5-ئاينىڭ 22-كۈنى، «جۇڭگو جانلىقلار تۈرى تىزىملىكى 2026-يىللىق نۇسخىسى» سىرتقا ئېلان قىلىندى. جۇڭگو جانلىقلارنى تۈرگە ئايرىش ئىلمى ساھەسى بويىچە ئەڭ نوپۇزلۇق، قاپلاش دائىرىسى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك بولغان يىللىق توپلام نەتىجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى نۇسخىدىكى تىزىملىكتە، شىنجاڭدىكى ئېرتىش دەرياسى ۋادىسىدىن چىقىدىغان بىر خىل جانلىق تۈرى ___ تار قىسقۇچ پەنجىلىك راك (ئىلمىي نامى: Pontastacus leptodactylus) تىزىملىككە رەسمىي كىرگۈزۈلدى.
2023-يىلى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ دوتسېنتى لى بىن پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى باشلاپ، ئېرتىش دەرياسى ۋادىسىدا تۇنجى قېتىم تار قىسقۇچ پەنجىلىك راكنىڭ تەبىئىي ياۋا تۈر توپىنى بايقىغان. جانلىقلار ئىلمى بويىچە باھالاش ۋە مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈرۈش، شۇنداقلا مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنىڭ باھالىشى بىلەن، بۇ خىل جانلىق تۈرىنىڭ دۆلىتىمىزدە تۇنجى قېتىم خاتىرىلەنگەن تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ، شىنجاڭدىكى تەبىئىي ئېقىنلاردا قىسقۇچ پەنجىلىك راك بولماسلىق بوشلۇقىنى تولدۇردى. بۇ بايقاش سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىلمى ساھەسىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات تېببىي شۆيۈەنى تەجرىبىخانىسىدا، شىنجاڭ جېمىنەي تار قىسقۇچ پەنجىلىك راكى پەن-تېخنىكا گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قىسقۇچ پەنجىلىك راكنىڭ كېسىپ ئېلىنغان جىنسىي بەز توقۇلمىسىنى كۆزەتمەكتە. جاڭ گې فوتوسى
تار قىسقۇچ پەنجىلىك راك ئېرتىش دەرياسى ۋادىسىغا تەبىئىي تارقالغان سوغۇق سۇ قىسقۇچ پەنجىلىك راكى بولۇپ، تېنى چوڭ، گۆش چىقىش نىسبىتى يۇقىرى، گۆشى تاتلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، يەككە ئېغىرلىقى 350 گىرامدىن ئاشىدۇ، چىشى راك بىر قېتىمدا 200دىن 1200گىچە بالا راك تۇغىدۇ، ئۇ ئەلا سۈپەتلىك سۇ مەھسۇلاتى گېرمپلازما بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. تار قىسقۇچ پەنجىلىك راك شىنجاڭنىڭ سوغۇق سۇ مۇھىتىغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، قىشتىن تەبىئىي ئۆتەلەيدۇ، بېقىش تەننەرخى تۆۋەن، مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىقبالى پارلاق.

شىنجاڭدا يېتىشتۈرۈلگەن تار قىسقۇچ پەنجىلىك راك تۇغقان بالا راكنىڭ ئەڭ ئۇزۇنلىرى 10 سانتىمېتىر كېلىدۇ ( ماتېرىيال سۈرەت). سۈرەتنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى تەمىنلىگەن
بۇ تۈر بايقالغاندىن كېيىن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى يەرلىك ھۆكۈمەت، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تېزدىن كەسپىي تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىش، سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىش، كېسەللىك زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلدى.
2025-يىلى، 29 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان جېمىنەي ناھىيەسى ئېرتىش دەرياسى قىسقۇچ پەنجىلىك راك كەسپلەر باغچىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىپ بېقىش، بايلىقنى قوغداش، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كېڭەيتىشنى بىر گەۋدە قىلغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك كەسىپ بازىسى قۇرۇلۇپ، راك بالىسىدىن 4 مىليونى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈلدى، بۇ تار قىسقۇچ پەنجىلىك راكنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىپ بېقىش تېخنىكىسىنىڭ كۆلەملەشتۈرۈپ-مىقدارلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بەردى.
شۇ يىلى ئالتاي بېلىقچىلىق چەكلىك شىركىتى قىسقۇچ پەنجىلىك راكنى شورلۇق سۇدا بېقىشنى قانات يايدۇرۇپ بۆسۈش ھاسىل قىلدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى تاۋار قىسقۇچ پەنجىلىك راك بازارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىردى. بۇنىڭدىن سىرت، ئالتاي ۋىلايىتى قىسقۇچ پەنجىلىك راكنى «شىمالدا كۆپەيتىش، جەنۇبتا بېقىش» ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىمال تەرەپتە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ دەۋرىيلىكى قىسقا بولۇش، جەنۇب تەرەپتە قىش پەسلىدە بېقىلىدىغان قىسقۇچ پەنجىلىك راك تۈرى ئاز بولۇش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى بالا راكلار شەندۇڭ، خۇبېي، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردا قىشتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى، شىنجاڭدا يېتىشتۈرۈلگەن قىسقۇچ پەنجىلىك راك چۆل-باياۋاندىكى تەجرىبە ئېتىزىدىن پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يەتكۈزۈلدى.
«تار قىسقۇچ پەنجىلىك راكنىڭ دۆلەت تۈر تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىشى جۇڭگو ئۈچۈن ئەلا سۈپەتلىك سوغۇق سۇ قىسقۇچ پەنجىلىك راك گېرمپلازما بايلىقى يارىتىپ قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشتا ئاچقۇچلۇق بىر قەدەمنى تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بەردى». جۇڭگو سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىلمىي تەتقىقات يۇرتى خۇاڭخەي دەرياسى سۇ مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، راك-قىسقۇچپاقا نەسىللىك تۈرىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ساھەسىدىكى باشلامچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئالىم لى جيەن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭغا پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گېرمپلازما بايلىقىنى باھالاش، قوغداشتىن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئېچىشقىچە ھەر تەرەپلىمە كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ بۇ خاس سورتىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تېخىمۇ كەڭ بازارلارغا يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.






