تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشقا قاراپ قەدەم تاشلىدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ما جويەن، يەن فۇجىڭ

5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئىلگىرىكى چاغلارنى ئەسلەپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق لوگىكىسىنى مۇنداق كۆرسىتىپ بەردى −

«چۈنكى ئىككى تەرەپ <تۈمەنلىگەن جاپا - مۇشەققەتتە تاۋلىنىپ بولدۇق قەيسەر> دېگەن كۈچلۈك ئىرادە بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، <تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش> روھى بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، <قالايمىقانچىلىق قاپلىغان ۋەزىيەتتىمۇ يەنىلا تەمكىن بولۇش> جاسارىتى بىلەن خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى».

كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك، ساغلام، مۇقىم، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى.»

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك، ساغلام، مۇقىم، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قانداق تۈرتكە بولۇش كېرەك؟ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى ئەڭ زور ئەۋزەللىك ۋە تۈپ كاپالەت.

2013 - يىلىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن 40 قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ قېتىم، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كىچىك دائىرىلىك سۆھبەت، چوڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۈچ سائەت يۈزتۇرا چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇردى، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك سىجىل تەرەققىياتىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

بۇ قېتىم، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭگو − رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ مۇددىتىنى داۋاملىق ئۇزارتىدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتىنى ئىمزالىدى ھەم ئېلان قىلدى. سۆھبەتتىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ: «تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى پۇختىلاپ، بىر - بىرىنى ئىستراتېگىيەلىك قوللاشتا چىڭ تۇرۇش»نى تەكىتلەپ، «سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى» دەپ كۆرسىتىپ، دۇنياغا جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدۇ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايدۇ، دېگەن ئاكتىپ سىگنالنى تارقاتتى.

سىجىل كۈچەيتىلىۋاتقان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك، ساغلام، مۇقىم، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى.

5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ 10 - قېتىملىق دۆلەت دەرىجىلىك باش تېما يىلى − «جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى؛ بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم - ئايرىم 10 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتكەنىدى.

ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشتىن ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىگىچە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، پۇختا ئەمەلىيلەشتى. ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى ئۇدا ئۈچ يىل 200 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ پۇختا ئاساسى ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى دەلىللىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى: «تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.»

بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ىنىڭ باشلىنىش يىلى. رەئىس شى جىنپىڭ: ئىككى تەرەپ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى بىلەن رۇسىيەنىڭ 2030 - يىلىدىن بۇرۇنقى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. زۇڭتۇڭ پۇتىن جاۋابەن: «رۇسىيە تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچى بار» دېدى.

دۇنياغا نەزەر سالساق، ئۇزاق مەزگىللىك، ساغلام، مۇقىم، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىمۇ دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش، ھەققانىيلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، دۇنيانىڭ يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىكى ئاچقۇچلۇق تۇراقلىق مىقدارغا ئايلاندى.

ئىككى تەرەپ بۇ قېتىم دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى تەشەببۇس قىلىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتنى ئورتاق ئېلان قىلىپ، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا يەنىمۇ قىممەتلىك بولغان مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشتى.

«مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئادا قىلىش كېرەك» «بارلىق يەككە تەرەپلىك مۇشتۇمزورلۇق ۋە تارىخ چاقىنى كەينىگە ياندۇرۇش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش، بولۇپمۇ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، فاشىزم ۋە مىلىتارىزمنىڭ <دېلوسىنى ئاغدۇرۇپ تىرىلدۈرۈش>تەك بارلىق ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش كېرەك»، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بايرىقى روشەن تەشەببۇسى چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ دۇنياۋى مۇھەببىتى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى مۇقەرەرر ھالدا ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.