—— رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ سۆھبىتىدىن خاتىرە
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، ياڭ يىجۈن، فېڭ شىنرەن
خەلق سارىيىنىڭ خېبېي زالىدىكى «جىنشەنلىڭدىكى تاڭ نۇرى» ناملىق غايەت چوڭ رەسىمنىڭ ئالدىغا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى سېپى تىزىلغانىدى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن كۈلۈمسىرىگىنىچە زالغا كىرىپ، يانمۇيان تۇرۇپ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ بىللە سۈرەتكە چۈشتى، چاقماق چىراغلار يېنىپ، زاتور ئاۋازى ئۈزۈلمىدى.
ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا، سەددىچىن سېپىلى ئېگىز ۋە تىك چوققىلار ئارىسىدا سوزۇلۇپ تۇراتتى، تاڭ نۇرى گۈزەل تاغ - دەريالارنى كۆركەم ئالتۇن رەڭگە كىرگۈزگەنىدى.
5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
بۇ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇلتۇر 10 - ئايدا پۇساندا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىشى. يەنە بىر قېتىملىق «تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش» دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.
«بىزنىڭ كۆرۈشۈشىمىز ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى دېيىشكە بولىدۇ.» «ئامېرىكىدا، ھەممە كىشى دېگۈدەك بۇ قېتىمقى سۆھبەت توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىۋاتىدۇ.» ئىككى دۆلەتتىكى 1 مىليارد 700 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى مۇجەسسەملەنگەن، دۇنيادىكى 8 مىلياردتىن ئارتۇق خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئىككى تەرەپ دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ «قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش»ىنىڭ سالمىقىنى چوڭقۇر بىلىدۇ.
رەسمىي سۆھبەت خېبېي زالىنىڭ يېنىدىكى شەرقىي زالدا ئۆتكۈزۈلدى. مېھمان بىلەن ساھىبخانا ئۆز ئورۇنلىرىدا ئولتۇردى، رەئىس شى جىنپىڭ سۆھبەت باشلىنىشى بىلەنلا، چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈپ چوڭقۇر مەنىلىك «ئۈچ سوئال»نى ئوتتۇرىغا قويدى −
«ھازىر يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، دۇنيا يەنە يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قالدى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا <تۇسىدېد توزىقى>دىن ھالقىپ ئۆتۈپ، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئۆرنىكىنى يارىتالامدۇ - يوق؟ قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق قوشالامدۇ - يوق؟ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالامدۇ - يوق؟»
«بۇلار تارىخنىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، شۇنداقلا چوڭ دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق پۈتۈشكە تېگىشلىك دەۋر جاۋاب قەغىزى.» بۇ سۆزلەر سەمىمىي ھەم قەتئىي ئىدى: «مەن زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتقا ياخشى يول باشلاپ، رولنى ياخشى باشقۇرۇپ، 2026 - يىلىنى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان تارىخىي خاراكتېرلىك، بەلگە خاراكتېرلىك يىلغا ئايلاندۇرۇشنى خالايمەن.»
بۇلتۇر پۇسان سۆھبىتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «چوڭ پاراخوت» توغرىسىدىكى ئوخشىتىش كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانىدى. «رولچى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى «نېگىزلىك مۇقىملاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى.
مۇشۇ پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭغا يۈزلىنىپ، زۇڭتۇڭ تىرامپ يەنە بىر قېتىم مۇنداق بىلدۈردى: «بىز پارلاق كەلگۈسىگە ئورتاق ئىگە بولىمىز. مەن جۇڭگونى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيمەن، سىزنىڭ رەھبەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭىزنىمۇ ئىنتايىن ھۆرمەتلەيمەن. مەن ھەممە كىشىگە شۇنداق دەيمەن، سىز بىر قالتىس رەھبەر، مەن بۇ باھايىمدا چىڭ تۇرىمەن، چۈنكى بۇ ئەمەلىيەت.»
جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ «چوڭ پاراخوت» قانداق قىلغاندا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ؟
ئىككى سائەتتىن ئارتۇق چوڭقۇر سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بىر مۇھىم بايان تېزلىكتە دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ باش خەۋەر ئورنىنى ئىگىلىدى: ئىككى تەرەپ «جۇڭگو - ئامېرىكا ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى» بەرپا قىلىشنى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسى قىلىپ، كەلگۈسى ئۈچ يىل ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم بولۇش» دېگەن نېمە؟
«ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان ئاكتىپ مۇقىم بولۇش بولۇشى كېرەك، رىقابەت لايىقىدا بولغان ياخشى سۈپەتلىك مۇقىم بولۇش بولۇشى كېرەك، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلىگىلى بولىدىغان نورمال مۇقىم بولۇش بولۇشى كېرەك، تىنچ، ئۈمىدكە تولغان ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان مۇقىم بولۇش بولۇشى كېرەك.»
