گۈزەل مەنزىرىنى جانلىق نامايان قىلدى.
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، تىيانشان رايونى تىنچلىق يولى كوچا باشقارمىسى دۇڭسەييۈەن مەھەللىسىنىڭ قوشنىلار يۈز ئائىلە زىياپىتى باشلاندى، ھەر مىللەت ئامما، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى، پىدائىيلار قاتارلىقلار چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، ئاھالىلەر ئەكەلگەن ئوخشىغان قورۇمىلارغا ئېغىز تېگىپ، قوشنىلار ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا پاراڭلاشتى.
ئىگىلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچا باشقارمىسى يەنئەن يولى مەھەللىسىمۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيت ۋە «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى كۈتۈۋالغان. پائالىيەتتە چوڭلار كىچىكلەرنى يېتەكلەپ، دېكلاماتسىيە، سېرك، كوللېكتىپ ئۇسسۇل، جىڭجۈ تىياتىرى قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتىدىغان، پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپەت نامايان قىلىندى.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بەخت يولى كوچا باشقارمىسى بەخت شەھەر گۈللۈكى مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ئەدەبىيات-سەنئەت كاتتا مەرىكىسى باش تېما پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، نەق مەيداندا يەنە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بازىرى تەسىس قىلىندى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭراتتى. مەرىگۈل نۇرلان فوتوسى
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى كوچا باشقارمىلىرى، مەھەللىلەردە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتى سىجىل قانات يايدۇرۇلماقتا.






