تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«قوشاملىق ئۆي»دىن يېڭى ماكانغىچە

—— دەريا بويىنىڭ ئون يىللىق خاتىرىسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئادەمسىز ئۇچقۇ تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. قۇم بارخانلىرى بويىدا توغراقلار قەد كۆتۈرگەن، يۇلغۇنلار بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى، كەڭ كەتكەن سۆكسۆك ئورمىنى يېيىلىپ يەنە بىر پارچە دېڭىز ھاسىل قىلغان بولۇپ، كۆچمە قۇمنى بىر سۇڭ - بىرسۇڭدىن «تۇراقلاشتۇرغان» ئىدى.

سۆكسۆك ئورمانلىقىنىڭ بېشىدا دەريا بويى يېڭى كەنتى بار.

دەريا بويى يېڭى كەنتىگە كىرگەندە، كۆكۈچ كۈل رەڭلىك ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنا بىلەن توپا رەڭلىك ھويلا - ئارانلارنىڭ رەتلىك تىزىلغانلىقىنى، ئاسفالت يولنىڭ ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. يول چىرىغى، تۇرۇبا سۈيى، خەۋەرلىشىش مۇنارى − شەھەرلەردىكى بۇ ئادەتتىكى نەرسىلەر ئىلگىرى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى يەتكىلى بولمايدىغان ئارزۇ ئىدى.

«كېرىيە ناھىيەسى تەزكىرىسى»دە خاتىرىلىنىشىچە، 300 نەچچە يىل ئىلگىرى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئىككى چوڭ جەمەت كېرىيە دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى بويلاپ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرگەن ھەم ئولتۇراقلىشىپ، كەنت بولۇپ شەكىللەنگەن. ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە، بۇ جاينىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانىدى.

2016 - يىلى، كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى كەنتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈشنى قارالمىغا كىرگۈزۈپ، كۆچۈرۈش يۆنىلىشى ۋە نىشانىنى بېكىتتى.

2018 - يىلى 10 - ئايدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى كەنت ئاھالىلىرى يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كىردى.

2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم 114 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ئەۋلادمۇئاۋلاد ياشاپ كەلگەن قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىن ئايرىلىپ، ناھىيە بازىرىغا 91 كىلومېتىر كېلىدىغان دەريا بويى يېڭى كەنتىگە كۆچۈپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن، بىر مەزگىل جۇڭگودىكى «ئەڭ ئاخىرقى قۇملۇق قەبىلىسى» دەپ ئاتالغان دەريا بويى كەنتى پۈتۈنلەي ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈلۈپ، تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مۇخبىر دەريا بويى يېڭى كەنتىگە كېلىپ، «قوشاملىق ئۆي»دىن يېڭى ماكانغا كۆچۈپ كېلىشكىچە بولغان ھېكايىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

كەنت ئاھالىسى پاتەمخان ئوبۇلھەسەننىڭ كىچىك دۇكىنى يېڭى كەنتتىكى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايدا ئېچىلغان بولۇپ، مال جازىسىغا ئىچىملىك، تەييار چۆپ، مېۋە - كۆكتات، بەش خىل مېتال، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى لىق تىزىلغانىدى. ئۇ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن بىر تۈركۈم ساياھەتچىنى ئۇزىتىپ بولۇپ، ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا يەنە دۇكانغا كىرگەن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سالاملاشتى.

بۇ، ئون يىل ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىش ئىدى. ئۇ چاغدا پاتەمخان كونا كەنتتە تۇراتتى، بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى نەچچە ئون كىلومېتىر كېلەتتى، ھەتتا 100 كىلومېتىردىن ئاشاتتى. كەنت ئاھالىلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد چارۋا بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، يۇلغۇن شېخى ياكى قومۇشنى باغلاپ قوپۇرۇلغان، لاي بىلەن نېپىز سۇۋالغان «قوشاملىق ئۆي»لەردە ئولتۇراتتى، قىرتاق، شورلۇق سۇ ئىچەتتى، كىرسىن چىراغ ئىشلىتەتتى. 2002 - يىلىغا كەلگەندە، دۆلەتنىڭ «يېزىلارغا توك يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، دەريا بويى يېزىسىدا يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلدى ھەم توك يەتكۈزۈلدى.

«ئىلگىرى كەنت بېشىدا پەقەت بىرلا كىچىك دۇكان بار ئىدى، نەرسە - كېرەك سېتىۋالماقچى بولساق شۇ يەرگىلا باراتتۇق.» پاتەمخان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر، دۇكاننى ئىشىك ئالدىغىلا ئاچتىم، خېرىدارلار ئۆزلىرى ئىزدەپ كېلىدۇ. مال يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى كەنتكە ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم كېلىپ تۇرىدۇ، مال كىرگۈزۈش ئۈچۈن كەنتتىن چىقىشىم ھاجەتسىز.»