ئىناق ئۆتۈش، ئەمما پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بۇ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىگە ئەقىل - پاراسەت مۇجەسسەملەنگەن، مەسئۇلىيەتچانلىق نامايان قىلىنغان.
كىشىلەر ئامېرىكىدىكى ئون نەچچە داڭلىق كارخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئۆمەككە ئەگىشىپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىگە دىققەت قىلدى، ئالما شىركىتى، نىۋىدىيا شىركىتى، تېسلا شىركىتى، بوئېن شىركىتى... بۇلار ئالاقە تورى، پەن - تېخنىكا، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى كۆپلىگەن ساھەلەرگە ئالاقىدار بولۇپ، ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاقىلانە، ئەمەلىي تاللىشىنى ئىزاھلىدى.
«بىزنىڭ تەكلىپ قىلغىنىمىز دۇنيا بويىچە رەت تەرتىپتە ئالدىنقى 30نىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان كارخانىلارنىڭ رەھبەرلىرى، ئۇلار قاتنىشىشقا بىردەك قوشۇلدى، مەن كارخانىنىڭ ئىككىنچى باشلىقى، ئۈچىنچى باشلىقلىرىنى قوبۇل قىلمىدىم، پەقەت بىرىنچى باشلىقىنىلا ئېلىپ كەلدىم.» سۆھبەت مەزگىلىدە، زۇڭتۇڭ تىرامپ ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە كەلگەن كارخانىچىلارنى رەئىس شى جىنپىڭغا بىر - بىرلەپ تونۇشتۇردى.
ئالدىنقى كۈنىلا، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كوللېكتىپى كورېيەدە 7 - نۆۋەتلىك ئىقتىساد - سودا كېڭىشى ئۆتكۈزۈپ، «ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ، ئىجابىي نەتىجە ھاسىل قىلدى».
«بۇ، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئوخشاشلا خۇش خەۋەر.» رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش بولۇپ، ئىختىلاپ ۋە سۈركىلىش ئالدىدا، باراۋەر كېڭىشىش بىردىنبىر توغرا تاللاش.»
ئىقتىساد - سودا «چوڭ پاراخوت»نىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ». «جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى پەقەت بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشىگە چوڭقۇر قاتنىشىۋاتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ.»
بۇ خىل كەڭ قورساقلىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك يەنە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيە قائىدە - يوسۇنلىرىنىڭ ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلىرىدا ئىپادىلەندى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا زۇڭتۇڭ تىرامپ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى: ھۆرمەت توپلىرى تەڭلا ئېتىلدى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ھۆرمەت بىلدۈردى، دۆلەت شېئىرلىرى ياڭرىدى، مۇراسىم سەپ شەكلى رەتلىك، ھەيۋەتلىك ئىدى...
مۇنداق بىر تەپسىلات بار: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرى ئامېرىكىلىق كومپوزىتور 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىجاد قىلغان «دېڭىز - ئوكياندىن ھالقىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش» ناملىق مارشنى ئورۇنلىدى.
يەنە بىر كۆرۈنۈش بار: قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاخىرلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدىكى پەلەمپەينى بويلاپ يۇقىرىغا چىقتى. پەلەمپەينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۇپىدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن ئارقىغا بۇرۇلۇپ شەرققە قاراپ ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن مەيدانىغا نەزەر سالدى.
نەزەر دائىرە يېتىدىغانلىكى جاينىڭ ھەممىسىدە ئاسمان - زېمىن كەڭ بولۇپ، قەدىمكى بىلەن ھازىر گىرەلىشىپ، زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەنىدى. تيەنئەنمېن راۋىقى، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى، ماۋ جۇشى خاتىرە سارىيى، دۆلەت مۇزېيى... رەئىس شى جىنپىڭ يىراقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، زۇڭتۇڭ تىرامپقا بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى بىر - بىرلەپ تونۇشتۇردى.
ئىككى يىل ئىلگىرى، جەنۇب بىلەن شىمالنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان بېيجىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسى «جۇڭگو ئارزۇدىكىدەك پايتەخت تەرتىپى نادىر ئەسىرى» دېگەن نام بىلەن «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى. توققۇز يىل ئىلگىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تۆت سائەتلىك گۇگۇڭ سارىيى سەپىرىدە، تارىخىي تەجرىبىلەر ۋە مەدەنىيلىك ئىلھامى ئۈستىدە ئويلاندى، مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىگە جايلاشقان تيەنتەنگە باردى.
