− رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ سۆھبىتىدىن خاتىرە
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، ياڭ يىجۈن، ۋېن شىن
5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىش، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتىنىڭ ئىمزا قويۇش ئورنىغا تەنتەنىلىك ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئىمزاسىنى قويدى، ئىككى رەھبەر بىرلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ، ھۆججەت ئالماشتۇرۇپ، سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى «جۇڭخۇا تەيشەن تېغى» ناملىق غايەت زور جۇڭگوچە رەسىمگە دىققەت قىلدى، بەش ئېگىز تاغ ئىچىدىكى ھەيۋەتلىك تاغ، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارىغاي - ئارچىلار، لەيلەپ يۈرگەن قاتمۇقات بۇلۇتلار مەدەنىي چوڭ دۆلەتنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە سالاپىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ تۇراتتى، شۇنداقلا دۇنيا چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىكى «ھەرقانداق كۈچلۈك بوران - چاپقۇندا تاغدەك مەزمۇت تۇرىدىغان» چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى.
بۇ قېتىمقى جۇڭگو - رۇسىيە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بېيجىڭ سۆھبىتى جۇڭگو - رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىدىن ئىبارەت «ئىككى يىل» پەيتىگە توغرا كەلدى.
ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتەك ئورتاق ئارزۇسى قانۇن شەكلىدە بېكىتىلدى، بۇ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ ۋە چوڭقۇرلىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئۆرنىكىنى ياراتتى.
مۇشۇنداق پەيتتە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم جەم بولغانلىقى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتىن ئىبارەت چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.
جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا، زۇڭتۇڭ پۇتىن سىنلىق سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى قويۇق دوستانە ئالاقە بىزنىڭ ئەڭ ئۇلۇغۋار پىلاننى تۈزۈشىمىزگە ھەم ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىزگە پايدىلىق.» بۇ، ئۇنىڭ زىيارەتكە چىقىشتىن بۇرۇن تۇنجى قېتىم سىنلىق سۆز قىلىشى. «مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئارزۇسىنى چىن قەلبىمدىن قەدىرلەيمەن.»
5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، خەلق سارىيىدا قەدىناس دوستلار يەنە بىر قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
«قەدىناس دوستۇم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.» رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ 25 - قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.
«قەدىرلىك دوستۇم، <بىر كۈن كۆرۈشمىسەك، ئۈچ يىل كۆرۈشمىگەندەك ھېس قىلىمەن>، شى جۇشى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن!» دېدى زۇڭتۇڭ پۇتىن.
رۇسىيە تەرەپ بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان غايەت زور كوللېكتىپتىن بۇنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: بەش نەپەر مۇئاۋىن زۇڭلى، سەككىز نەپەر فېدېراتسىيە مىنىستىرى، يەنە كۆپلىگەن فېدېراتسىيە ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ مەسئۇلى، چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى، ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەم كۆپلىگەن داشۆنىڭ مۇدىرلىرى ھەمراھ بولۇپ كەلدى.
قىزغىن، دوستانە كەيپىياتتا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كىچىك دائىرىلىك، چوڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋاقتى ئۈچ سائەتكە يەتتى، سەمىمىي، ئەمەلىي بولدى، مول ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.
جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ بوران - چاپقۇن ۋە جەبىر - جاپالارنى باشتىن كەچۈرگەن، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن بېسىپ ئۆتكەن يولىنى ئەسلەپ، رەئىس شى جىنپىڭ بۇنى مۇنداق مۇپەسسەل يىغىنچاقلىدى:
«جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ بۈگۈنكى بۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكى ئىككى تەرەپنىڭ <تۈمەنلىگەن جاپا - مۇشەققەتتە تاۋلىنىپ بولدۇق قەيسەر> دېگەن كۈچلۈك ئىرادە بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىدىن، <تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش> روھى بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتكەنلىكىدىن، <قالايمىقانچىلىق قاپلىغان ۋەزىيەتتىمۇ يەنىلا تەمكىن بولۇش> جاسارىتى بىلەن خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولغانلىقىدىن بولدى.»
زۇڭتۇڭ پۇتىن چوڭقۇر قۇۋۋەتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى» «رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى».
