□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل
5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، كېرىيە ناھىيەسى ئويتوغراق يېزىسى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ۋەنخۇايۈەن» دېيىلدى)دا، 100 مىڭ تۈپ قىزىلگۈل بەس - بەستە پورەكلەپ ئېچىلدى، گۈل بەرگىلىرى قات - قات بولۇپ، گۈلنىڭ خۇش ھىدى قۇم دېڭىزىنى قاپلىدى.
قىزىلگۈللەر ئارىسىدا جۇڭيى دورا ماتېرىيالى نەيزىگۈل ئەمدىلا بىخ سۈرگەن بولۇپ، گۈل قىرلىرى بىلەن گىرەلىشىپ، كۆچمە قۇمنى مەھكەم تۇراقلاشتۇرغانىدى.
ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، ئويتوغراق يېزىسى تاللىق ئېرىق كەنتىنىڭ ئاھالىسى رۇزى باقى ئېڭىشىپ تۇرۇپ گۈل مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلىۋاتاتتى، ئىككى قولى بىلەن قۇمساڭ توپىنى يېنىك تارتىپ، سارغايغان يوپۇرماقلارنى ئېلىۋەتتى، ھەرىكىتى چاققان ئىدى.
2024 - يىلى، رۇزى 20 مو قۇملۇق يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ قىزىلگۈل ئۆستۈردى، بۇ يىل تۇنجى قېتىم پايدىسىنى كۆردى − يېڭى قىزىلگۈل ۋە غۇنچىسىنى سېتىپ، 5000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى.
5000 يۈەنگە يېقىن پۇل ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ قۇم - بوراندا بىر يىلدىن كۆپرەك ئەجىر قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
دەسلەپتە، ئالدىنقى كۈنى ئەمدىلا ياتقۇزغان تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسىنى شامال ئۇچۇرۇپ كەتتى. قايتىدىن ياتقۇزۇپ، مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئەتىسى يەنە ئۇچۇرۇپ كەتتى. رۇزى ۋە خوتۇنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىشنى قايتا - قايتا باشتىن باشلىدى. «ئىلگىرى بۇ قۇملۇق يەردە قىزىلگۈل ئۆستۈرگىلى بولمايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم.» رۇزى ئورنىدىن تۇرۇپ، قولىدىكى قۇمساڭ توپىنى قېقىۋېتىپ، تۇتاش كەتكەن گۈل قىرلىرىغا نەزەر سالدى. بۇ يىل، ئۇ يەنە گۈل قىرلىرى ئارىسىغا نەيزىگۈل كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، بىر يەردىن قوش ھوسۇل ئالدى.
ۋەنخۇايۈەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، ئىلگىرى شۇ جايدىكى قۇم - بوران ئاساسلىق چىقىدىغان جايلارنىڭ بىرى ئىدى. ئويتوغراق يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەلىجان ئوبۇل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىر قاچا تاماقنىڭ يېرىم قاچىسى قۇم ئىدى، ئىشىك يوچۇقىدىن يوتقانغىمۇ قۇم كىرىپ كېتەتتى.»
2023 - يىلى 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى باشلاندى. كېرىيە ناھىيەسى 76 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇقنى قاشالاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ۋەنخۇايۈەن دەل ئەڭ ئاخىرقى بىر «قۇراشتۇرما سۈرەت» ئىدى. 2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈپ قىزىلگۈل كۆچىتىنى كۆمۈپ پۇختىلاشقا ئەگىشىپ، قۇملۇقنى چۆرىدىگەن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقى رەسمىي بەرپا قىلىندى.
ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئەينى چاغدا تىكىلگەن قىزىلگۈل كۆچەتلىرى چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ باراقسانلاشتى.
«دەسلەپتە، قىزىلگۈل كۆچىتىنىڭ ئەي بولۇشى تەسكە توختىدى. ياز پەسلىدىكى ئىسسىق قۇرغاق شامال قىزىلگۈل كۆچەتلىرىنىڭ ئەي بولۇشىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىدى.» ئەلىجان زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، كۆز ئالدىدىكى ئېتىزلىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بىز سىناپ تاپقان يېڭى ئامالنى كۆرۈپ بېقىڭ» دېدى.
