− جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بىر ناھىيەنىڭ تەرەققىيات لوگىكىسى

5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، گۈلچى دېھقان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى يەتتە قىزىل كەنتىدىكى گۈل بازىرىدا قىزىلگۈل ساتماقتا. □جاڭ يۈن فوتوسى
■ئىستون سۆزى
گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى مۇھىم نىشان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختى، خاتىرجەملىكىگە تۇتىشىدۇ.
«15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ دائىرىسى كېڭەيتىلدى، جانلىق ۋە قالتىس بولدى. شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە توسۇقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭدى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى سىجىل بېيىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، يېشىل قۇۋۋەت كۈنسېرى كۈچەيدى. بۈگۈندىن باشلاپ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىدە «گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىندى، مۇخبىرلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت جەھەتتىكى ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۆپ نۇقتىدىن ئەكس ئەتتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ يېشىل تەرەققىيات ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدۇ. دىققىتىڭلاردا بولسۇن.
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ خۇڭ، پەرىزات ئابدۇل
5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، 9 - نۆۋەتلىك قىزىلگۈل مەنزىرىسى مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى ۋەنفاڭ كەنتىدە باشلاندى. قىزىل رەڭلىك گۈل دېڭىزى ئۇپۇققا سوزۇلغان بولۇپ، پۈتۈن رايون قويۇق قىزىلگۈل ھىدىغا تولغانىدى.
بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، يەنى 2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، كېرىيە ناھىيەسى ئويتوغراق يېزىسى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ۋەنخۇايۈەن» دېيىلدى)دا، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈپ قىزىلگۈل كۆچىتىنىڭ پۇختا كۆمۈلۈشىگە ئەگىشىپ، قۇملۇقنى چۆرىدىگەن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بارلىققا كەلدى.
«قۇم ئىلگىرىلەپ ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ قۇم چېكىنىش»كىچە، يەنە «گۈل ئارقىلىق كەسىپنى گۈللەندۈرۈش»كىچە − كېرىيە قۇملۇق گىرۋىكىدىكى ناھىيەنىڭ ئۆزگىچە تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى: ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈپ، قۇملۇقتىن گۈزەللىك ھاسىل قىلدى، ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، كەلگۈسىنى ياراتتى.
بۆسۈش ھاسىل قىلىش −
قۇملۇقتا كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىش
«ئىلگىرى بۇ قۇملۇق يەردە قىزىلگۈل ئۆستۈرگىلى بولمايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم» دېدى ئويتوغراق يېزىسى تاللىق ئېرىق كەنتىنىڭ ئاھالىسى روزى باقى ۋەنخۇايۈەندە ئېتىز بېشىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغىنىچە پورەكلەپ ئېچىلغان بىر تال ئەتىرگۈلنى ئۈزۈپ.
كېرىيە ناھىيەسى جەنۇبتا كوئېنلۇن تېغىغا، شىمالدا قۇملۇققا تۇتىشىدىغان بولۇپ، يىل بويى قۇرغاقچىلىق كۆپ، ھۆل - يېغىن ئاز بولىدۇ، قۇم - بوران كۆپ چىقىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقى دۇنيادىكى 2 - چوڭ كۆچمە قۇملۇق بولۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تارىختىن بۇيان كېرىيەلىكلەر ئۈچۈن ئەڭ سالمىقى بار مۇھىم تېما بولۇپ كەلگەنىدى. ئىلگىرى قۇم تىزگىنلەش ئۈچۈن سۆكسۆك تىكىش، يۇلغۇن تىكىشتە پەقەت قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بىرلا نىشان بار ئىدى. قۇم تۇراقلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن قۇملۇق يەردىن ھوسۇل چىقمىغاچقا، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى يۇقىرى ئەمەس ئىدى، «يىلمۇيىل قۇم تىزگىنلىسىمۇ يىلمۇيىل نامرات ئۆتۈش»تەك قىيىن ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاش بىر مەھەل تەسكە توختىغانىدى.
بۇرۇلۇش پىكىر يولىدىكى ئۆزگىرىشتىن كەلدى − قۇملۇقتا پۇل «ئۈندۈرگىلى» بولامدۇ؟
تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى نۇقتىلىق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېرىيە 76 كىلومېتىر قۇملۇق گىرۋىكىنى قاشالاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ۋەنخۇايۈەن ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە «قۇراشتۇرما سۈرەت» ئىدى. ناھىيە سىياسەت چىقىرىپ، قۇم تىزگىنلەش بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى قۇملۇقنى ھۆددىگە ئېلىپ قىزىلگۈل ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.
