

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھام بېرىش ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، بىر - بىرىگە زىت ئەمەس. قاتتىق بولۇش كۆپچىلىكنى جانسىز باشقۇرۇپ، كىشىلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان، دادىل ئىش قىلالمايدىغان، چۈشكۈن، ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان بۇرۇقتۇرما ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش بولماستىن، بەلكى يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قائىدە تۇرغۇزۇش، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا پايدىلىق ياخشى مۇھىت يارىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى يەنىمۇ قوزغاشتىن ئىبارەت.
—— 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى خالاش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ماھىرلىق بىلەن زىممىگە ئېلىشنى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى






