□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بويۈ
«جاڭ مۇئەللىم، ئاخىر كەلدىڭىز!»
5 - ئاينىڭ باشلىرىدا، خوتەن ناھىيەسىدىكى بېدە ئۆستۈرۈش بازىسىدا، تېرىسى ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن، سەل مۈكچىيىپ قالغان بىر تونۇش سىيمانى يىراقتىن كۆرۈپ، قېيۇم كېرىمۇللا بىلەن ئۇنىڭ مەكتەپداش ئۇكىسى تېز ئالدىغا بېرىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئوتلاقچىلىق شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى جاڭ شۇجېننىڭ قولىنى ئىككى تەرەپتىن تۇتۇۋالدى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى.
ئاپتونوم رايوننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەك كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىدىكى مۇتەخەسسىس بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ شۇجېننىڭ بۇ قېتىم بۇ جايغا كېلىشى بۇ يىل غەربىي شىمال رايونىدا يەم - خەشەك قىلىنىدىغان تۇنجى ئېڭىز بېدىنى ئورۇشقا گۇۋاھ بولۇش ئۈچۈن ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇچرىتىپ قالدى.
بېدە ئېتىزىغا كەلگەندە، قېيۇم سەل تارتىنغان ھالدا مۇنداق سورىدى: «مۇئەللىم، يەم - خەشەكنىڭ قۇرغاق - ھۆللۈك دەرىجىسىگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز، ئۆنچىنى قايسى چاغدا تايلىساق مۇۋاپىق بولىدۇ؟ ئەمەلىي مەشغۇلاتتا مەن تېخى قانداق قىلىشنى ئېنىق بىلمەيمەن، سىز بىزگە يەنە سۆزلەپ بېرىڭە.»
جاڭ شۇجېن ئارتۇق گەپ قىلماي، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بىر تۇتام بېدىنى تەتۈر يۆنىلىشتە تولغاپ، نەق مەيداندا كۆپچىلىككە پەرقلەندۈرۈش ماھارىتىنى كۆرسەتتى: «قولىمىز دەل ئەڭ ياخشى ئۆلچەم. ئوت - چۆپنىڭ غولى قۇرۇپ كەتسە بىرلا تولغىسا ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، نەملىكىنىڭ تۆۋەنرەك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئوت - چۆپ غولىدىن يەنە شىرنە چىقارغىلى بولسا، ئاپتاپقا سېلىشنىڭ يەنە زۆرۈر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەگكىلى بولسا، لېكىن سۇنمىسا، قۇرغاق - ھۆللۈك دەرىجىسى دەل جايىدا بولغان بولۇپ، بۇ چاغدا تايلاشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ.» قېيۇم بىلەن ئۇنىڭ مەكتەپداش ئىنىسى تەپسىلىي ئاڭلىغاچ ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، ناھايىتى تېزلا مۇھىم نۇقتىلارنى ئىگىلىۋالدى.
قېيۇم جاڭ شۇجېن كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىگەن ئاسپىرانت. ئەينى يىلى، شۆيۈەندىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار قوش يۆنىلىشلىك تاللاش ئېلىپ بارغاندا، قېيۇم ئىلىم تەتقىقاتىدا ناھايىتى ئەستايىدىل، سالماق، ئەمەلىيەتچىل بولغان جاڭ شۇجېننى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىققا تاللىغانىدى.
مەكتەپتىكى مەزگىلدە، جاڭ شۇجېن قېيۇمغا يەم - خەشەك ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي بىلىملىرىنى تولۇق سۆزلەپ بەردى، يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن نەق مەيداندا پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ بېرىپ، بېدە ئۆستۈرۈش، ئورمان ئارىسىغا ئوت - چۆپ تېرىش، سۈپەتلىك ئۇرۇقنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئەمەلىي تېخنىكىلار بويىچە ئۇنىڭغا قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلدى. مول ئېتىز - ئېرىق ئەمەلىي مەشغۇلات جۇغلانمىسىغا تايىنىپ، قېيۇم پۇختا ماھارەت يېتىلدۈردى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىدىكى بىر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كارخانىسىغا ئىشقا چۈشۈپ، كەسپىي تېخنىكىسى ئارقىلىق شۇ جاينىڭ يەم - خەشەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.
بىرنەچچەيلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، جاڭ شۇجېننىڭ يان تېلېفونى سايرىدى. «جاڭ مۇئەللىم، سىز قاچان كېلىسىز؟ بىز سىزنى ساقلاۋاتىمىز!» تېلېفون قىلغىنى جاڭ شۇجېننىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ياد ئېتىپ كەلگەن قەدىناس دوستى چاغدىر ئىدى.
چاغدىر بايىنبۇلاق يايلىقىدا تۇراتتى. نەچچە يىل ئىلگىرى، شۇ جايدىكى چارۋىچىلار داۋاملىق ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق - باقمىچىلىق شەكلىنى قوللىناتتى، ئىلمىي تېرىقچىلىق - باقمىچىلىق تېخنىكىسىغا نىسبەتەن ئەندىشىسى بار ئىدى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئوتلاقلار ئۈزلۈكسىز چېكىنىپ، ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۆسۈشى بارغانسېرى ناچارلىشىپ، باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشمۇ قىيىنلاشتى.
يېقىنقى نەچچە يىلدا، جاڭ شۇجېن پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى باشلاپ نەچچە قېتىم چارۋىچىلىق رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، چارۋىچىلارنى زىيارەت قىلىپ، ئوتلاقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق - باقمىچىلىق بىلىملىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوتلاقنى تولۇقلاپ تېرىش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلارنى نەق مەيداندا ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتتى. كۈنلەپ - كۈنلەپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە يار - يۆلەك بولۇش ئارقىلىق، كوللېكتىپ كەسپىي پوزىتسىيەسى ۋە سەمىمىيىتى بىلەن چارۋىچىلارنى چىن قەلبىدىن تەسىرلەندۈردى، ئەمەلىي نەتىجىمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.
شۇ جايدىكىلەر ئارقا - ئارقىدىن يەرنى ئاغدۇرماي تولۇقلاپ تېرىش، سۇ باشلاپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئوت - چۆپ تېرىپ، مىكرو ئورگانىك باكتېرىيەلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشنى ماسلاشتۇرۇپ ئوت - چۆپلەرنىڭ ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرۇشچانلىقىنى ئاشۇردى. بىر مەھەل شالاڭ، سارغىيىپ كەتكەن ئوتلاق قايتىدىن يېشىللىققا پۈركەندى، بۈگۈنكى كۈندە ئوت - چۆپلەر بۈك - باراقسان ئۆستى، چارۋا باقمىچىلىقىنىڭ ئۈنۈمى يىلدىن - يىلغا ئاشتى، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى باياشاتلىققا، خاتىرجەملىككە تولدى. ئىلگىرى يېڭى تېخنىكىنى سىناپ بېقىشنى خالىمىغان چارۋىچىلار بۈگۈنكى كۈندە پەن - تېخنىكىنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىققا كۈچ قوشۇش پايدىسىنى كۆرۈپ، دائىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاڭ شۇجېننىڭ كوللېكتىپىغا تېلېفون قىلىپ، تېرىقچىلىق - باقمىچىلىققا دائىر قىيىن مەسىلىلەر توغرىسىدا مەسلىھەت سورايدىغان بولدى.
تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن، جاڭ شۇجېن ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ خېلى بۇرۇنلا يېڭى تېخنىكىنى ئېلىپ، بۇ ئوتلاق ئۇچرىشىشىغا ئاتلىنىشقا تەقەززا بولغانىدى. «بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ يۇرتىمىزنى تېخىمۇ يېشىللىققا پۈركەش، مەنزىرىسىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ باياشاتلىققا تولدۇرۇش.» تېلېفوننى قويۇپ جاڭ شۇجېن ھاياجانلانغان ھالدا ئەنە شۇنداق دېدى، يېنىدىكى كىشىلەر بەس - بەستە بېشىنى لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلىدى.
«كەلدىڭىزمۇ» دېگەن بىر جۈملە قىزغىن ئەھۋاللىشىشقا، «ھەممىمىز سىزنى ساقلاۋاتىمىز» دېگەن بىر ئېغىز سەمىمىي سۆزگە يېڭىچە دېھقانلار ۋە ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق - باقمىچىلىق تېخنىكىسىغا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئىشەنچى مۇجەسسەملەنگەن. ھازىر، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قول تۇتۇشۇپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك ئوت - چۆپ سورتىنى شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق - باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتتى، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات يولى ماڭغانسېرى كېڭەيمەكتە.






