تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

مەلۇم ئىدارە ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك سۈرەت ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن 300 يۈەن تۆلەم تۆلىدى

لى جىلياڭ سىزغان.

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى فاڭ جياۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى گوپىڭ، ۋۇ تۇڭتۇڭ

  نۆۋەتتە، خېلى كۆپ ئىدارە ھۆكۈمەت تەرەپ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى تەسىس قىلدى، لېكىن بەزى خادىملار سۇپىنى يۈرۈشتۈرگەندە، توردىكى سۈرەتلەرنى ئۆز ئالدىغا «ئېلىپ» ئىشلىتىپ، ئاخىرىدا قانۇن جەھەتتە يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلدى. يېقىندا، شۇاڭخې شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى مەلۇم ئىدارە باشقىلارنىڭ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ماجىراسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇرەسسە قىلدى.

  مەلۇم ئىدارە ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا ئۆز ئالدىغا ۋاڭ xx ئىجاد قىلغان بىر گۇرۇپپا فوتو-سۈرەت ئەسەرلەرنى ئېلىپ ئىشلەتكەن، بۇ فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرى ئەسەر ھوقۇقىنى تىزىملاتقان بولۇپ، ۋاڭ xx قانۇن بويىچە ئەسەرنىڭ خاس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا تولۇق ئېرىشكەنىدى. 2025-يىلى 5-ئايدا، ۋاڭ xx تاسادىپىي ھالدا ئۆز ئەسىرىنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنغانلىقىنى بايقاپ، بۇ ئىدارە بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان سۈرەتلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى ھەم تۆلەم ئىشلىرىنى كېڭىشىشنى تەلەپ قىلغان. كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ۋاڭ xx بۇ ئىدارە ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان.

  دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دېلوغا مەسئۇل سودىيە دەۋاگەر تاپشۇرغان ئەسەرنى تىزىمغا ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسى، ئاممىۋى سۇپىدىكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان ماقالىنىڭ كەسمە سۈرىتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، دەۋاگەرنىڭ دېلودىكى ئالاقىدار ئەسەرگە قارىتا قانۇنلۇق، كۈچكە ئىگە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى، جاۋابكارنىڭ ھوقۇق بېرىلمەي تۇرۇپ ئىشلىتىش قىلمىشىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى قانۇن جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈردى.

  جاۋابكارنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلمىغانلىقى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ بىردەك مۇرەسسە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سودىيە مۇرەسسە قىلىشقا تەشكىللىگەن. سودىيە مەلۇم ئىدارىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، گەرچە سودىغا ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش بولىدىغانلىقى، مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغان. سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلغان يەنى جاۋابكار دەۋاگەرگە 300 يۈەن تۆلەم بەرگەن ھەم ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان ئەسەرنى ئىشلەتكەن ماقالىنى دەرھال سۇپىدىن ئۆچۈرگەن.

  سودىيە مۇنداق ئەسكەرتتى: كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئۆز تاراتقۇ ئىگىلىرى تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندا، جەزمەن نەشىر ھوقۇقى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئەسەر ھوقۇقىغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سۈرەت، يېزىق، سىن قاتارلىق خام ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق بېرىشىگە ئېرىشىشى، «ئۆز ئالدىغا ئېلىپ ئىشلىتىش»نى توسۇپ، مەنبەدىن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.