پاتەمخاننىڭ ئېرى مەتكېرەم ئابدۇخالىق بەك قابىلىيەتلىك. ئۇ 100مو يەرگە توشقانزەدىكى تېرىدى، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 200مو يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ توشقانزەدىكى تېرىدى، ئۇ بىر يىلدا مۇشۇ 300مو يەردىكى توشقانزەدىكىنى سېتىپلا 35مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدۇ. مەتكېرەم ئۆزى توشقانزەدىكى تېرىپلا قالماي، يەنە كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ توشقانزەدىكىنى سېتىۋېلىپ دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلىغاندىن كېيىن يەنە سېتىپ، ھەر يىلى يەنە 30 - 40 مىڭ يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ. ئۇلار ئائىلىسىدە يەنە قوي بېقىۋاتىدۇ، بۇلتۇر 160 مىڭ يۈەنگە ئائىلە ئاپتوموبىلى سېتىۋالدى.

پاتەمخاننىڭ كىچىك دۇكىنى ھەر ئايدا ئائىلىسىگە 3000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىپ بېرەلەيدۇ. ئۇ يەنە يېزىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشتە بولدى، «سىرتقا چىقىپ كۆرگەندىن كېيىن، تۇرمۇشىمىزنى يەنە مۇنداق ئۆتكۈزسەكمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدىم.»

پاتەمخاننىڭ دۇكىنىدىن چىققاندا، مۇخبىر 2018 - يىلى بۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن كەنت ئاھالىسى مەتتۇرسۇن مەتتۇردىنى ئۇچراتتى، ئۇ چوڭ قىزىنىڭ قارامايغا بېرىپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىدىن شادلىققا چۆمگەنىدى.

مەتتۇرسۇننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، يېڭى كۆچۈپ كەلگەندە، ئۇنىڭ بېشىنى ئەڭ ئاغرىتقىنى كەنتتە نېمە ئىش قىلىشنى بىلەلمىگەنلىكى بولغان: «مەن باققان قويلار، تېرىغان توشقانزەدىكىنىڭ ھەممىسى كونا كەنتتە قالىدىغان تۇرسا، كۆچۈپ چىقسام قانداق بېيىيالايمەن؟»

شۇ ۋاقىتتا، يېزا - كەنت ئىككى دەرىجىلىك كادىرلارمۇ كەنت ئاھالىلىرى ماھىر بولغان باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق كەسپىنى يېڭى كەنتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلاۋاتاتتى. «بىز باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، قويلارنى چوڭ باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە ھاۋالىلىك بېقىشقا بېرىشنى؛ يېڭى كەنتتە كەڭ كۆلەمدە توشقانزەدىكى تېرىشنى، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدۇق» دېدى دەريابويى يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو ۋېي.

«مەن ھازىر 350 مو يەردە توشقانزەدىكى تېرىدىم، باشقا كىرىمىمنى قوشقاندا، بىر يىللىق كىرىمىم 100 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.» مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: ھەر يىلى قازغان توشقانزەدىكىنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ، كەنتتىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىگە سېتىپ بېرىمەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 110 قوي باقتىم، بۇلتۇر قوي سېتىپلا 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم.

«كونا كەنت <مەنزىرە نۇقتىسى>، يېڭى كەنت <ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسى>.» گو ۋېي دەريا بويى كەنتىنىڭ تەرەققىيات پىكىر يولىنى مۇنداق چۈشەندۈردى: كونا كەنتنىڭ كۆچۈرۈلۈشتىن بۇرۇنقى ھالىتىنى ساقلاپ قالدۇق، توغراق، يۇلغۇن، قوشاملىق ئۆي، توغراقلىق ئارىسىدا ئوتلاۋاتقان قوي پادىلىرى، كەنتتىكى ياشانغانلار پىشۇرغان كۆمەچ (قۇمغا كۆمۈپ پىشۇرۇلغان گۆشنان)... بۇلارنىڭ ھەممىسى كونا كەنتنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى تايانچ؛ يېڭى كەنتتە، 12 مىڭ مودىن ئارتۇق سۆكسۆك توشقانزەدىكى، 38 مىڭ قويغا تايىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇش، مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇش، بېيىيالايدىغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. كەسىپ كاپالىتى بولغاچقا، 2025 - يىلى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 31 مىڭ 95 يۈەنگە يەتتى.

بۇ خىل «يېڭى كەنتتە ئولتۇراقلىشىش، كونا كەنتتە ساياھەت قىلىش» ئەندىزىسى دەريا بويى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى كەنتتىن چىقمايلا ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى سېتىپ چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. كەنت يەنە 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئاشخانا، ئائىلىۋى مېھمانخانا سالدى، تۆگە كارۋىنى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى ئويۇن قويۇش ئەترىتى قۇردى. يۇرتىغا قايتقان نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى مۇلازىمەتچى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلارغا يول باشلىغۇچى بولدى، كەنت بويىچە ساياھەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان كەنت ئاھالىسى 400دىن ئاشتى. 2025 - يىلى، كەنت بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 90 مىڭ ئادەم قېتىم بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 热衣拉·阿扎提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.