تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شېنجوۋ 23 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جيۇچۈەن، 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى گولى، ليۇ يى) 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سائەت 23تىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجوۋ 23 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئېلىپ ماڭغان چاڭجېڭ 2 - نومۇرلۇق F تىپلىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 23 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئوت يېقىلىپ قويۇپ بېرىلدى، تەخمىنەن ئون مىنۇتتىن كېيىن، ئالەم كېمىسى راكېتادىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلىپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىردى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، قويۇپ بېرىش تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالەم كېمىسى ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئالدىن بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بىرىكمە گەۋدىسى بىلەن ئۆز ئالدىغا تېز سۈرئەتتە ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىدىكەن، شېنجوۋ 23 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى شېنجوۋ 21 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بىلەن ئوربىتىدا نۆۋەت ئالمىشىدىكەن. ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا تۇرغان مەزگىلدە، شېنجوۋ 23 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى ئالەم بوشلۇقىدىكى ھاياتلىق ۋە ئادەم بەدىنى تەتقىقاتى، مىكرو ئېغىرلىق كۈچى فىزىكىسى ئىلمى، بوشلۇق يېڭى تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار كۆپ تۈر بويىچە تەجرىبە (سىناق) قىلىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىشنى قانات يايدۇرىدىكەن، كۆپ قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىپ، بۆلۈمچىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش، ئاسراش، رېمونت قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى تاماملايدىكەن.

بۇ قېتىمقى ۋەزىپە قۇرۇلۇش بوشلۇق پونكىتىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەندىن بۇيانقى 7 - قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى، شۇنداقلا قۇرۇلۇش تۈرى تۇرغۇزۇلۇپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 40 - قېتىملىق قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى. ھازىرغىچە، دۆلىتىمىزدە 30 نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى 47 ئادەم قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى.

بۇ قېتىمقى ۋەزىپە يەنە چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتانىڭ 644 - قېتىملىق ئۇچۇشى، شېنجوۋ ئالەم كېمىسىنىڭ 23 - قېتىملىق ئۇچۇشى ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بىرىكمە گەۋدىسى تۇتاشتۇرۇش ئوربىتىسىغا كىردى، خىزمەت ھالىتى ياخشى بولۇپ، شېنجوۋ 23 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىش ۋە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كىرىپ ئورۇنلىشىش شەرتىنى قاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.