«دەسلەپتە ھەقىقەتەن ئىشەنچىم يوق ئىدى.» رۇزى 2024 - يىلى 20 مو قۇملۇق يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ قىزىلگۈل ئۆستۈردى، مايسىلارنىڭ قۇم - بوراندا كۆمۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، كۈندە ئېتىزغا قاتراپ يۈردى. تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە سىياسەتنىڭ يار - يۆلەك بولۇشى نەتىجىسىدە، قىزىلگۈللەر ئەي بولۇپ بارغانسېرى بولۇق ئۆسۈپ، بۇ يىل تۇنجى قېتىم پايدىسىنى كۆردى − يېڭى قىزىلگۈل ۋە غۇنچىسىنى سېتىپ، 5000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى.
ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدا، بىر ئېنىق لوگىكىلىق زەنجىر بار: ئېكولوگىيەنى تۈزەش كەسىپنى يەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، كەسىپ پايدىسى ئېكولوگىيەنى تۈزەشكە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. دېھقانلار كىرىمگە ئىگە بولسا، قۇم تىزگىنلەشمۇ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
نۆۋەتتە، كېرىيە ناھىيەسىدە قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى 80 مىڭ موغا يەتتى. بۇ گۈل دېڭىزىغا تايىنىپ، شۇ جاي قىزىلگۈل چېيى، قىزىلگۈل جەۋھىرى مېيى قاتارلىق 20 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى ئاچتى، بۇلتۇر قىزىلگۈل مەھسۇلات قىممىتى 237 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 5400دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى. ئارال يېزىسىنىڭ يەتتە قىزىل كەنتىدە، قىزىلگۈل راسا چېچەكلىگەندە، قايناق يېزا - كەنت «قىزىلگۈل بازىرى» تەبىئىيلا بارلىققا كېلىدۇ، گۈلچى دېھقانلار شۇ جايدىلا يايما يايىدۇ، بىرى گۈلنى تاپشۇرىدۇ، بىرى پۇلنى تۆلەيدۇ. يۇرتىنىڭ قىزىلگۈلىنى ئېلىپ مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى سەھنىسىگە چىققان رۇقىيەم غوجابدۇللا خېشيې قۇملۇق قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى 3000 موغا يەتكەن بولۇپ، 34 خىل مەھسۇلاتنى ئاچقان، «ئىلگىرى سېتىش يولىنىڭ يوقلۇقىدىن غەم قىلاتتۇق، ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ھەممىسىدىن زاكاز كېلىدىغان بولدى» دېدى ئۇ.
ئوخشاش ھېكايە قۇملۇقنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىسىدە تەكرارلانماقتا.
دەريا بويىدىن ئىبارەت ئىلگىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بۇ چەت، يىراق كەنت 2019 - يىلى پۈتۈن كەنت بويىچە كۆچۈشنى تاماملىدى. ئادەملەر كۆچۈپ چىقتى، لېكىن «مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇش، بېيىيالايدىغان بولۇش»نىڭ جاۋابىنى يەنىلا ئاياغ ئاستىدىكى قۇمساڭ يەردىن ئىزدەشكە توغرا كەلدى. 2020 - يىلى، 400 مودىن ئارتۇق كېلىدىغان سۆكسۆكلۈكتىكى توشقانزەدىكى تەجرىبە ئېتىزى يېڭى كەنتتە يىلتىز تارتتى − سۆكسۆك قۇمنى تۇراقلاشتۇردى، توشقانزەدىكىدىن كىرىم قىلىندى، ئېكولوگىيە بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم توشقانزەدىكى غولىدا بىرلىشىپ بىر گەۋدىگە ئايلاندى.
35 ياشلىق كەنت ئاھالىسى مەتتۇرسۇن مەتتۇردى 350 مو يەردە بىراقلا توشقانزەدىكى ئۆستۈردى، يەنە سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، سېتىش ئىشلىرىنى قىلدى، 2025 - يىلى ئۇنىڭ كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۈگۈنكى كۈندە، دەريا بويى يېڭى كەنتىدە توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 12 مىڭ مودىن كۆپرەككە يېتىپ، مو بېشى پايدىسى تەخمىنەن 1500 يۈەن بولدى.
