□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا
تەكلىماكان قۇملۇقى 337 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، دۇنيادىكى 2 - چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىپايان قۇم دېڭىزىغا بىر «يېشىل شارپا» تاقاش نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان بولسۇن!
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى رايون ئەھۋالى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، چۆللىشىشنى ئىلمىي تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىپ، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچەپ، پەن - تېخنىكىغا دائىر سىياسەتنىڭ كۈچ قوشۇشىغا تايىنىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇم تىزگىنلەش، قۇم تۇراقلاشتۇرۇپ يېشىللىقنى گۈللەندۈرۈش، قۇم تىزگىنلەپ خەلقنى بېيىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «ئادەم بىلەن قۇم ئىناق بولغان» ئۆزگىچە قۇم تىزگىنلەش يولىنى تېپىپ چىقتى.
2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدىگەن قۇم توسۇش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغى تۇتاشتۇرۇلدى. 2025 - يىلى تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى 21 نۇقتىلىق ناھىيە، شەھەر 9 مىليون 382 مىڭ 200 مو يەردە گىرۋەك قاشالاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى تاماملىدى، قاشالاش كەڭلىكى 110 مېتىردىن 7500 مېتىرغىچە ئوخشاش بولمىغان دائىرىدە كېڭەيتىلىپ، «يېشىل شارپا» بارغانسېرى قېلىن توقۇلدى. شۇ يىلى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشى «2025 - يىللىق دۇنياۋى ئون چوڭ قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيىتى»گە تاللاندى.
مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ قۇم تىزگىنلەش ئىدىيەسى، يىرىك پىلانى، پەن - تېخنىكىسى، سىياسىتىنىڭ ئىلمىي ئەمەلىيىتى بار، ئادەم بىلەن قۇمنىڭ مۇناسىۋىتىدە بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنماقتا.
ئىدىيە جەھەتتە ئالدىدا مېڭىش
قۇمنى تونۇغاندىلا، ئاندىن قۇمنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ
شىنجاڭنىڭ قۇم تىزگىنلەشتىكى ئاساسىي قاتلام لوگىكىسى بىر تۈپ خاراكتېرلىك ئىلمىي تونۇشتىن باشلانغان.
«قۇملۇقنىڭ ئۆزى يەرشارى ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىكى بىرخىل ئىپتىدائىي ھالەت. بىزنىڭ تۈزەش نىشانىمىز قۇملۇقنى يوقىتىش ئەمەس، بەلكى قۇملۇقنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنى توسۇپ، ئىنسانلار ياشاشتا ئېھتىياجلىق بولغان بوستانلىق ۋە ئېتىزلارنى قوغداش.» بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جىگاڭ شىنجاڭنىڭ قۇم تىزگىنلەشتىكى ئاساسىي مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويدى: قۇملۇق يوقىتىلىدىغان دۈشمەن ئەمەس، بەلكى ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك تەبىئىي مەۋجۇتلۇق.
بۇ پىكىر يولىغا ئەمەل قىلىپ، شىنجاڭ تىزگىنلەش چېگراسىنى ئايدىڭلاشتۇردى: دىققەتنى قۇملۇق چېتى بوستانلىقىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق گىرەلەشكەن بەلباغ ۋە ئىنسانلار پائالىيەت رايونىغا نۇقتىلىق مەركەزلەشتۈردى، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون تەسىس قىلىش ئارقىلىق سۈنئىي كاشىلىنى ئىمكانقەدەر ئازايتتى. تېخنىكا تاللاش جەھەتتە، ئالدى بىلەن يۇلغۇن، سۆكسۆك قاتارلىق دەرەخ تۈرلىرىنى تاللاپ، سۇغا قاراپ يېشىللىقنى بېكىتىپ، سۇغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يۇقىرى زىچلىقتىكى «يېشىل سېپىل»نى قوغلاشماي، بەلكى تەبىئەتكە تەقلىد قىلىنغان بۆلەكسىمان، بەلباغسىمان يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئەندىزىسىنى قوللاندى.
قۇملۇققا بولغان دەل مۇشۇ خىل ئىلمىي ئورۇن بېكىتمىسى شىنجاڭنى قۇم تىزگىنلەشتە تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان يولغا باشلىدى.