قىزىلگۈل ئېتىزلىقىدا، بىر نەچچە تۈپ قىزىلگۈل ئارىسىدا قومۇشتىن ياسالغان بىردىن كىچىك كاتەكچە بار بولۇپ، يېقىن بېرىپ قارىسىڭىز، كاتەكچىدە قوغدىلىۋاتقىنى قىزىلگۈل كۆچەتلىرى ئىدى. «بۇ ئۇسۇلنى بىز قايتا - قايتا سىناق قىلىپ تېپىپ چىققان.» ئەلىجان مۇنداق دېدى: قىزىلگۈل كۆچەتلىرىنى تىككەندىن كېيىن، ئەي بولمىغانلىرىنىڭ ئورنىغا كېلەر يىلى ئەتىيازدا يېڭى كۆچەتلەرنى تولۇقلاپ تىكىمىز، لېكىن 5 - ئايغا كەلگەندە، ئىسسىق قۇرغاق شامالنىڭ قۇم - بورانلارنى ئۇچۇرتۇپ كېلىشى بىلەن، يۇمران قىزىلگۈللەر يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
قانداق ئامال قىلغاندا ئاندىن كۆچەتلەرنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ؟
ئەلىجان ئەسلەپ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە بىر قېتىملىق سولياۋ تاماق قاچىسى سېتىۋېلىپ، قاچىنىڭ ئاستىدىن تۆشۈك ئېچىپ كۆچەتكە دۈم كۆمتۈرۈپ قويدۇق. لېكىن تاماق قاچىسى بەك يېنىك بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېگىزلىكىمۇ يەتمىگەچكە، شامال چىقسىلا ئۇچۇرۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئورنىغا قەغەز تاماق قاچىسى ئىشلەتكەن بولساقمۇ، نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش بولدى. كېيىن بەزىلەر قۇم تۇراقلاشتۇرىدىغان قومۇش ئوت كاتەكچىسىنى ئېسىگە ئېلىپ، قومۇش بىلەن قاشا ياساپ، كۆچەتنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ قاشالىغاندا، شامال چىقىپ ئۈستىدىن ئۆتسىمۇ يىلتىز ئاستىدىكى توپىنى ئېلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىناپ بېقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق.
بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جايدىكى قۇملۇق قىزىلگۈلىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %90تىن كۆپرەككە يېتىپ، ناچار ھاۋانىڭ سىنىقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، قۇملۇقتا يىلتىز تارتقان «ئېكولوگىيە مۇھاپىزەتچىسى»گە ئايلاندى. «بۇ يىل بىز نەيزىگۈل، ئەمەن، قالقانگۈل قاتارلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈپ، داڭلىق دورا ماتېرىياللىرى بازىرىغا <يۈرۈش قىلىپ>، پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىشقا تەييارلىق قىلدۇق» دېدى ئەلىجان.
ئوخشاش ئۆزگىرىش يەنە تيەندۇڭ، پۇتاۋيۈەن، جىنخۇياڭ، ئارال يېزىسى چىشيەننۈ قاتارلىق بەش چوڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىمۇ يۈز بەردى.
تيەندۇڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇم تىزگىنلەش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا كىرگەندە، ئىلگىرىكى ئېگىز - پەس قۇم بارخانلىرى رەتمۇرەت «يېشىل پەلەمپەي ئېتىز»غا ئايلانغانىدى، يېڭىدىن تىكىلگەن سۆكسۆك كۆچەتلىرى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى. «ۋەنخۇايۈەندىكى <قاشالاش> بىرىكمە نۇقتىسىنىڭ ئەڭ تار يېرى دەسلەپكى 100 مېتىردىن 3057 مېتىرغا كېڭەيدى؛ تيەندۇڭ بۆلەك رايونىنىڭ ئەڭ تار يېرى قاشالاشتىن ئىلگىرىكى 170 مېتىردىن 3126 مېتىرغا كېڭەيدى... ئالتە چوڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى خۇددى ئالتە <يېشىل مىخ>قا ئوخشاش قۇملۇقنى مەھكەم تۇراقلاشتۇردى.» كېرىيە ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇم تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كادىرى پاتىگۈل ئىمىن تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيانقى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىدىكى ھەربىر ئۆزگىرىشكە گۇۋاھ بولدى.
«كېرىيەنىڭ ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش <كېرىيە ئەندىزىسى> بار.» پاتىگۈل مۇنداق دېدى: ئالتە چوڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا تايىنىپ، پۈتۈن ناھىيە بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇم تۇراقلاشتۇرۇش، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى «قۇملۇقنى قاشالاش»نى قانات يايدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كېرىيە «پەلەمپەي ئېتىز ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش» يېڭى يولىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقىپ، ئېكولوگىيە بىلەن ئىقتىساد ماس تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى يولنى ياراتتى.
ھەربىر تۈپ قىزىلگۈل، ھەربىر ئېتىز قىرلىرىدىكى نەيزىگۈلنىڭ ئارقىسىدا پۈتۈن ناھىيەدىكى 1929 ئائىلىلىك 7116 كىشىنىڭ ئەجرى بار بولۇپ، يەنە 19 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
كېرىيە ناھىيەسى يەرنى كەنتلەرگىچە ئايرىش، يەرنى ئائىلىلەرگىچە ھۆددە بېرىش، ھوقۇقنى ئادەمگىچە بېكىتىش شەكلى ئارقىلىق، دۆلەت ئىلكىدىكى پايدىلىنىلمىغان قۇملۇق يەرنى كەنت كوللېكتىپىغا ئاجرىتىپ بەردى، ئاندىن كەنت كوللېكتىپى دېھقان ئائىلىلىرىگە ھۆددە بەردى، ھەربىر ئائىلىنىڭ 30 مودىن 50 موغىچە يەرنى ئىلتىماس قىلىپ ھۆددە ئېلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ قۇم تىزگىنلىشى ھەم بېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. كېرىيە ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ كەييۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەسى جەمئىي 247 مىڭ 100 مو يەرنى ئايرىپ بەردى، بۇ، 1929 ئائىلىلىكنى قاپلاپ، 7116 كىشىگە نەپ يەتكۈزدى. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇم تىزگىنلەش تۈرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى ئۈچ كارخانا ۋە ئالتە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، 19 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 12 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىغا كۈچ قوشتى.






