ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى نۇرغۇن مەھەللىلەر مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى، يۈز ئائىلە زىياپىتى قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق قوشنىلار ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى، قوشنىلار ئارىسىدىكى ئىناق يېڭى كەيپىياتنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى.

5-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى يەنئەن يولى مەھەللىسى مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنى ئەنجۈ ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش، «1-ئىيۇن»نى كۈتۈۋېلىش بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.
5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تۈرلۈك ئۆزگىچە پائالىيەتلەر تەۋەلىك رايوندىكى نۇرغۇن جايدا ماس قەدەمدە ئىللىق كەيپىياتتا قانات يايدۇرۇلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى يەنئەن يولى مەھەللىسى مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئەنجۈ ئولتۇراق رايونىدا قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش، «1-ئىيۇن»نى كۈتۈۋېلىش بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. دېكلاماتسىيە، سېرك، كوللېكتىپ ئۇسسۇل، جىڭجۈ تىياتىرى قاتارلىق نادىر نومۇرلار نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر خۇشال-خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى.

سۈرەتتە: ئاھالىلەر نەق مەيداندا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگمەكتە.
شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خېيجياشەن كوچا باشقارمىسى ئەرداۋان شەرقىي مەھەللىسى، يەنئەن يولى كوچا باشقارمىسى جىشۈن يولى شىمالىي مەھەللىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يۈز ئائىلە زىياپىتى باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە مەززىلىك تائاملار ۋاسىتە قىلىندى، ئاھالىلەر ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنى ئېلىپ نەق مەيداندا جەم بولدى، كۆپچىلىك مەززىلىك تائاملارغا بىرلىكتە ئېغىز تېگىپ، ئاشپەزلىك ھۈنىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئائىلە پاراڭلىرىنى قىلىشىپ، خۇشال كۈلكە سادالىرى ئىچىدە قوشنىلار ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېسىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى پائالىيەتكە ھۆسن قوشتى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى.

سۈرەتتە: ھەر مىللەت ئاھالىلەر يۈز ئائىلە زىياپىتى باش تېما پائالىيىتى نەق مەيدانىدا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگمەكتە.
يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سۇپىسىنى ھەقىقىي بەرپا قىلىپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

سۈرەتتە: ھەر مىللەت ئاھالىلەر ئەنجۈ ئولتۇراق رايونىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.
سۈرەتتە: ئارتىسلار يۈز ئائىلە زىياپىتى باش تېما پائالىيىتىدە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.