رەڭلىك ساپال، قاتمۇقات لەمپە، لىم تەگلىكى، تۇرۇم بىلەن تورۇستىكى بېزەك كاتەكچىلەر، نەقىشلىك تام - تورۇس ۋە لىم - تۈۋرۈكلەر... مىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭلې يىللىرىدا ياسىلىشقا باشلىغان تيەنتەن 600 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.
«تيەنتەن بىلەن گۇگۇڭ سارىيىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ئوخشاش، <ئاسمان يۇمىلاق، يەر چاسا> دېگەن مەنىدە»، رەئىس شى جىنپىڭ بۇنى زۇڭتۇڭ تىرامپقا جانلىق سۈرەتلەپ بەردى. جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋر ئىمارەتلىرىنى بىر خىش، بىر كاھىشتىن ياساش لوگىكىسىغا جۇڭگولۇقلارنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن ئالەم قارىشى ۋە تىرىكچىلىك پەلسەپىسى مۇجەسسەملەنگەن.
جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن 50 نەچچە يىللىق ئالاقىلىشىش تارىخىدا، نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىق دوستلار تيەنتەندە قەدىمىنى توختىتىپ زەن قويۇپ قارىدى. ئىلگىرى تيەنتەنگە ئون نەچچە قېتىم زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېسىنگىر بۇ يەردە ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق سۆز قالدۇرغان: «ئۇلۇغ تارىخقا ئىگە بىر دۆلەت تېخىمۇ شانلىق كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ».
مەدەنىيلىكنىڭ كۈچى چوڭقۇر سۇنىڭ تىنچ ئېقىشىغا ئوخشايدۇ.
زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ توققۇز يىل ئىلگىرىكى گۇگۇڭ سارىيى سەپىرى ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىدە. بۇ قېتىم تيەنتەندە جۇڭگونىڭ كىلاسسىك بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئىنتايىن نەپىسلىكى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مول ھەم چوڭقۇر مەزمۇنىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئۇ يەنە بىر قېتىم چىن قەلبىدىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «تەڭداشسىز نەپىس ئىكەن! جۇڭگو بەك گۈزەل ئىكەن!»
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يۇمىلاق شەكىللىك ئاق مەرمەر ئۇل تەكچىنى بويلاپ غەربتىن جەنۇبقا قاراپ ئاستا قەدەم بىلەن مېڭىپ، كاتتا ھەم ئازادە چىنيەنديەن سارىيى مەيدانىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. قۇياش نۇرىدا ئالتۇن رەڭ ئۆگزىلىك، كۆك كاھىشلىق چىنيەنديەن سارىيى ھەيۋەتلىك بولۇپ، قاتمۇقات لەمپىلىرى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى.
چىنيەن − مول ھوسۇللۇق يىل بولۇشنى تىلەش مەنىسىدە.
«جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلىرى تيەنتەندە نەزىر مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ تىنچ - ئامان، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى، ھەر يىلنىڭ مول ھوسۇللۇق بولۇشىنى تىلەپ، خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ بولىدۇ، دېگەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئىدىيەسىنى نامايان قىلغان.» رەئىس شى جىنپىڭ قەدىمكىنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈن ئۈستىدە توختالدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەتتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ قەتئىي قوللىشى ۋە چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.»
تارىخ ھەمىشە ئالاھىدە تۈگۈن نۇقتىسىدا كىشىگە چوڭقۇر ئىلھام بېرىدۇ.
جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بوران - چاپقۇن، داۋالغۇشلارغا تولغان يېرىم ئەسىرگە يېقىن مۇساپىسىگە بىر يادرولۇق قانۇنىيەتلىك تونۇش مۇجەسسەملەنگەن: «ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش - ئاشۇرالماسلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىش - قىلالماسلىقىدىكى ئاچقۇچ».
5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچتە، خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان دوست زاتلار، ئۇزاق مەزگىل جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا كۈچ چىقارغان سودا - سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار... بىر يەرگە جەم بولدى، كەيپىيات قىزغىن بولدى.
رەئىس شى جىنپىڭ قارشى ئېلىش زىياپىتىدىكى سۆزىدە، تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش ۋە كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقىنى چوڭقۇر بايان قىلدى:
بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ى باشلانغان يىل، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى مەۋقەنى 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا.
بۇ يىل يەنە ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 250 يىللىقى، 300 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكا خەلقى ۋەتەنپەرۋەرلىك، يېڭىلىق يارىتىش، يول ئېچىش روھىنى قايتىدىن ئۇرغۇتۇپ، ئامېرىكا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولماقتا.
«جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى ئوخشاشلا ئۇلۇغ خەلق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن ئامېرىكىنى قايتا ئۇلۇغۋارلىققا ئىگە قىلىش تامامەن بىر - بىرىگە دەخلى قىلمايدۇ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدۇ، دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ.»
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)






