شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاربىن، 5-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى: 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە كۆرگەزمىسىدە يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى قۇۋۋىتى قوزغىتىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شۈ كەيشىن، ۋاڭ زو
يازنىڭ بېشىدا، مەيىن شامال يۈزنى سىيپاپ ئۆتەتتى، 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە كۆرگەزمىسى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى خاربىندا رەسمىي باشلاندى. كۆرگەزمە سارىيىنى سەيلە قىلغاندا، جۇڭگو، رۇسىيە قاتارلىق كۆپ دۆلەتنىڭ سودىگەرلىرى ۋە شەھەر ئاھالىلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۆرگەزمە سۇپىلىرى ئارىسىدا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

5-ئاينىڭ 17-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلار 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە كۆرگەزمىسى رۇسىيە دۆلەت مەركىزى تۈرلۈك ماللار كۆرگەزمە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ زو فوتوسى
«كۆرگەزمىدە ئايروپىلان ھەيدىيەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن!» جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى گۇرۇھى ئۆزى تەتقىق قىلغان ئۇچۇش ۋە يول باشلاش پىروگراممىسى مەشىق ئەسۋابى ئالدىدا، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ تۇردى، ئەمدىلا ھەيدەشنى ھېس قىلغان بىر ياش ھاياجانلانغان ھالدا ھەمراھلىرى بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولدى. يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بارلىققا كەلگەن «دۇڭنۇڭ پۇرچىقى 252» دادۇر ماروژنىسى ئوخشاشلا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئۆزگىچە تەم جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى جۇڭگو-رۇسىيە كۆرگەزمىسى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، «جۇڭگو-رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش قاتارلىق مۇھىم ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، «ئىشەنچ، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، 46 دۆلەت ۋە رايون، 1500دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىسىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلغان.

5-ئاينىڭ 17-كۈنى، 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ زو فوتوسى
جۇڭگو-رۇسىيە كۆرگەزمىسىنىڭ جۇڭگو-رۇسىيە ھەمكارلىق كۆرگەزمە رايونىغا نەزەر سالساق، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە رەقەملىك تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ − خېيلۇڭجياڭ توجياڭ خاۋخاڭ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇسىدىن خاربىن بوشى ئاپتوماتلاشتۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلىغۇچى ماشىنا ئادىمىگىچە، ئاندىن يەنە جۇڭگو ئاۋىياتسىيە تەرەققىيات شىركىتىگە قاراشلىق خاربىن دۇڭئەن خەلق ئاۋىياتسىيە موتورى چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان 1200 كىلوۋاتلىق قاينام پالاقلىق موتورغىچە... نۇرغۇن قاتتىق يادرولۇق كۆرگەزمە بۇيۇملىرى نۇرغۇن چەت ئەللىك سودىگەرنى جەلپ قىلدى.
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چېن شىجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىلگىرىكى جۇڭگو-رۇسىيە كۆرگەزمىسىنىڭ كۆپىنچىسى «تاۋار بازىرى» ئىدى، ھازىر بولسا «يېڭى ئىدىيە، يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇن، يېڭى ئەندىزە»گە ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىساد-سودا كاتتا مەرىكىسىگە ئايلاندى.
«جۇڭگو-رۇسىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى <تىپ> تىن <يېڭىلىق يارىتىش تىپى> غا ھالقىدى.» چېن شىجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو-رۇسىيە ھەمكارلىق ساھەسى ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، ماشىنا-ئېلېكتىر ساھەسىدىن رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرگە كېڭەيدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ۋە «مەخسۇس، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %20تىن ئېشىپ، 500دىن ئارتۇق «تۇنجى بازارغا سېلىنغان، تۇنجى يۈرۈش، تۇنجى نۇسخا» يېڭى مەھسۇلات مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىندى.

5-ئاينىڭ 17-كۈنى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ كەيشىن فوتوسى
«بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە رامكىسى ئىچىدە ئون نەچچە مەيدان سودا پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىللەر باشقارمىسىنىڭ ۋەكىلى (رۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سودا مۇئاۋىن ۋەكىلى دەرىجىلىك) سېرديۇكوۋا مۇنداق تونۇشتۇردى: يىغىن مەزگىلىدە تۈرلۈك مۇنبەر ۋە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى، سانائەت رايونى ۋە كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتى، شەھەر پىلانلاش قۇرۇلۇشى، داۋالاش ۋە سەھىيە، ساغلاملىق قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك مەزمۇنلارغا چېتىلىدۇ.
سودا مىنىستىرلىقى ياۋروپا-ئاسىيا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما چى مۇنداق دېدى: سودا مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-رۇسىيە كۆرگەزمىسى، ئىمپورت يەرمەنكىسى قاتارلىق سۇپىلارنى پۇرسەت بىلىپ، تېخىمۇ كۆپ دەل جايىدا، كەسىپلەشكەن كارخانىلارنى جىپسىلاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىدۇ. ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، ئاشلىق قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق تاۋار سودىسىنى داۋاملىق مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، دۇنيا ئىقتىسادىغا مۇقىملىق ۋە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ.
«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