2025 - يىلى، كېرىيە ناھىيەسىدە توشقانزەدىكى كۆچۈرۈلگەن كۆلەم 240 مىڭ مو، ئومۇمىي ھوسۇلى 36 مىڭ توننا، مەھسۇلات قىممىتى 187 مىليون يۈەن بولدى.
قىزىلگۈلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆستۈرۈشتىن توشقانزەدىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆچۈرۈشكىچە، كېرىيە ناھىيەسى تېخىمۇ چوڭ بىر دەرۋازىنى ئاچتى، كىشىلەر قۇملۇقتا يەنە نېمە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ دەپ سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى.
2025 - يىلى، ناھىيە 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، ۋەنخۇايۈەن قۇملۇق كەسپى تەجرىبە بازىسىدا «دەرەخ بىلەن چاتقالنى بىرلەشتۈرۈش، ئورمان بىلەن دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش» ئۈستىدە بىر مەيدان ئىزدىنىشنى باشلاپ، بىراقلا 36 خىل جۇڭيى دورا ماتېرىيالىنى سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈردى. قالقانگۈل، يالپۇز، كەتىرا، بەنلەنگېن، چۈچۈكبۇيا، بېيجىڭ جۇخارگۈلى، ئەگرىسۇنايدىن ئىبارەت يەتتە خىل دورا ماتېرىيالى تاللاپ چىقىلىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان سورت»بولۇپ قالدى.
كېرىيە ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كادىرى پاتىگۈل ئىمىن چېچەكلەۋاتقان بىر تۈپ كەتىرانى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرۈلگەن چۈچۈكبۇيا، قالقانگۈل، چۆل يالپۇزىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %90تىن ئاشتى. بىز قۇملۇقتا ئۆستۈرگەن جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىب مىقدارى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلغانمىغان.»
ۋەنخۇايۈەندە، 10 مىڭ مو يەردىكى قۇملۇق قىزىلگۈلى ئېچىلىش ئالدىدا تۇراتتى، قىر ئارىسىغا كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان نەيزىگۈل، بەنلەنگېننىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، كېرىيە ناھىيەسى قۇملۇقتا ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى سورتىدىن ئون نەچچە خىلنى تاللاپ چىقتى، ئۆستۈرۈش ئومۇمىي كۆلىمى 420 مىڭ موغا يېتىپ، خوتەن ۋىلايىتىدە %70نى ئىگىلىدى.
دورا ماتېرىياللىرى ئۆستۈرۈلدى، كەسىپ زەنجىرى شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇزارتىلدى. كېرىيە ناھىيەسى 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈرلىرى تولۇق، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولغان داڭلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى سودا بازىرىنى قۇردى، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇرۇتۇش ئۆيىدىن 45ى ۋە 10 مىڭ توننا دەرىجىلىك سوغۇق زەنجىرلىك ساقلاش سىستېمىسى سەپلەندى، 59 سودىگەر، 27 ھەمكارلىق كوپىراتىپى كىرىپ ماكانلاشتى، 12 باشلامچى كارخانىنى كىرىپ ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. 2025 - يىلى 3 - ئايدا، شىنجاڭدىكى تۇنجى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى رەقەملەشكەن سودا سۇپىسى تورغا چىقىرىلدى، توشقانزەدىكى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش، سودىلىشىش ۋە نەتىجە كۆرگەزمىسىنىڭ ھەممىسى سۇپىغا چىقىرىلىپ، تۇنجى تۈركۈمدە نەپكە ئېرىشكەن ناھىيە بولۇپ قالدى. كېرىيە ناھىيەسى يەنە بېيجىڭ داشۆنىڭ پىروفېسسورى تۇ پېڭفېي كوللېكتىپى بىلەن بىرلىشىپ توشقانزەدىكى تەتقىقات ئورنى قۇرۇپ، 12 تۈرلۈك پاتېنت تېخنىكىسىنى ئېچىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.
بىر تال قىزىلگۈل، بىر تال توشقانزەدىكى، قۇملۇقتىكى بىر پارچە دورا ئېتىزى − كېرىيەلىكلەر «ھالاكەت دېڭىزى» گىرۋىكىدە، يېشىللىق بىلەن بېيىشنى تەڭ گۈللەندۈرۈش يولىنى تېپىپ چىقتى.
چۆللۈكتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش −
«سانائىتى يوق» دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاش
ئەگەر قىزىلگۈل بىلەن توشقانزەدىكىنى كەڭ تۇپراقنىڭ سوۋغىسى دېسەك، ئۇنداقتا سانائەت باغچە رايونىدىكى ھەربىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنى كېرىيەلىكلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن چۆللۈكتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىكى تاللىشى دېيىشكە بولىدۇ.
ئىلگىرىكى يىللاردا، كېرىيەدە سانائەت يوق دېيەرلىك ئىدى. پۈتۈن ناھىيەدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ساناقلىقلا بولۇپ، ياشلارنىڭ بەزىلىرى دېھقانچىلىق قىلاتتى، بەزىلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەيتتى، بۇ جايدا ئىش ئورنى بەك ئاز ئىدى. ئۆزگىرىش سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشقا دەل جايىدا كۈچەشتىن باشلاندى. كېرىيە ناھىيەلىك سودا ئىشلىرى ۋە سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاۋ شېڭيۇڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا فۇجيەن چۈەنجوۋغا بېرىپ خۇڭشىڭ ئېركې بىلەن ئۇدۇللاشقاندا، قارشى تەرەپ «ئىشچىلار قەيەردىن كېلىدۇ» دەپ ئەڭ ئەندىشە قىلغانىدى، «بىز نەق مەيداندىلا: سىلەرگە قانچە ئادەم كېرەك بولسا، بىز شۇنچە ئادەمنى تەربىيەلەپ بېرىمىز. تەربىيەلەش ھەققىنى ناھىيە چىقىرىدۇ، زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ يىللىق ئىجارە ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، دەپ ۋەدە بەردۇق.» 2022 - يىلى خۇڭشىڭ ئېركې (شىنجاڭ) ئىشلەپچىقىرىش بازىسى كېرىيەگە ماكانلىشىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۈگۈنكى كۈندە تەييار ئاياغ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن تۆتى، كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن سەككىزى قۇرۇلدى، يىلىغا 1 مىليون جۈپ ئاياغ، 2 مىليون 200 مىڭ قۇر كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىدۇ، 1300دىن ئارتۇق سانائەت ئىشچىسىنى قوبۇل قىلدى.
خۇڭشىڭ ئېركېنىڭ ماكانلىشىشى كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىنىڭ تېز توپلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. يىپ ئېگىرىش، رەخت توقۇش، گۈل بېسىش - بوياش، خام ماتېرىيال قاتارلىق يۈرۈشلۈك كارخانىلار ئارقا - ئارقىدىن كېرىيەگە ماكانلاشتى، نۆۋەتتە پۈتۈن ناھىيەدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىسى 29غا يەتتى، 2025 - يىلى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى 277 مىليون يۈەن بولۇپ، 2024 -يىلىدىكىدىن %6.1 ئاشتى.
ئويتوغراق يېزىسىدىن چىققان مەتتوختى ئەيسا بۇ مەيدان ئۆزگىرىشنىڭ گۇۋاھچىسى. خۇڭشىڭ ئېركېدا خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، ئۇ ئىشنى كىيىم - كېچەك تىكىشكە ئىشلىتىلىدىغان پارچە ماتېرىياللارنى ئېسىش ئاساسىي ئىش تەرتىپىدىن باشلاپ، 30 نەچچە ئىش تەرتىپىنى بىر - بىرلەپ ئۆگىنىپ، ئاخىرىدا بىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى باشقۇرىدىغان گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى، ئايلىق مائاشى ئۆسۈپ 4000 يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. دېھقاندىن ئىشچىغىچە، سالاھىيەتتىكى ئۆزگىرىش سانسىزلىغان «مەتتوختى»نى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
سانائەتنىڭ چۆللۈكتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈنۈمى سېخ بىلەنلا چەكلەنمىدى. توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەكنى چۆرىدەپ، ئوراپ قاچىلاش، ئەشيا ئوبوروتى، سودا قاتارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت كەسىپلىرى ماس قەدەمدە گۈللەندى. تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، كېرىيە تيەنجىن سانائەت باغچە رايونىدىكى 260 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بېيجىڭ يولى كەچلىك بازىرىنى چىراغلار كۈندۈزدەك يورۇتۇپ تۇراتتى، كاۋاپدانلاردا ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتاتتى، راڭپىزا، مېۋە يايمىلىرىنىڭ ئالدى خىزمەت فورمىسى كىيگەن ياشلار بىلەن لىق تولغانىدى. ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى قىزىلگۈل بازىرىدا باھا تالاشقان ئاۋازلار بىلەن كۈلكە سادالىرى ئارىلىشىپ كەتكەنىدى. باغچە رايونىنىڭ يۈرۈشلەشكەن «18 بار» سىستېمىسى − كاپالەتلىك تۇرالغۇ، كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىدىن كەچلىك بازار، كىنوخانا قاتارلىقلارغىچە، بۇ جاي زاۋۇتلار توپلاشقان جاي بولۇپلا قالماي، يەنە قايناق تۇرمۇش كەيپىياتىغا تولغان شەھەرگە ئايلاندى. «سانائەت ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستېمال بازارنى جانلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت بىر زەنجىر شەكىللەنمەكتە.
تېخىمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولغىنى يېڭى ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بولدى. خۇاديەن كېرىيە 400 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرى، خۇانېڭ كېرىيە 500 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1 مىليارد 140 مىليون يۈەن ۋە 1 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ جەلپ قىلدى، قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدىكى يېتەرلىك چۈشىدىغان كۈن نۇرى بايلىقى يېشىل ئېنېرگىيەگە ئايلانماقتا. يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى ئاستىدا، قۇملۇق يەرنى ياخشىلاش ئارقىلىق قۇرغاقچىلىققا چىداملىق زىرائەتلەر تېرىلدى، «تاختا ئۈستىدە توك چىقىرىش، تاختا ئاستىدا تېرىقچىلىق قىلىش» كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى ئىزاھاتىنى پۈتۈپ چىقتى. نۆۋەتتە، كېرىيە ناھىيەسىدە يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەشنىڭ يىرىك پىلاندىكى كۆلىمى 57 مىڭ موغا يېتىپ، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش بىلەن بىرلىكتە قۇم تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ھاسىل قىلدى.
2025 - يىلى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 6 مىليارد 250 مىليون يۈەن بولۇپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %6.3 ئاشتى؛ ئۈچ كەسىپ قۇرۇلمىسى 27.6:16.5:55.9غا تەڭشەلدى. «يەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىش»تىن «ماشىنا ئارقىلىق ئالتۇن سۈزۈش»كىچە، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سانائەت كۆلىمى كىچىكلىكتىن زورىيىپ، قەدەمنى تېز ۋە پۇختا ئالماقتا.
«قۇملۇقتا ھايات كەچۈرۈش»تىن «قۇملۇقتا تەرەققىي قىلىش»قىچە، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ پىكىر يولىدىكى ھالقىش كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. كېرىيە ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تو شياۋدۇڭ ھەقىقەتەن ياخشى گەپ قىلدى: «ئىلگىرى قۇم زىيان سالاتتى، ھازىر قۇملۇقتا گۈل، توشقانزەدىكى، يورۇقلۇق ۋولت بار − ئاچقۇچ سىزنىڭ قانداق پايدىلىنىشىڭىزدا.»
مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش −
بىر شەھەرنىڭ تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىشى
قۇم تەدرىجىي چېكىندى، يېشىللىق ئاستا - ئاستا كېڭەيدى. ئىلگىرى يىل بويى قۇم - بوران بىلەن كۈچ سىنىشىدىغان كېرىيە ناھىيەسى يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قەلەم ئارقىلىق قۇملۇق گىرۋىكىدىكى بىر يېڭى شەھەرنىڭ ئىللىق ئاساسىي رېڭىنى ئىنچىكە سىزىپ چىقماقتا.
شەھەرنى يېڭىلاش پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان جايلاردا ئېلىپ بېرىلدى. 1 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، شەھەر رايونىدىكى ئىتتىپاق يولى، مەدەنىيەت يولى، يۈچېڭ يولى... بىر قاتار ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە غول يوللار يېڭىلاندى، كېڭەيتىلدى. كۆكەرتىشكە ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلارنىڭ ئىدارە باشلىقلىرى مەسئۇل بولدى، دائىرىگە بۆلۈپ ھۆددىگە ئالدى، ئايرودۇرۇم يولى مەنزىرە كارىدورىغا تولۇقلاپ كۆچەت تىكىلىپ يېشىللىق كۆپەيتىلدى، قاقاس قۇملۇق، قاقاس جايلاردا دەل - دەرەخلەر رەت - رەت ئۆستى، گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقى ئەتراپنى قاپلىدى، «شەھەر يېشىللىق ئىچىدە بولۇش، يوللار مەنزىرە ئىچىدە بولۇش» دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى.
شەھەر تەرتىپلىك، پاكىز، گۈزەل بولۇپلا قالماي، يەنە يېقىملىق، تەسىرلىك، ئادەمگەرچىلىك تۈسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. كېرىيە ناھىيەسى «خەلقنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سوراش»نى ئىنچىكە ھالقىلاردا ئەمەلىيلەشتۈردى − كوچىلاردىكى بەزى كونا توك سائىتى ساندۇقى پىيادىلەر يولىنى توسۇۋېلىپ، يول يۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزگەنىدى، ناھىيە 200دىن ئارتۇق جايدىكى يولنى ئىگىلىۋالغان توك سائىتى ساندۇقىنى ھويلا - ئارانلار، كۆكەرتىش بەلباغلىرىغا يۆتكەپ، يولنى خەلققە قايتۇرۇپ بەردى؛ مەيدان ۋە پىيادىلەر كوچىسىدا، يەرگە سىزىلغان توپ - توپ رەڭلىك قىزىلگۈللەر ئاستا - ئاستا «پورەكلەپ ئېچىلىپ»، «قىزىلگۈل ماكانى» دېگەن نام كارتىسى كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا يېيىلىپ، ئاھالىلەر داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مەنزىرە بولۇپ قالدى؛ 64 ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، 5000دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى پۈتۈن كۈن ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى؛ كىچىك باغچىلاردا بوش يەر بولسىلا يېشىللىق بەرپا قىلىندى، 15 مىنۇتلۇق خەلققە قولايلىق تۇرمۇش چەمبىرىكى كۆكتات سېتىۋېلىش، داۋالىنىش، يەسلىنى ناھايىتى يېقىن قىلدى.
شەھەرنىڭ ئىللىقلىقى يەنە قايناق تۇرمۇش كەيپىياتىغا يوشۇرۇنغانىدى. ئۆزگەرتىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى تاختا كۆۋرۈك سودا كوچىسىدا، 851 تىجارەتچى يىلتىز تارتقان بولۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار دۇكىنى ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى دۇكىنى قاتار - قاتار جايلاشقانىدى؛ تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، نېئون چىراغلىق ۋىۋىسكىلار يورۇپ، سامسا، گۈلقەنت ناننىڭ خۇش پۇرىقى ناخشا ساداسى، ئۇسسۇل قەدەملىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان كېچىلىك ئىقتىسادنى ھاسىل قىلدى. كوچا - كويلاردا، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى يۆتكىلىپ يۈرۈپ تازىلىق قىلىدۇ، ئاھالىلەر مۇھىتنى ئاڭلىق ئاسرايدۇ، «ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش» مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى شەھەر تومۇرىغا سىڭدۈردى.
ئاممىۋى مۇلازىمەتمۇ تەڭ يولغا قويۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى تورى زىچ توقۇلدى. 2025 - يىلى، «بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىغا قاراپ تۇرماسلىق» كېرىيە ناھىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. مەبلەغ سېلىنىپ 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسى يېڭىدىن سېلىندى، 16 ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەكتەپ ياتاقلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، رەقەملەشكەن ئۈسكۈنىلەر شەھەر - يېزىدىكى دەرسخانىلارغا كىرگۈزۈلدى. تيەنجىن ياردەم بېرىپ قۇرغان جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن داۋالاش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىناسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار 20 تۈردىن ئارتۇق يېڭى تېخنىكىنى ئېلىپ كېلىپ، ئاممىنى ناھىيەدىن چىقمايلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. سانائەت باغچە رايونىدا، يەسلى، تۇرالغۇ، كەچلىك بازار، كىنوخانا تولۇق يۈرۈشلەشتى، خۇڭشىڭ ئېركېنىڭ خىزمەتچىسى راھىلە مەتتۇرسۇن بالىسىنى كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىگە ئاپىرىپ بەردى، ئۆزى بىر ئاددىي ئىشچىدىن مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى، يەنە ئېرى بىلەن يىغقان پۇلغا پىكاپ سېتىۋالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭى بىر بەت ئېچىلدى.
