تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بارلىق شەيئىلەر بىللە ياشىماقتا

باش ياز مەزگىلىدە، سۇ قۇشلىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى گاۋجياخۇ سۇلۇق يېرىدە پەرۋاز قىلماقتا. بۇ ناھىيەنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ جايدىكى قۇش تۈرلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. □ جۇڭ ۋېيلياڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا

شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈچ تاغ ئارىسىدا ئىككى ئويمانلىق بولۇشتەك ھەيۋەتلىك يەر شەكلىگە ئىگە، مۇزلۇق، ئوتلاق، چۆللۈك، كۆل، سۇلۇق يەر گىرەلىشىپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، دۆلىتىمىزدىكى قۇرۇقلۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئەڭ مول، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەڭ ئۆزگىچە رايونلارنىڭ بىرى. بۇ جاي ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ياۋايى جانلىق تۈرلىرىنىڭ مۇھىم گېن ئامبىرى، 760 خىلدىن ئارتۇق ياۋايى ئومۇرتقىلىق ھايۋان، 4400 خىلدىن ئارتۇق ياۋايى ئالىي دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك بۇ جايدا كۆپىيىپ ياشايدۇ، يىلپىز، ياۋا تۆگە، پىرژىۋالىسكى ياۋا ئېتى، مېڭشىن قۇندۇزى قاتارلىق ئەتىۋارلىق جانلىقلار تۈرىنىڭ ھەممىسى تەبىئەتنىڭ قىممەتلىك سوۋغىسى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈر بايلىقىنى قوغداش، ئېكولوگىيەلىك ياشاش ماكانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزۈم، قانۇنچىللىق ئارقىلىق قوغداشتىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلچەم بويىچە سىجىل كۈچەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىنى سىزىپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشتى.

تۈرلەرنى قوغداش

ئەتىۋارلىق جانلىقلارنىڭ ئەركىن كۆپىيىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىش

جانلىقلار كۆپ خىللىقىنىڭ يادروسى تۈرلەرنىڭ كۆپ خىللىقىدا بولۇپ، ھەربىر تۈرنىڭ ھەممىسى ئېكولوگىيە زەنجىرىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھالقا ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ دىققەتنى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەتىۋارلىق تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداشنى يولغا قويدى، تۈرلەر توپى سانىنىڭ مۇقىم قەدەمدە قايتا ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ياۋايى ھايۋانلار - ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش نىسبىتىنى ئايرىم - ئايرىم %75 ۋە %80كە يەتكۈزۈپ، تۈرلەرنى قوغداش بويىچە بىر پارچە يارقىن جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى.

ئېگىز تاغ ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىكى بايراقدار جانلىقلار تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىلپىز ئېكولوگىيە ساغلاملىقىنىڭ «بارومېتىر»ى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ياشاش ماكانى پارچىلىنىش، قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، يىلپىز تۈر توپى بىر مەھەل يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ تىيانشان، كوئېنلۇن تېغىدىكى ئېگىز ۋە تىك چوققىلار ئارىسىدا، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئارقىلىق يىلپىزنىڭ سىيماسى پات - پات سۈرەتكە تارتىۋېلىنىدىغان بولدى − ئۇلار ياكى قىيا تاشلاردا ئۆزى يالغۇز سەيلە قىلاتتى، ياكى بالىلىرىنى ئېلىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەشكە چىقاتتى، ئۇلارنىڭ ساغلام قىياپىتى تۈر توپىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. 2026 - يىلى 1 - ئايدا، شىنجاڭ تۇنجى قېتىم يىلپىزغا سۈنئىي ھەمراھ ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ، بۇ جەلپكار تۈرنى دەل جايىدا كۆزىتىش - ئۆلچەشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، يىلپىزنى قوغداشنىڭ ئىلمىيلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش يېڭى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى يىلپىزلارنىڭ ياشاش ماكانى كۆلىمى سىجىل كېڭىيىپ، تۈر توپى سانى مۇقىم قەدەمدە ئېشىپ، دۇنيا بويىچە يىلپىزنى قوغداشتىكى ئۈلگىلىك رايونغا ئايلاندى.

