تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش . يېڭى بايقاش | قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە لۇڭخۇ كۆلى بار

    5-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ، ئاپتوموبىل ھەيدەپ غەربكە 30 نەچچە كىلومېتىر مېڭىپ، شىۋول يېزىسىغا بارىدىغان يول ئېغىزىدىن بۇرۇلۇپ، بىر توغراقلىقنى كېسىپ ئۆتكەندە، تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمىزدا ئۆزگىچە مەنزىرە نامايان بولدى − يول بويىدا كەڭ كەتكەن قومۇشلۇق بولۇپ، ھاۋانى نەمخۇش پۇراق قاپلىغانىدى، يەنە ئىچىگە قاراپ ماڭغاندا، كۆپكۆك كۆل يۈزى كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولدى.

    بۇ دەل لۇڭخۇ كۆلى ئىدى.

5-ئاينىڭ 18-كۈنى، كېرىيە ناھىيەسى لۇڭخۇ كۆلى ساياھەت رايونىغا بوشلۇقتىن نەزەر. (جېڭ خاۋتيەن فوتوسى)

  كۆل بويىدا تۇرسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ زادى قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەلمەي قالىسىز. 5-ئايدىكى كېرىيەدە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە چىققان شامالدىن يەنە قۇمنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى، لېكىن كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ كۆل يۈزى زۇمرەتتەك جىمىرلاپ تۇراتتى، قىرغاقتىكى قومۇشلار قويۇق ئۆسكەن بولۇپ، شامال چىقسىلا شىلدىرلاپ ئاۋاز چىقىراتتى. مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا چىقىپ يىراققا نەزەر سالغاندا، ئاسمان كۆپكۆك، سۇ زۇمرەتتەك سۈزۈك، قومۇشلار ياپيېشىل، قۇملۇق ئالتۇن رەڭدە بولۇپ، نەچچە خىل رەڭ ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەنىدى، بۇنىڭ دۇنيادىكى 2-چوڭ كۆچمە قۇملۇقنىڭ گىرۋىكى ئىكەنلىكىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.

    قۇملۇقتىكى بۇ چوڭقۇر كۆلنىڭ شەكىللىنىشى، ئۆزگىچە گېئولوگىيەلىك شارائىتنىڭ پايدىسىدىن بولغان. لۇڭخۇ كۆلى گېئولوگىيەلىك ئۈزۈلمە بەلباغقا جايلاشقان بولۇپ، كۆل سۈيىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرى 70 مېتىردىن ئاشىدۇ، سۇنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 40 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى بىرقەدەر ئاز ئۇچرايدىغان چوڭقۇر كۆل ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا قۇملۇققا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان «بەيياڭديەن» دەپ تەرىپلەنگەن.

    2016-يىلى، كېرىيە ناھىيەسى لۇڭخۇ كۆلى ساياھەت رايونىنى سىستېمىلىق بەرپا قىلىشنى باشلىدى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى، لۇڭخۇ كۆلى پىرىستانى، مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى ئارقا-ئارقىدىن پۈتتى، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى، گەنئېنلىن مەيدانى، بەخت سارىيى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بىر-بىرلەپ مەيدانغا كەلدى. 2021-يىلى 9-ئايدا لۇڭخۇ كۆلى ساياھەت رايونى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى. نۆۋەتتە، مەنزىرە رايونىنى قوغداش ۋە ئېچىشقا جەمئىي 65 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 2400 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، 312 ئاپتوموبىل سىغىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلدى، تۈرلۈك مۇلازىمەت ئۇل ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەندى.

    بۇ سۇلۇق يەردە ھاياتلىقنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى ئۈچۈن، 2024-يىلى 6-ئايدا، كېرىيە ناھىيەسى لۇڭخۇ كۆلىگە توققۇز توننا بېلىجان قويۇپ بەردى؛ 2025-يىلى 8-ئايدا، يەنە بىر قېتىم لىيۈ بېلىقى، ليەنيۈ بېلىقى، ساۋيۈ بېلىقى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك بېلىجانلاردىن 19 توننىنى مەركەزلىك قويۇپ بېرىپ، «بېلىق ئارقىلىق كۆلنى بېقىش، بېلىق ئارقىلىق كۆلنى قوغداش»تىن ئىبارەت ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەندىزىسى ئارقىلىق، «سۈيى سۈزۈك بولغان، بېلىقلار پىلتىڭلاپ تۇرغان، مەنزىرىسى گۈزەل بولغان» كۆل ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.

    كېرىيە ناھىيەلىك ساياھەت تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى لېي گۇەنجوۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۇدا كۆپ يىل كۆپەيتىپ قويۇپ بېرىلگەچكە، كۆل سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، قىشلايدىغان پەسىل قۇشلىرىنىڭ سانى خېلى كۆپەيدى.

  2016-يىلىدىن باشلاپ مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكىدە خىزمەت قىلىۋاتقان سالامەت ئابدۇراخمان لۇڭخۇ كۆلى قەدەممۇقەدەم دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلانغان پۈتۈن جەريانغا گۇۋاھ بولدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دەسلەپتە ئۇ پەقەت ۋاقىتلىق قۇراشتۇرما ئۆيدە بېلەت ساتقۇچى بولغان، بۈگۈنكى كۈندە، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىگە مائاشى قوشۇلۇپ، كىرىمى تېخىمۇ ئۆسكەن. «مەنزىرە رايونىنىڭ تەرەققىياتى قانچە ياخشى بولسا، مائاشىمىزمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.» سالامەت مۇنداق دېدى: مەن يەنە قىسقا سىن سۇپىسىدا مەنزىرە رايونىنىڭ سىنىنى ئېلان قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم، «پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە لۇڭخۇ كۆلى دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاينىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ھەممىسىنىڭ بۇ جايغا كېلىپ كۆرۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

    بۇ يىل «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، لۇڭخۇ كۆلى ساياھەت رايونى ھەركۈنى 3000دىن 4000 ئادەم قېتىمغىچە ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە بىر كۈندە 4900 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

    كېرىيەدە لۇڭخۇ كۆلىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ياخشى جايلار بار. شەرققە قاراپ ماڭغاندا، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى بار، «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىش» ھېكايىسى دەل مۇشۇ تۇپراقتا يۈزبەرگەن. قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ماڭغاندا، دەريا بويى قەدىمىي كەنتى بار، كېرىيە دەرياسىنىڭ دەريا قېنى خۇددى ياشانغان كىشىنىڭ ئالقىنىدىكى سىزىقچىلارغا ئوخشاش قۇم بارخانلىرى ئارىسىغا ئەگرى-بۈگرى سوزۇلغان. يەنە 80 مىڭ مو كېلىدىغان قۇملۇق قىزىلگۈلى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى بويلاپ ئارقا-ئارقىدىن پورەكلەپ ئېچىلىپ، ھال رەڭ گۈل دېڭىزى ئۇپۇققىچە سوزۇلۇپ، پۈتۈن ناھىيەنى خۇش پۇراققا تولدۇرغان.

   5-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، كېرىيە ناھىيەسى دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن 749 مىڭ 700 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئومۇمىي خىراجىتى 358 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇ ساننىڭ ئارقىسىدا كېرىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ «ئۆتەڭ»دىن «مەنزىل»گە قاراپ تەدرىجى ئۆزگىرىش ھېكايىسى بار.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.