يېزا - كەنتلەرمۇ ماس قەدەمدە بولدى. يول تورى، سۇ - توك، مائارىپ، داۋالاش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى يېزا - بازار، ئىشتاتلىق كەنتلەردە يېزا تاشيوللىرىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇش نىسبىتى ۋە راۋانلاشتۇرۇلۇش نىسبىتى بىردەك %100كە يەتتى. تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچلىرى 90 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىدىن ئالتىنى بەرپا قىلدى، 2000دىن ئارتۇق ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىدا «دېرىزىسىنى ئاچسىلا يېشىللىقنى كۆرۈش، ئىشىكىدىن چىقسىلا باغچىغا كىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات شەھەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تومۇرىنى سۈرەتلەپ بەردى: ئۆتكەن بەش يىلدا، كېرىيە ناھىيە بازىرىدا قۇرۇلۇپ پۈتكەن رايون كۆلىمى سەككىز كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان ھالەتتىن 12.6 كىۋادرات كىلومېتىرغا كېڭەيدى، دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتى %40كە ئۆرلىدى. 2025 - يىلى، شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 38 مىڭ 411 يۈەنگە يېتىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %5.1ئاشتى؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 14 مىڭ 346 يۈەن بولۇپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %7.4 ئاشتى.
قۇم - بوران شەھەرنى قورشىۋېلىشتىن پۈتۈن شەھەر يېشىللىققا پۈركىنىشكىچە، كوچىلار ئاددىي، كونا بولۇشتىن ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىشكىچە، بۈگۈنكى كېرىيە قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلمەكتە.
مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش −
قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدىكى جاۋاب
ۋەنخۇايۈەندىكى قىزىلگۈللەر ئېچىلدى، سانائەت باغچە رايونىدا ماشىنىلار گۈرۈلدىدى، دەريا بويى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، كەچلىك بازاردا قايناق تۇرمۇش كەيپىياتى نامايان بولدى.
بۇ ئۆزگىرىشلەر قەيەردىن كەلگەن؟ كېرىيە ناھىيەسى بۇنىڭغا جاۋاب بەردى: يېشىل بولۇش بىلەن بېيىتىشنى تەڭ گۈللەندۈرۈشتىن كەلگەن.
بۇنىڭ ئارقىسىدا قەتئىي بەل قويۇۋەتمەسلىكتىن ئىبارەت ئېكولوگىيەسى ياخشى ناھىيە بەرپا قىلىش يولى بار. كېرىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قۇملۇق قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان «ئاساس»، قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمىغانىكەن، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قۇملۇققا يۈزلىنىپ ئىلگىرىلىگەن ياخشى. «ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش» − قۇمنى تىزگىنلەش بىلەن بېيىشنى مەھكەم باغلاپ، قۇملۇقتا قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش، توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش، يېشىل توك چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھۆكۈمەت يېتەكلەش، ئامما ئاساسىي گەۋدە بولۇش، ئائىلىلەرگىچە بۆلۈپ بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، قۇمنى سىجىل تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ بىر يۈرۈش «كېرىيە ئۇسۇلى» بىردەملىك تىرىشىپ ئىشلەشتىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى نۆۋەتمۇنۆۋەت ئۇلاپ ئىشلەش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇشتىن كەلگەن.
سىياسەت ياخشى بولدى، كۈچ مۇجەسسەملەندى. 76 كىلومېتىرلىق گىرۋەك قاشالاش ۋەزىپىسىدە، 335 مىڭ مو يەردىكى بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش تاماملاندى، بۇنىڭدىن 32 مىڭ ئامما نەپكە ئېرىشتى. مەركەز مالىيەسىدىن ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن ياردەم بېرىش مەبلىغى، ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق مەزگىللىك زايوم مەبلىغى، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى مەبلىغى سىجىل كىرگۈزۈلدى؛ ھەرمو يەرگە ئۈچ يۈەندىن تۆت يۈەنگىچە ياردەم پۇل بېرىش ياكى ئۈچ يىللىق ئىجارە ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشتىن ئىبارەت جانلىق سىياسەت دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قاتنىشىش بوسۇغىسىنى تۆۋەنلەتتى. مەركەزدىن يەرلىككىچە، سىياسەت زەنجىرى ھالقىمۇھالقا زىچ باغلىنىپ، ئۇلۇغۋار پىلان قۇرۇلۇش خەرىتىسىگە ئايلاندۇرۇلدى.