چۆل - باياۋاندا پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ چېپىپ يۈرگەن سىيماسى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش مۆجىزىسىنى پۈتمەكتە. يەرشارىدا ھايات قالغان بىردىنبىر ياۋا ئات تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ ئىلگىرى بىر مەھەل دالىدا نەسلى قۇرۇپ كەتكەنىدى. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭ پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنى قايتا كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ئون نەچچە يىل سۈنئىي كۆپەيتىش، ياۋايىلاشتۇرۇپ مەشىقلەندۈرۈش، دالىغا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە قارامايلى دۆلەت باغچىسى نامزات رايونىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى دالا تۈر توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ ئۆزى كۆپىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشتىن يوقىلىش خەۋپىدىن قۇتۇلۇشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى تاماملاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەتىۋارلىق تۈرلەرنى قايتا كىرگۈزۈپ قوغدىشى بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىگە ئايلاندى.

سۇ رايونىدىكى سۇلۇق يەرلەر ئارىسىدا، «ئېكولوگىيە ئىنژېنېرى» ھېسابلىنىدىغان مېڭشىن قۇندۇزىنىڭ قايتىپ كېلىشى تۈرلەرنى قوغداشنىڭ ئىنچىكە، ئەتراپلىق بولغانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتا. ئۇلۇنگۇر دەرياسى ئېقىن رايونى مېڭشىن قۇندۇزىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى بىردىنبىر ياشاش ماكانى ھېسابلىنىدۇ، ئىلگىرى، بۇ جايدا ئېقىن ئۈزۈلۈپ قېلىش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش سەۋەبىدىن، مېڭشىن قۇندۇزى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. بۇ ئەتىۋارلىق تۈرنى قوغداش ئۈچۈن، 2022 - يىلى ئالتاي ۋىلايىتى ئانا دەريانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلاپ، ئېقىن رايونىدىن ھالقىپ سۇ تولۇقلاش، 1 مىليون تۈپ چاتقالسىمان سۆگەت تىكىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، قۇندۇزغا ماس كېلىدىغان ماكان ھازىرلاپ بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلۇنگۇر دەرياسىدا زۇمرەتتەك سۇ جىمىرلاپ تۇرىدۇ، دەريا قىرغىقىدا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، مېڭشىن قۇندۇزى تۈر توپىنىڭ سانى كۆپىيىپ 860تىن ئاشتى. ئۇلار توسما قوپۇرۇپ سۇ ساقلاپ، سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سىجىل يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشتىمۇ ئوخشاشلا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. شىنجاڭ قار لەيلىسى، خۇڭجىڭتيەن، تولىئاۋىي قاتارلىق ئەتىۋارلىق ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىي ئورنىدا قوغداپ، سۈنئىي يېتىشتۈرۈش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنسىز قېزىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بەردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 38 خىل ياۋا ئۆسۈملۈك «دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەر تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلۈپ، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى.

قارلىق تاغ چوققىسىدىن قاقاسلىق، چۆللۈكلەرگىچە، دەريا - ئېقىن سۇلۇق يېرىدىن ئوتلاق، چەكسىز ئورمانلىقلارغىچە، شىنجاڭنىڭ تۈرلەرنى قوغداش خىزمىتىدە «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش»تىن «مۇقىم ئەسلىگە كەلتۈرۈش»كىچە بولغان ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بارغانسېرى كۆپ ئەتىۋارلىق جانلىقلار بۇ تۇپراقتا ئەركىن كۆپىيىپ، ھاياتلىق نۇرىنى جۇلالاندۇردى.

ياشاش ماكانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

جانلىقلار ياشاشقا باب كېلىدىغان ماكان بەرپا قىلىش

ياشاش ماكانى تۈرلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، كۆپىيىشىنىڭ ئاساسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بوشلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ياشاش ماكانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۇتاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرى كۆپ خىل، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان جانلىقلار ئۈچۈن ياشاشقا باب كېلىدىغان ماكان بەرپا قىلدى.

تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا تارىخىي بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا تۈرلۈك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جايدىن 200دىن كۆپرەكى قۇرۇلۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 25 مىليون 820 مىڭ گېكتارغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىن 28ى قۇرۇلدى، ئومۇمىي كۆلىمى 183 مىڭ 500 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون كۆلىمىنىڭ %10.8ىنى ئىگىلىدى. بۇ قوغدىلىدىغان جايلار ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆللۈك قاتارلىق كۆپ خىل ئېكولوگىيە تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ياۋايى ھايۋانلار - ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش باغچىسىغا ئايلاندى.

سۇلۇق يەرنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، قۇرغاق رايوندىكى «ھاياتلىق بوستانلىقى»غا ئايلاندى. شىنجاڭ دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەر، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەر ۋە ئادەتتىكى سۇلۇق يەردىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجە بويىچە دەرىجىگە ئايرىپ قوغداش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا پۇختا ئاساس سالدى.

ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يېرى ئىلگىرى كۆل يۈزىنىڭ تارىيىشى سەۋەبىدىن قۇم - بوراننىڭ «مەنبە»سىگە ئايلىنىپ قالغانىدى، ئارتېمىيە قوڭغۇزى تۇتۇشنى چەكلەش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، نۆۋەتتە ئۆسۈملۈك تۈرى 385 خىلدىن 687 خىلغا كۆپىيىپ، كۆپلىگەن پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش ئۆتىڭىگە ئايلاندى. ناراتنىڭ ئېگىز تاغ چىملىق سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسى سىجىل ياخشىلاندى، 2023 - يىلى، 2024 - يىلى رەڭدار ئىبىسنىڭ كۆپىيىش ئۇۋىسى ئايرىم - ئايرىم 56 ۋە 210 بولۇپ، قۇشلار تۈر توپى مۇقىم ئاشتى. 2026 - يىلى 1 - ئايدا، شىنجاڭدا قىشلايدىغان سۇ قۇشلىرىنى ماس قەدەمدە كۆزىتىش - ئۆلچەش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا قىشلايدىغان سۇ قۇشلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 370 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى.

چۆللۈك ۋە ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى مۇستەھكەملەندى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشى «2025 - يىللىق دۇنياۋى ئون چوڭ قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيىتى»گە تاللاندى، سۆكسۆك ئورمىنى، يۇلغۇن ئورمىنى، جىگدە ئورمىنى قاتارلىقلاردىن بەرپا قىلىنغان «يېشىل سېپىل» قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، چۆللۈكتىكى تۈرلەرنى مۇقىم ياشاش ماكانى بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ گەنجياخۇ سۆكسۆك ئورمىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئاق سۆكسۆك ئورمىنى جايلاشقان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ يىل چارۋا بېقىشنى چەكلەش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئىلگىرى تارىيىپ كەتكەن سۆكسۆك ئورمىنىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى قايتىدىن ماكانىغا قايتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «تاغنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش، ئورماننى قوغدايدىغان ئادەم بولۇش»تىن ئىبارەت دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش - قوغداش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، يېقىنقى بەش يىلدا، دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى باشقۇرۇش - قوغداش ئۈنۈمى %30 ئېشىپ، ياشاش ماكانى بىخەتەرلىكى ئۈنۈملۈك قوغدالدى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ئېكولوگىيە بوشلۇقى سىجىل كېڭىيىپ، ياشاش ماكانىنىڭ سۈپىتى مۇقىم قەدەمدە ئۆسۈپ، پارچىلانغان ئېكولوگىيە بۆلەكلىرى تەدرىجىي تۇتاشتۇرۇلۇپ، «تۈر − ياشاش ماكانى − ئېكولوگىيە سىستېمىسى»دىن ئىبارەت ياخشى ئايلىنىش شەكىللىنىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممىلا جايىدا ھاياتىي كۈچكە تولغان ئېكولوگىيە مەنزىرىسى نامايان بولدى.

تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش

ئۇزاق ئۈنۈملۈك قوغداش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش

جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتا تۈزۈم كاپالەت، قانۇنچىللىق ئاساس. شىنجاڭ نىزام چىقىرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولۇش، باشقۇرۇش - قوغداشنى ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

قانۇن - نىزام سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، قانۇنچىللىق ئاساسى مۇستەھكەملەندى. شىنجاڭ مەۋقەنى رايون ئەھۋالى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، «دۆلەت قانۇنى +يەرلىك نىزام + يۈرۈشلۈك قائىدە»دىن ئىبارەت مۇكەممەل قانۇنچىللىق زەنجىرىنى بەرپا قىلدى. يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» 2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، ياۋايى ھايۋانلارنى ھەيدىۋېتىش، قوغلاش قاتارلىق قىلمىشلار ئېنىق چەكلىنىپ، قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە قانۇن جاۋابكارلىقى ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش نىزامى» يولغا قويۇلۇپ، «شىنجاڭنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەر تىزىملىكى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەر تىزىملىكى» ئېلان قىلىنىپ، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش قانۇن ئاساسىغا ئىگە قىلىندى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەبىئىي باغچە باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» تۈزۈپ چىقىلىپ، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاينى قۇرۇش - باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى.

قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا قاتتىق، ئەمەلىي بولۇپ، ئېكولوگىيە تۆۋەن چېكى قوغدالدى. شىنجاڭ ئورمان - ئوتلاق، گۇڭئەن، ئېكولوگىيە - مۇھىت قاتارلىق كۆپ تارماق بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، «مەيىن شامال» «تور قالقىنى» قاتارلىق مەخسۇس قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، قانۇنسىز ئوۋلاش، سودىلىشىش، ياۋايى ھايۋانلار - ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىش ھەم ياشاش ماكانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بوشلۇق، ئاسمان، يەر» بىر گەۋدىلەشكەن كۆزىتىش - ئۆلچەش تورى بەرپا قىلىپ، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئىز قوغلاش، 5G ئەشيا تورى قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، نۇقتىلىق تۈرلەر، ئاچقۇچلۇق ياشاش ماكانىغا قارىتا دائىملىق ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش - ئۆلچەشنى يولغا قويۇپ، «دەل جايىدا بايقاش، تېز بىر تەرەپ قىلىش، پۈتۈن مۇساپىلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. 2023 - يىلى، شىنجاڭ لوپنۇر ياۋا تۆگە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئارقىلىق قوڭۇر ئېيىقنىڭ ھەرىكەت كۆرۈنۈشى تۇنجى قېتىم سۈرەتكە تارتىلىپ، كۆزىتىش - ئۆلچەش سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشى نامايان قىلىندى.

باشقۇرۇش - قوغداش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام ئاساسى پۇختىلاندى. شىنجاڭ ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بەش دەرىجىلىك ئورمان باشلىقى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، قوغداش مەسئۇلىيىتىنى تاغ تۆپىسىدىكى پارچە يەر، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى. باشقۇرۇش - قوغداش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي قاتلام باشقۇرۇش - قوغداش قوشۇنى ئون نەچچە مىڭ ئادەمگە يېتىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغدايدىغان «ئېكولوگىيە مۇھاپىزەتچىسى»گە ئايلاندى. ياۋايى ھايۋانلارنى يىغىۋېلىش - قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا يىغىۋېلىش - قۇتقۇزۇش پونكىتى قۇرۇپ، يارىلانغان، ئېزىپ قالغان ياۋايى ھايۋاندىن جەمئىي مىڭدىن ئارتۇقنى قۇتقۇزۇپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مۇۋەپپەقىيەت نىسبىتىنى مۇقىم قەدەمدە ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، «دۇنيا ياۋايى ھايۋانلار - ياۋا ئۆسۈملۈكلەر كۈنى» «قۇشلارنى ئاسراش ھەپتىلىكى» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق قوغداش تەشۋىقاتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىدىغان، ئورتاق قوغدايدىغان ياخشى كەيپىياتنى ياراتتى.

نىزام چىقىرىش، قائىدە تۇرغۇزۇشتىن قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشقىچە، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشتىن ئومۇمىي خەلق قاتنىشىشقىچە، شىنجاڭ چىڭ تۈزۈم، قاتتىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق، ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئېنىق، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىجرا قىلىنىشى كۈچلۈك بولغان جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، قوغداش خىزمىتىدە ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش، رىئايە قىلىدىغان قائىدە بولۇش، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش بىلەن ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى قۇرۇلۇشى ماس ئالغا سىلجىتىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن يېشىل تەرەققىيات بىر - بىرىنى تولۇقلىدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.