تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپى | يېڭى ئاپتوموبىلنى باشقا ئاپتوموبىل سوقۇۋەتكەن بولسا، «ئۇپراش ھەققى» تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟

   ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپى ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتىنىڭ كەڭ ئابۇنىچىلارغا قانۇن جەھەتتە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى قىلىدىغان بازا، ئەگەر سىز قانۇن جەھەتتە قىيىن مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى ئېچىپ، «ئانار بۇلۇت 12345 تەدبىر سوراش» سەھىپىسىنىڭ سۆز قالدۇرۇش سۇپىسىغا كىرىپ، «ياردەم سوراش» بۆلىكىگە ئىلتىماس-تەلەپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ، بىز پۈتۈن كۈچ بىلەن سىزگە قانۇن جەھەتتە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى قىلىمىز.

   ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جيا ئەپەندى مۇنداق دېدى: مەن يېقىندا بىر ئاپتوموبىل سېتىۋالغانىدىم، قاتناش ھادىسىسى سەۋەبلىك ئاپتوموبىلىم زىيانغا ئۇچرىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارشى تەرەپ جاۋابكارلىقنى تولۇق ئۈستىگە ئالىدۇ. گەرچە ئاپتوموبىلىم رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھادىسە يۈزبەرگەن ئاپتوموبىلغا ئايلىنىپ قېلىپ، قىممىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. مەن ھادىسە سادىر قىلغان تەرەپتىن ئاپتوموبىل «ئۇپراش ھەققى» تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟

   ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ يىڭكې (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى گو چۈجياڭ مۇنداق دېدى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 1213-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ زىيان كېلىپ چىققاندا، ھادىسىنىڭ جاۋابكارلىقى شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەرەپتە بولسا، ئاۋۋال موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى بويىچە سۇغۇرتىلانغان سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەيدۇ، يەتمىگەن قىسمىنى سودا 3-تەرەپ سۇغۇرتىسى بىلەن سۇغۇرتىلانغان سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەيدۇ، يەنىلا يەتمىسە ھوقۇققا چېقىلغۇچى تۆلەيدۇ.

   ھالبۇكى، «مال-مۈلۈك زىيىنى»غىچە بولغان دائىرىدە كونكرېتلاشتۇرغاندا، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يول قاتناش ھادىسىسى زىيىنى تۆلەم دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» (2020-يىلى تۈزىتىلگەن)نىڭ 12-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللاشقا تېگىشلىك مال-مۈلۈك زىيىنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) رېمونت ھەققى، ئاپتوموبىلدىكى بۇيۇملارنىڭ زىيىنى، قۇتقۇزۇش ھەققى؛ (2) ئاپتوموبىل كۆيۈپ كەتكەن، يوقاپ كەتكەن ياكى رېمونت قىلغىلى بولمىغان چاغدىكى قايتا قوشۇلغان خىراجەت؛ (3) تىجارەت خاراكتېرلىك ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناشتىن مۇۋاپىق توختاش زىيىنى؛ (4) تىجارەت خاراكتېرلىك بولمىغان ئاپتوموبىللارنى ئىشلەتكىلى بولمىغان چاغدىكى سەپلىمە قاتناش قورالىنىڭ خىراجىتى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن تۆلەم تۈرلىرى «ئاپتوموبىلنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كېتىش زىيىنى»نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

   ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلگىرى «<قاتناش ھادىسىسىدە ئاپتوموبىلنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كېتىش زىيىنىنى تۆلەش مەسىلىسى> توغرىسىدىكى جاۋاب»تا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: نۆۋەتتە ئاپتوموبىلنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كېتىش زىيىنىنى تۆلەشتە ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولۇپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن قوللىماسلىققا مايىللاشتۇق. ئاز ساندىكى ئالاھىدە، ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا، مۇۋاپىق تۆلەم بېرىشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ، لېكىن جەزمەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىپ، ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەش كېرەك.

  بۇ، دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن رامكىسىدا، ئاپتوموبىلنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كېتىش زىيىنى رېمونت ھەققىگە ئوخشاش مۇقەررەر قوللاشقا ئېرىشىدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن تۆلەم تۈرىگە تەۋە بولماستىن، بەلكى بىر خىل «ئالاھىدە ئەھۋال»غا تەۋە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. يېقىنقى ئىككى يىللىق قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەندە، سوت مەھكىمىسىنىڭ «قىممىتى چۈشۈپ كېتىش زىيىنى»غا ھۆكۈم قىلىش لوگىكىسى ئېنىق: پىرىنسىپ جەھەتتىن قوللىمايدۇ، پەقەت ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدىلا ئەھۋالغا قاراپ قوللايدۇ. شۇڭا «ئۇپراش ھەققى» تۆلىمىگە چېتىلىدىغان ھادىسىدە، دەۋالاشقۇچى ئادۋوكاتتىن مەسلىھەت سوراپ، كونكرېت ئەھۋالنى كونكرېت تەھلىل قىلىپ، تېزدىن باھالىشى ھەم دەۋا تاكتىكىسىنى تۈزۈشى كېرەك.    (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.