تېخىمۇ مۇھىمى، كېرىيەلىكلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئارقىدا قېلىشنى خالىمايدىغان، مىننەتدار بولۇپ كۈرەش قىلىدىغان ئەنە شۇنداق كۈچ ئۇرغۇتۇلدى. رۇزىنىڭ 20مو يەردە ئۆستۈرگەن قىزىلگۈلى ئەي بولدى، يەنە گۈل قىرلىرى ئارىسىغا نەيزىگۈلنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، بىر يەردىن قوش ھوسۇل ئالدى؛ مەتتۇرسۇن قۇملۇق يەردە توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈپ، يىللىق كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى؛ راھىلە ئائىلە ئايالىدىن ئۆسۈپ يېتىلىپ مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولدى... ھەربىر كېرىيەلىك ئىككى قولىغا تايىنىپ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتمەكتە. بۇ كۈچ يەنە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشىغا ئېرىشتى. تيەنجىندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئىلغار بولغان ئىدىيە، تېخنىكا ۋە تۈرلەرنى كېرىيەگە ئېلىپ كېلىپ، سېخ قۇرۇلۇشىدىن مەكتەپ، دوختۇرخانىلارغا يار - يۆلەك بولۇشقىچە، كەسىپلەرنى كىرگۈزۈشتىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكىچە كېرىيەلىكلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، تەرەققىيات مېھىرلىك تۇپرىقىنى سۇغاردى.
بۇنىڭ ئارقىسىدا، قىزىل گېن مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت كۈچ بار. قۇربان تۇلۇمنىڭ «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولغانلىقى»دىن ئىبارەت ھېكايە ھازىرغىچە تارقىلىپ مەدھىيەلىنىپ كەلمەكتە. 2017 - يىلى، قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىنى يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلەردىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. بۇ تاپشۇرۇق كېرىيە تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىكى قەتئىي ھەرىكىتىگە ئايلاندى.
«قۇربان تاغىمىزنىڭ كۈتكىنى دەل بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق ياخشى كۈن ئىدى» دېدى قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرە قىزى رۇقىيەم مەتسەيدى.
بىر ئادەمنىڭ «ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش»تىن ئىبارەت ئاددىي ئارزۇسىدىن، بىر شەھەرنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگىچە − كېرىيەنىڭ ھېكايىسى «ھالاكەت دېڭىزى» گىرۋىكىدە چېچەكلىگەن ھېكايە. بۇنىڭدا ئېكولوگىيەلىك ئورۇن بەلگىلەشتە سەگەك، قەتئىي بولۇش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش يولىنى تاللاش، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەشتىن ئىبارەت ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇشقا تايىنىلدى، كېرىيەلىكلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئارقىدا قېلىشنى خالىماسلىق غەيرىتىگە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كۈچلەرنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىگە تايىنىلدى، قىزىل گېننىڭ دەۋرىمىزدىكى داۋاملىشىشىغا تايىنىلدى. بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتقانلىقىنىڭ جانلىق جاۋاب قەغىزى، شۇنداقلا قۇملۇق گىرۋىكىدىكى ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كېرىيە ئەمەلىيىتى.
زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، كەچكى شەپەق ۋەنخۇايۈەندىكى قىزىلگۈل دېڭىزىغا چېچىلدى. يەنىلا چىقىۋاتقان شامالنىڭ ئېلىپ كەلگىنى سېرىق قۇم بوران بولماستىن، بەلكى ئۈزلۈكسىز تاراۋاتقان قىزىلگۈل ھىدى ئىدى. يىراقتىن، قۇملۇقنى ئوراپ تۇرغان يېشىل توساقنىڭ ئىزناسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. ئۇ يەردە يېڭى گۈل مايسىلىرى قۇملۇقتا يىلتىز تارتىۋاتقانىدى.






