تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپى | بىللە قول قايرىشىپ يارىلانسا، مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟

   ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنىڭ كەڭ ئابۇنىچىلارغا قانۇن جەھەتتە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى قىلىدىغان بازا، ئەگەر سىز قانۇن جەھەتتە قىيىن مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى ئېچىپ، «ئانار بۇلۇت 12345 تەدبىر سوراش» سەھىپىسىنىڭ سۆز قالدۇرۇش سۇپىسىغا كىرىپ، «ياردەم سوراش» بۆلىكىگە ئىلتىماس-تەلەپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن سىزگە قانۇن جەھەتتە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى قىلىمىز.

   ئالتاي شەھىرى ئاھالىسى فېڭ ئەپەندى مۇنداق مەسلىھەت سورىدى: مەن دوستۇم شياۋلى بىلەن دائىم بىللە بەدەن چېنىقتۇرىمەن، ئىككىمىز يەنە قول قايرىشىپ، كىمنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى سىناپ بېقىشقا ئامراق ئىدۇق. يېقىندا، شياۋلى ئىككىمىز دوستلار يىغىلىشىغا قاتناشتۇق. كۆپچىلىك تاماق يېيىشىپ بولغاندىن كېيىن، بىر دوستىمىز ئىككىمىزنى قول قايرىشىپ بېقىش تەكلىپىنى بەردى، شياۋلى ئىككىمىز خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇق. لېكىن قول قايرىشىش جەريانىدا، شياۋلى تۇيۇقسىز «بىلىكىم يارىلاندى» دەپ ۋارقىراپ كەتتى، بىز دەرھال ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق. تەكشۈرۈش ئارقىلىق شياۋلىنىڭ سۆڭىكى سۇنغانلىقى ھەمدە نېرىپلار زەخىملەنگەنلىكى بايقالدى، داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىدى. باشقا دوستلىرىم، مېنىڭ شياۋلىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن تۆلەپ بېرىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى، شۇنى سوراپ باقسام، بۇنىڭغا مەن مەسئۇل بولۇشۇم كېرەكمۇ؟

   ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ داچېڭ (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى پەن زېڭياۋ مۇنداق دېدى: بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ. ئالدى بىلەن، قول قايرىشىش كۈچ قارشىلىشىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماھارەت كۆرسىتىش جەريانىدا كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ئېتىلىش كۈچى سەۋەبىدىن بىلەكنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا بەلگىلەنگەن «بەلگىلىك خەۋپ-خەتەرگە ئىگە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى»گە تەۋە، شياۋلىنىڭ سىز بىلەن قول قايرىشىۋاتقاندا زەخمەتكە ئۇچرىشى ئاممىباب سۆز بىلەن ئىپادىلىگەندە «خەۋپ-خەتەرگە ئۆزى رازى بولۇش»قا تەۋە.

   ئىككىنچىدىن، شياۋلى ئىككىڭلار قۇرامىغا يەتكەنلەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى كۆپ قېتىم قول قايرىشىش كەچۈرمىشى بولغان، سىلەر بۇ پائالىيەتكە نىسىبەتەن تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقىڭلار بىلەن قاتناشقان، مەجبۇرلاش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، سىز مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر شياۋلىنىڭ سىزنىڭ قەستەن ياكى ئېغىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتى بولسا، ئۇنداقتا مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىز كېرەك.

   بۇ يەردە كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، كۈچ قارشىلىشىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىشتىن بۇرۇن، چوقۇم سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئالدىن باھالاپ، ئۆزىنىڭ جىسمانىي ئىقتىدارى ۋە سالامەتلىك شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ ئەقلىي ھۆكۈم قىلىش، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۆزىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن پائالىيەت تۈرلىرىگە قاتناشماسلىق، يارىلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.