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان چەرچەن ناھىيەسى ئىلگىرى شىنجاڭدىكى قۇم - بوران خەۋپى ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرى ئىدى، ناھىيە بازىرى بىلەن قۇملۇقنىڭ ئارىلىقى ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقىتتا پەقەتلا ئىككى كىلومېتىر كېلەتتى. چەرچەن ناھىيەسى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش - قۇم تىزگىنلەش خىزمەت پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى پاتىگۈل ياسىن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «كۆچەت تىكىشكىلا تايانساق بولمايتتى، كۆچمە قۇم بارخانلىرى بەك تېز يۆتكەلگەچكە، كۆچەتلەرنى تىكىپ بولۇشىمىزغىلا قۇمغا كۆمۈلۈپ قالاتتى.» قۇم - بوراننىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە بولغان ئىلمىي تونۇش ئاساسىدا، چەرچەن ناھىيەسى «ئالدى بىلەن قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇم تۇراقلاشتۇرۇش، ئاندىن بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش» يولىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى − ئالدى بىلەن ئېگىز ئۆرە شەكىللىك قومۇش قۇم توسۇقى قۇرۇپ، كۆچمە قۇمنى توسۇپ، ئاندىن سۆكسۆك، يۇلغۇن تىكتى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان، كەڭلىكى ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان يېشىل توسۇق قۇملۇقنىڭ چېتىدە قەد كۆتۈردى. چەرچەن ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى تاغئېرىق كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەمتىمىن مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى ئەتىياز، كۈز پەسلىدە، خوتۇنۇم بىلەن بۇ جايغا كېلىپ ئىشلەپ توشقانزەدىكى كولايمىز، كۈندە 500 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپالايمىز.» قۇم تىزگىنلەش شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاستا - ئاستا ئۆزگەرتمەكتە ئىدى.
تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش
«قۇم مودېلى» دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى
غايەت زور «قۇم مودېلى»نى قانداق قىلغاندا تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭ «قەيەردە ئىشلەش» «قانداق ئىشلەش»تىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق مەسىلىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىشى كېرەك ئىدى.
تەپسىلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ پىلانلاش ئارقىلىق، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «بىر چەمبەر، ئىككى رايون، ئۈچ لىنىيە»دىن ئىبارەت ئاساسىي جەڭ مەيدانىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى؛ شىمالىي شىنجاڭدا دىققەتنى قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككى رايون، ئۈچ لىنىيە، تۆت بەلباغ»دىن ئىبارەت تۈزەش رايونىغا ئايرىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى «جەنۇبتا گىرۋەكنى توسۇش، شەرقتە كېڭەيتىش، شىمالدا ئاشۇرۇش، غەربتە قوغداش، ئوتتۇرىدا توسۇپ زەربە بېرىش»تىن ئىبارەت بەش سەپنى چۆرىدەپ ماس ئالغا سىلجىتىلدى؛ شىمالىي شىنجاڭدا چۆللۈكنى سۇغىرىپ ئوت - چۆپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ مۇستەھكەملەش بويىچە ئاساسىي ھۇجۇم قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەمۇرىي پاسىلنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ نۇقتا، لىنىيە، دائىرە بىرلەشتۈرۈلگەن، گىرۋەك قاشالاشتا بوشلۇق قالدۇرۇلمىغان ئېكولوگىيەلىك مۇداپىئە تورىنى بەرپا قىلدى.
خوتەن ۋىلايىتى 220 كىلومېتىرلىق گىرۋەك قاشالاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش ئومۇمىي لىنىيەسىنى بىرلەشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچ. شۇ جاي «ئاساندىن قىيىنغا ئۆتۈش، پەلەمپەيسىمان ئالغا سىلجىتىش»دىن ئىبارەت پىكىر يولى بويىچە، ئالدى بىلەن سىرتقى دائىرىدە كەڭ ئىھاتە ئورمان بەلبېغى بەرپا قىلىپ، ئاندىن ئىچكىرىسىگە قاراپ تەدرىجىي ئالغا سىلجىتتى. ئوخشاش بولمىغان قۇم بارخانلىرىنىڭ تىپى ۋە شامال سۈرئىتى - شامال يۆنىلىشىگە ئاساسەن، ئايرىم - ئايرىم ھالدا قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇم تۇراقلاشتۇرۇش، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تېخنىكا بىرىكمىسىنى قوللاندى. 2024 - يىلى، خوتەن ۋىلايىتى گىرۋەك قاشالاش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. كېرىيە ناھىيەسى سۆكسۆك، قىزىلگۈل قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بوراندىن مۇداپىئەلىنىش توسۇقى بەرپا قىلدى، ناھىيە بويىچە يىللىق قۇم - بورانلىق ھاۋارايى كۈن سانى 179 كۈندىن 128 كۈنگە ئازايدى.
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە، پىلانلاش تارماقلىرى يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرگۈزۈپ، شۇ جاينىڭ كۈن نۇرى چۈشۈش مول بولۇش، يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىنېراللىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، «يورۇقلۇق ۋولت + قىرتاق، شورلۇق سۇ + تېمىتىپ سۇغىرىش» بىرىكمە ئەندىزىسىنى لايىھەلىدى، نۆۋەتتە بۇ پىكىر يولى نۇرغۇن ناھىيە، شەھەردە كېڭەيتىلدى.
قوش چاقنى قوزغىتىش
ئىلمىي قۇم تىزگىنلەشنى پۇختا قەدەمدە ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش
ئىلمىي قۇم تىزگىنلەش پەن - تېخنىكا تىرىكى ۋە سىياسەت كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇ ئىككىسى خۇددى ئاپتوموبىلنىڭ ئىككى چاقىغا ئوخشايدۇ.
