تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلىگەن، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى پۇختا قەدەمدە ئاشقان، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 172 مىليارد 710 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 4 - ئايدىكى ئايلىق ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 62 مىليارد 720 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئاشقان. تاشقى سودىنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتى سىجىل ئۇرغۇتۇلۇپ، رايونلارغا توپلىنىش، قۇرۇلما ئەلالىشىش، ئاساسىي گەۋدە جانلىنىش، بازارلار كۆپ خىللىشىش، تۈر دەرىجىسى ئۆسۈش ياخشى ۋەزىيىتى نامايان بولغان.

تاشقى سودا رايونلىرىغا توپلىنىش ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولۇپ، باشلامچى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تىرەكلىك رولى سىجىل كۈچەيدى. ئالدىنقى تۆت ئايدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت تاشقى سودىدىكى تۆت چوڭ «باشلامچى» بولغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى جەمئىي 145 مىليارد 140 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %84ىنى ئىگىلەپ، رايوننىڭ باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك رولى يەنىمۇ كۈچەيدى.

سودا شەكلى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئادەتتىكى سودىنىڭ ئاساسىي موتورلۇق رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.8 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭ تاشقى سودا نىسبىتىنىڭ %59ىنى ئىگىلەپ، تاشقى سودىنىڭ ئېشىشىدىكى يادرولۇق تىرەككە ئايلاندى. چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى سودىسى شەكلىدىكى ئىمپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80 ئاشتى؛ تاشقى ھۆددە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان مال شەكلىدىكى ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %195.9 ئېشىپ، سودا كەسىپ ھالىتىنىڭ كۆپ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسى تېز شەكىللەندى.

تاشقى سودا تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلۇپ، ئۆزى ياراتقان ماركا ۋە ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ ئېكسپورت سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى. ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭ بويىچە ئىمپورت - ئېكسپورت خاتىرىسى بار تاشقى سودا كارخانىسى 3065كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.4 كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە پۇقراۋى كارخانىلار، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ سانى ئايرىم - ئايرىم %17.7، %51.2 ئاشتى. ئوخشاش مەزگىلدە، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ چېگرا ئىچىدە ئۆزى ياراتقان ماركىدىكى تاۋارلارنى ئېكسپورت قىلىشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.3 ئېشىپ، شىنجاڭ ئېكسپورت قىممىتىنىڭ %12.9ىنى ئىگىلىدى؛ شىنجاڭدىكى ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.8 ئېشىپ، شىنجاڭ ئېكسپورت قىممىتىنىڭ %7.4ىنى ئىگىلىدى.

يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنىڭ تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى سودا ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى. ئالدىنقى تۆت ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭ تاشقى سودا نىسبىتىنىڭ %87ىنى ئىگىلىدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئافرىقا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم - ئايرىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.1، %158.4 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.