ھەر بىر قېتىملىق ئاچقۇچلۇق تۈگۈن پەيتتىكى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبىتى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن 40 نەچچە قېتىم سۆھبەتلەشتى، 100 نەچچە قېتىم تېلېفونلاشتى، ئۆزئارا خەت ئەۋەتتى، رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيەگە 11 قېتىم زىيارەتكە چىقتى، زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگوغا 14 قېتىم زىيارەتكە كەلدى... بۇ سانلاردىن دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
2019 - يىلى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى؛ 2021 - يىلى، «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى؛ 2023 - يىلى، 2024 - يىلى يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتنى بىرلىكتە ئىمزالىدى؛ 2026 - يىلى، بۇ قېتىم، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتنى بىرلىكتە ئىمزالىدى.
ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان ۋە كېڭىيىۋاتقان مۇھىم بايانلار «قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرىدىغان» قەتئىيلىك ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇش بولۇپ، بۇ «جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىدىغان، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى باسقۇچقا كىردى» دەپ ئوچۇق ئۇقتۇرماقتا.
يېڭى يۈكسەكلىكتە، قانداق قىلغاندا «تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىگىلى بولىدۇ»؟
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق مۇھىم تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: «تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، بىر - بىرىنى ئىستراتېگىيەلىك قوللاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» «تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆز تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك» «تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك» «تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك خەلقئارا ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك».
تۆت «تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك» بولۇش جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە يۆنىلىش بېكىتىپ بەردى.
ئىقتىساد - سودا، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، تاراتقۇ... ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھەر ساھەدىكى 20 تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك يېڭى قۇۋۋەت قوشتى.
«تىرىشىپ ئىشلىگەنلەر ھامان غەلىبە قازىنىدۇ، بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلىگەنلەر ھامان نىشانغا يېتىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى چوقۇم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تېز ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدۇ.»
دۇنيا دىپلوماتىيە سەھنىسىدىكى چىراغ نۇرلىرى جۇڭگوغا مەركەزلەشتى.
يېقىنقى مەزگىلدە، خەلق سارىيىدا كۆپ مەيدان داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىملىرى كەينى - كەينىدىن ئۆتكۈزۈلدى. چاڭئەن كوچىسىدا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايراقلىرى نۆۋەت بىلەن چىراغ تۈۋرۈكلىرىگە ئېسىلىپ، شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى.
چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق خەۋەر قىلدى: جۇڭگو نەچچە ئاي ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا باشقا تۆت دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنى ئۇدا كۈتۈۋالدى، بۇ ئالاھىدە دىپلوماتىيە رىتىمى جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش سەمىمىيىتىنى نامايان قىلدى.
بۇ قېتىم جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئېلان قىلغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى تەشەببۇس قىلىش توغرىسىدىكى قوشما بايانات كەڭ دائىرىدە دىققەت قوزغىدى.
رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا تولىمۇ تىنچ ئەمەس، يەككە تەرەپچىلىك، زومىگەرلىكنىڭ خەۋپى ئېغىر، دۇنيا ئورمان قائىدىسىگە چېكىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، بارلىق يەككە تەرەپلىك مۇشتۇمزورلۇق ۋە تارىخ چاقىنى كەينىگە ياندۇرۇش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشى كېرەك.
مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى، مۇستەھكەم بولۇشى دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ، «دۇنيانىڭ يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىكى ئاچقۇچلۇق تۇراقلىق مىقدارغا ئايلاندى».
خەلق سارىيىدىكى فۇجيەن زالى، شەرقىي چوڭ زال، ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى، غەربىي چوڭ زال، ئاۋمېن تۆت پەسىل زالى، ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زال، بېيجىڭ زالى، ئورۇن ۋە كۆرۈنۈش ئالمىشىپ تۇردى، كۈنتەرتىپ زىچ بولدى.
غەربىي چوڭ زال ياشلىق باھارى ۋە ئۈمىد كەيپىياتىغا تولغانىدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى بىر يەرگە جەم بولدى، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىرلىكتە قىزىل يوپۇقنى ئاچتى، بىر ئۆزگىچە بەلگە كۆزگە چېلىقتى: شەكلى ئېچىپ قويۇلغان بىر قەدىمىي كىتابقا ئوخشايتتى، كىتابنىڭ ئىككى تەرىپىگە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مائارىپنى كۆۋرۈك قىلىپ، بىلىم ئىگىلەش بويىچە ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت يېپيېڭى سەھىپىنى بىرلىكتە ئاچقانلىقىغا سىمۋول قىلىنغانىدى.
«جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى»، بۇ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ 10 - قېتىملىق دۆلەت دەرىجىلىك باش تېما يىلى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ پائالىيەتنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ئېنىق بايان قىلدى: «مائارىپ دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى خەلق رايىنى تۇتاشتۇرىدىغان، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان ئالىيجاناب ئىش.»
«رۇسىيەدە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا كۆپىيىپ، نۆۋەتتە 100 مىڭدىن ئاشتى.» زۇڭتۇڭ پۇتىن مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن قەدىناس دوستۇم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆز قارىشىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىز <رۇسىيە - جۇڭگو مائارىپ يىلى>نى بىرلىكتە قوزغاتتۇق، بۇ بىرلەشمە تەشەببۇس ئېنىقكى بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشى چۈشتىن بۇرۇندىن كەچكىچە داۋاملاشتى.
كەچقۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىللە خەلق سارىيىنىڭ ئاۋمېن تۆت پەسىل زالىغا كىرىپ، «جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەش» سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
رەڭگارەڭ پانۇسلار چاقناپ تۇراتتى، ياپيېشىل ئۆسۈملۈكلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى، شىپاڭ - راۋاقلار ئۆزگىچە بولۇپ، سۈرەتلەر گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن تاس ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى تارتقان 26 پارچە ئاخبارات سۈرىتىدىن تەركىب تاپقان تىكلىمە سۈرەت رامكىسى رەتلىك تىزىلغانىدى −
شاڭخەي شىجياۋ يىغىن مەركىزىنىڭ مەيدانىدا يانمۇيان بىللە ماڭدى، بېيجىڭدىن تيەنجىنغا قاراپ ماڭغان گاۋتيېدا ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، جۇڭگو - رۇسىيە ياش - ئۆسمۈرلەر مۇز توپ دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۈچۈن بىرلىكتە توپ باشلاپ بەردى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق تۈرلىرىدە ئىش باشلاش مۇراسىمىغا سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق گۇۋاھ بولدى، تيەنئەنمېن راۋىقىغا بىرلىكتە چىقىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى... يېڭى دەۋردىن بۇيان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھەمتۈرتكە بولغان جانلىق كۆرۈنۈشلەردە جۇڭگو - رۇسىيە دوستانە ھەمكارلىقىدىكى ھەربىر قىممەتلىك پەيت خاتىرىلەنگەنىدى.
ئىككى رەھبەر پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ، تەپسىلىي كۆرۈپ، چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىدى.
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە سۈرەت 2025 - يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تارتىلغانىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، موسكۋا قىزىل مەيداندىكى ئاساسىي كۆرۈش سۇپىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن رۇسىيەدىكى 100 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچى يېۋگېنى زىنامېنسكى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا ئىدى.
سۈرەت ئالدىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قەدىمىنى توختاتتى. تاس ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى 100 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. «پېشقەدەم جەڭچىلەر ناھايىتى قالتىس.» رەئىس شى جىنپىڭ: «ئۇنىڭ تېنىنىڭ ساغلام، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا تىلەكداشمەن» دېدى.
سۈرەتلەردە تارىخ خاتىرىلەنگەن، شۇنداقلا كەلگۈسىگە ئىلھام بېرىدۇ.
بۇ كۈندىكى قارشى ئېلىش مۇراسىمى، قارشى ئېلىش زىياپىتىدە، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئىنتايىن تونۇشلۇق مۇزىكىلار چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئورۇنلاندى، «موسكۋا شەھەر سىرتىدىكى كېچە» «يىراقتىكى ئاشۇ جايدا»... لەرزان مېلودىيەلەر كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكەتتى.
«دەۋر دولقۇنىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو - رۇسىيە دوستلۇقىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش تارىخىي ۋەزىيەت ۋە دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان ھەم يىمىرىلمەس بولۇپ، مۇقەررەر پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىپ، توختىماي ئىلگىرىلەپ، يېڭى قالتىس سەھىپىلەرنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقىدۇ.»
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)