پەن - تېخنىكا جەھەتتە، شىنجاڭ مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى تەشكىللەپ، ئۈچ قۇم تىزگىنلەش تەجرىبە پونكىتىغا تايىنىپ ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يەرلىك ئېكولوگىيە قۇرۇلۇش ئۆلچىمىدىن جەمئىي 234 تۈرنى تۈزۈپ، 283 تۈرلۈك پەن - تېخنىكا نەتىجىسىنى شەكىللەندۈردى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم قۇملۇقتا لوپنۇر كەندىرى تېرىشقا ئىشلىتىلىپ، ئورەك كولاش، مايسا سېلىش، توپا يېپىش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرى ئاپتوماتىك تاماملاندى، بىر كۈندە ئون نەچچە مو يەردىكى ئىشنى تاماملىغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۈنۈمى ۋە ئەي بولۇش نىسبىتى ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئىشلەشتىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. شايار ناھىيەسى يورۇقلۇق ۋولتتىن توك چىقىرىش ئارقىلىق سۇ پومپىسىنى قوزغىتىپ قىرتاق، شورلۇق سۇنى تارتىپ، ئۇنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن تېمىتىپ سۇغىرىپ ئورمان بىنا قىلدى، سۆكسۆكنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %85تىن ئاشتى. كېرىيە ناھىيەسى قۇم تىزگىنلەش تەجرىبە پونكىتىغا تايىنىپ، توشقانزەدىكىدىن يۇقىرى، مۇقىم ھوسۇل ئېلىش تېخنىكا ئۆتكىلىگە سىجىل ھۇجۇم قىلدى، نۆۋەتتە ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %85ىنى ئىگىلەپ، 40تىن ئارتۇق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
سىياسەت جەھەتتە، شىنجاڭ «قۇم تىزگىنلەشكە دائىر توققۇز ماددا»نى ئېلان قىلىپ، مەبلەغ، سۇ ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىش، يەر ئىشلىتىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ قىيىن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلەندى. 138 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا مەدەت بەردى. قۇملۇق يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى جانلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى تىزگىنلىسە 70 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئايدىڭلاشتۇردى. مەملىكەت بويىچە يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش تۈرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ھوقۇقى ئالدى بىلەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە چۈشۈرۈپ بېرىلدى.
سىياسەت باغلىقى بوشىتىلىپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقى ئۇرغۇتۇلدى. خوتەن ۋىلايىتى «يەرنى كەنتلەرگىچە ئايرىش، ھوقۇقنى ئائىلىلەرگىچە بېكىتىش»نى يولغا قويۇپ، قۇملۇق يەرنى ھۆددە ئېلىش ھوقۇقىنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەربىر ئائىلە 20 مودىن 50 موغىچە يەرگە ئېرىشىپ، پايدىنىڭ ھەممىسى دېھقانلارغا تەۋە بولدى. نۆۋەتتە ۋىلايەت بويىچە 791 مىڭ 100 مو قۇملۇق يەر ئاجرىتىلىپ، 17 مىڭ 900 ئائىلىنىڭ ھوقۇقى بېكىتىلىپ، 68 مىڭ ئامما نەپكە ئېرىشتى. يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېھقان ئابدۇسالام تالىپ 30 مو قۇملۇق يەرنى ھۆددە ئېلىپ، سۆكسۆك ۋە توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈپ، يىللىق كىرىمىنى 30 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. «ئىلگىرىكى قۇمدىن قورقۇش ھازىر قۇمغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىش»قا، «پاسسىپ قۇم تىزگىنلەش» «ئاكتىپ قۇم تىزگىنلەش»كە ئۆزگەردى. بايىنغولىن ئوبلاستى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش يىغىنى ئېچىپ، كارخانىلارنى 208 مىڭ 600 مو قۇملۇقنى تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، 4640 ئىش ئورنى يارىتىپ، كىشى بېشى كىرىمنى 15 مىڭ يۈەن ئاشۇردى.
پەن - تېخنىكا بىلەن سىياسەتتىن ئىبارەت قوش چاقنىڭ قوزغىتىشى ئەمەلىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى. شىنجاڭدا قۇملۇقتا ئۆستۈرۈلگەن ئىقتىسادىي زىرائەت كۆلىمى 10 مىليون 834 مىڭ 100 موغا يېتىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 29 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى. «ئېكولوگىيە ساياھىتى +مەدەنىيەت»نىڭ يۇغۇرۇلۇشى قۇملۇق مەنزىرىسىگە ئىگە جايلارنى «توردا ئالقىشلانغان داكا جاي»غا ئايلاندۇردى، شايار ناھىيەسىدىكى توغراقلىق، خوتەن ناھىيەسىدىكى فېيسۈيخۇ كۆلى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى.
ئىلگىرىكى «قۇمدىن قورقۇش»تىن ھازىرقى «قۇمدىن پايدىلىنىش»قىچە، «قۇم بىلەن دۈشمەنلىشىش»تىن «قۇم بىلەن بىللە ياشاش»قىچە، شىنجاڭ ئەمەلىيەت ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قۇملۇقنى ئىلمىي تونۇغاندىلا، قۇملۇقنى ئىلمىي تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يېڭى يولى «يېشىل شارپا»نى بارغانسېرى پۇختا توقۇپلا قالماي، يەنە دۇنياۋى چۆللىشىشنى تىزگىنلەشكە جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى قوشتى.






