تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كونسۇلتاتسىيە لېكسىيەسى ئۆتكۈزدى

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايون «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» ئۆتكۈزۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە لېكسىيەسى ئېلىپ بېرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشقا يېتەكلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كونسۇلتاتسىيە لېكسىيەسىگە قاتناشتى.

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى 1 - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۈچياڭ تەكلىپ بىلەن مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى ۋە مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قاتتىق ۋە ئەمەلىي تۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن سىستېمىلىق، چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش» ئومۇمىي تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىدىكى مەزمۇنلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، تىپىك مىساللاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. مەسىلىنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىگە تەتبىقلاپ، مەسئۇلىيىتىگە تەتبىقلاپ، خىزمىتىگە تەتبىقلاپ، مەسىلە تىزىملىكىنى ھەرىكەت ھالىتىدە يېڭىلىشى، سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. تۈزىتىش - تۈزەشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق تۈزەش ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەمەلىي ئايلاندۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ۋاڭ گاڭ كونسۇلتاتسىيە لېكسىيەسىگە قاتناشتى، ۋاڭ لىن رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى بۆلۈم ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىكى ئۆگىنىش - تەربىيەسى خىزمىتى مەخسۇس بەنىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەرلەر، تۇەن - مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.