تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش . يېڭى بايقاش | جىنجۈنمىي قۇملۇق قىزىلگۈلى بىلەن ئۇچراشقاندا

  5-ئاينىڭ 16-كۈنى، گۈلچى دېھقانلار شىنجاڭ تيەنمېيجياڭ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ھويلىسىدا قۇملۇق قىزىلگۈلى بەرگىلىرىنى ئۈزمەكتە.

     5-ئاينىڭ 16-كۈنى، كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى يەتتە قىزىل كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ تيەنمېيجياڭ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، قۇياش نۇرى ھويلىغا چۈشكەن، 100دىن ئارتۇق چاي تەخسىسىگە ئېچىتىلغان قۇملۇق قىزىلگۈلى بەرگىلىرى يېيىتىلغان بولۇپ، ئىشچىلار ئاپتاپقا سېلىش، يىمىرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ھاۋانى ئۆتكۈر خۇش پۇراق قاپلىغان بولۇپ، چاي ياساش تېخنىكى شۆ خەن تەخسىدىكى گۈل بەرگىلىرىنى ئۆرۈگەچ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىز جىنجۈنمېينىڭ چاي ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنى قۇملۇق قىزىلگۈلىگە ئىشلەتتۇق، ئۈچ يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئاخىرى بازىرى ئىتتىك ياخشى چاينى ياساپ چىقتۇق».

  5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىشچى شىنجاڭ تيەنمېيجياڭ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ھويلىسىدا چاي قۇرۇتماقتا.

   بۇ ئۆزگىچە چاينىڭ خۇش ھىدىغا شۇ جايدىكى باغۋەنلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنىڭ «شىفىرى» يوشۇرۇنغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەسى قىزىلگۈل كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن «كېرىيە قۇملۇق قىزىلگۈلى»نى يۇقىرى دەرىجىلىك چاي ئىشلەش ھۈنەر-سەنئىتى بىلەن بىرلەشتۈردى. سولاشتۇرۇش، يىمىرىش، ئېچىتىش، ئاپتاپقا سېلىش قاتارلىق سەككىز ئىش تەرتىپى ئارقىلىق، شۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان قىزىلگۈل چېيى گۈلنىڭ تەبىئىي خۇش پۇرىقىنى ساقلاپ قېلىپلا قالماي، يەنە تەمى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، ناھايىتى تېزلا بازاردا ئالقىشقا ئېرىشتى.

  5-ئاينىڭ 16-كۈنى، چاي ياساش تېخنىكى شىنجاڭ تيەنمېيجياڭ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا قىزىلگۈل بەرگىلىرىنى ئۇۋۇلىماقتا.

  «بۇلتۇر شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بۇ يىل 2 مىليون يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە». شۆ خەن ئەمدىلا تاپشۇرۇۋالغان زاكازنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق سېتىش توختامى ئىمزالىدۇق، كارخانىمىز 20 توننىدىن ئارتۇق يېڭى قىزىلگۈل سېتىۋېلىپ، ئەتراپتىكى گۈلچىلەرنىڭ تېرىقچىلىق ئاكتىپلىقىغا تۈرتكە بولدى».

  5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىشچىلار شىنجاڭ تيەنمېيجياڭ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ھويلىسىدا چاي قۇرۇتماقتا.

  «كېرىيە قۇملۇق قىزىلگۈلى» مەملىكەت بويىچە داڭلىق، ئالاھىدە يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، ئۇيغۇنلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ھازىر ناھىيە بويىچە قىزىلگۈل تېرىلغۇ كۆلىمى 80 مىڭ موغا يەتتى، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 10 مىڭ توننىدىن، ئۇنىۋېرسال مەھسۇلات قىممىتى 200 مىليون يۈەندىن ئاشتى. بۇ «كىچىك گۈل» قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتىكى يېشىل توسۇق بەرپا قىلىپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان، يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان «چوڭ كەسىپ»كە ئايلاندى.

  5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىشچىلار شىنجاڭ تيەنمېيجياڭ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا ئەمدىلا تەييارلانغان يېڭى چايلارنى ئايرىپ قاچىلاشقا تەييارلانماقتا.

  ئېتىزدىكى يېڭى مەھسۇلاتلاردىن كۈندىلىك چاي ئىچىشكىچە، قىزىلگۈل چېيىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇپ، سېتىش يوللىرى كېڭەيدى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ تيەنمېيجياڭ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تەبەسسۇم بىلەن بېيىش ئۈمىدىنى نامايان قىلماقتا. ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت بىلەن تەبىئەتنىڭ سوۋغىسى يۇغۇرۇلغان بۇ قىزىلگۈل چېيىنىڭ خۇشپۇرىقى پۈتۈن مەملىكەتكە تارىلىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ قوشماقتا.

  5-ئاينىڭ 16-كۈنى، گۈلچى دېھقان كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسىنىڭ يەتتە قىزىل كەنتىدىكى گۈل بازىرىدا قىزىلگۈل ساتقان پۇلنى سانىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.