تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپى | پەقەت مەبلەغلا سېلىپ تىجارەتكە قاتناشمىسا، پايدا قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

   ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنىڭ كەڭ ئابۇنىچىلارغا قانۇن جەھەتتە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى قىلىدىغان بازا، ئەگەر سىز قانۇن جەھەتتە قىيىن مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى ئېچىپ، «ئانار بۇلۇت 12345 تەدبىر سوراش» سەھىپىسىنىڭ سۆز قالدۇرۇش سۇپىسىغا كىرىپ، «ياردەم سوراش» بۆلىكىگە ئىلتىماس-تەلەپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن سىزگە قانۇن جەھەتتە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتى قىلىمىز.

   ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق مەسلىھەت سورىدى: مەن دوستۇم تىجارەت قىلىۋاتقان ئاشخانىغا مەبلەغ سالدىم، بىز «مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» ئىمزالاپ، مەن 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالىدىغان، ھەر يىلى 50 مىڭ يۈەن مۇقىم پايدا كىرىمى ئالىدىغانغا پۈتۈشتۇق. سوراپ باقسام، ئەگەر زىيان كۆرۈلسە، مەن كېلىشىمگە ئاساسەن يەنە  مۇقىم پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشەلەمدىم؟

  ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ يىڭكې (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى گو چۈجياڭ مۇنداق دېدى: خەلق ئارىسىدىكى مەبلەغ سېلىش پائالىيىتىدە، بەزىلەر دائىم مۇنداق كېلىشىم ئىمزالايدۇ: بىر تەرەپ پەقەت پۇل چىقىرىدۇ، ھېچقانداق تىجارەت باشقۇرۇشقا قاتناشمايدۇ، تۈر پايدا-زىيىنىدىن قەتىينەزەر، يەنە بىر تەرەپ مۇقىم نىسبەت ياكى مۇقىم سومما بويىچە ئۇنىڭغا پايدا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.

   «قۇرغاقچىلىقتىمۇ، ھۆلچىلىكتىمۇ ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغان» بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشنى قانۇندا يەنە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتى، دەپ بېكىتىشكە بولامدۇ؟ پۇل چىقارغان ئادەم راستتىنلا پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشەلەمدۇ؟

   قانۇن جەھەتتىكى مەبلەغ سېلىش ئادەتتە خەۋپ-خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش، پايدىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپ پەقەت مەبلەغ چىقىرىپ، تىجارەتتىكى زىياننى ئۈستىگە ئالماي، مۇقىم پايدا ئالالىسا، ئۇنداقتا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قەرز مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، ئاتالمىش پايدا تەقسىملەش ماھىيەتتە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ.

   ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى قەرز پۇل توختامى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، بۇ خىل «نامدا مەبلەغ سېلىش، ئەمەلىيەتتە قەرز بېرىش» كېلىشىمىنى سوت مەھكىمىسى ئادەتتە خەلق ئىچى قەرز ماجىراسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ پايدا بۆلۈشۈشنى بىۋاسىتە تەشەببۇس قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، لېكىن دىرىنى قايتۇرۇشنى ھەمدە قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان ئۆسۈمنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. خەلق ئىچى قەرز بېرىش ئۆسۈم نىسبىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان يۇقىرى چەكنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، نۆۋەتتە بىر يىللىق قەرز پۇل بازىرىدا مەلۇم قىلىنغان ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ.

   بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر كېلىشىمدە پۈتۈشكەن مۇقىم پايدا تەقسىماتى شىركەتنىڭ پايدىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەبلەغ چىقارغۇچى ھېچقانداق خەۋپ-خەتەرنى ئۈستىگە ئالمىسا، «پايدا ۋە زىيانغا ئورتاق مەسئۇل بولىدىغان» شېرىكلىشىش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ئىناۋەتسىز، دەپ بېكىتىلىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر تۈر زىيان تارتسا، مەبلەغ چىقارغۇچى پايدا ئالالمايلا قالماستىن، ھەتتا دەسمايىنىمۇ قايتۇرۇۋالالماسلىقى مۇمكىن.

   بۇ يەردە مۇنداق تەكلىپ بېرىلىدۇ: ئەگەر سىز مەبلەغ چىقىرىش ئارقىلىق مۇقىم پايدىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، بىۋاسىتە قەرز بېرىش توختامى ئىمزالاپ، دىرى، ئۆسۈم نىسبىتى ۋە قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئېنىق پۈتۈشۈڭ ھەمدە ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقىرى چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىڭ. ئەگەر سىز ھەقىقەتەن مەبلەغ سېلىشقا قاتنىشىشنى ھەمدە تۈر پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئۈمىد قىلسىڭىز، چوقۇم «خەۋپ-خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش» پىرىنسىپىنى قوبۇل قىلىپ، كېلىشىمدە پايدا-زىياننى تەقسىملەش ئۇسۇلىنى ئېنىق پۈتۈشۈشىڭىز ھەمدە مۇۋاپىق تىجارەت ياكى نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشىڭىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.