□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
ئۇلۇغۋار پىلان مۇساپىنى يورۇتىدۇ، كۈرەش قىلىش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «<15 - بەش يىل>نى باشلاش، قەدەم ئېلىش» شىنجاڭ مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى» يېشىپ چۈشەندۈرۈلدى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلدى ھەم تاراتقۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى. بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭنىڭ «14 - بەش يىل»دىكى مول نەتىجىلەر بىلەن خوشلاشقانلىقىنىڭ ئېنىق خاتىرىسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل»غا يۈرۈش قىلىشتىكى قەتئىي قايتا ئاتلىنىشى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، ئۇلۇغۋار مۇساپە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەشكە چاقىرماقتا، بىز بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى «قەغەز يۈزى»دىن ھالقىپ «يەر يۈزى»دە ئەمەلىيلەشتۈرەيلى، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى «قۇرۇلۇش خەرىتىسى»دىن «ھەقىقىي مەنزىرە رەسىمى»گە ئايلاندۇرايلى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ۋە ئالغا سىلجىتتى. بولۇپمۇ بۇلتۇر، باش شۇجى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تەبرىك تاختىسىغا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن مۇھىم بېغىشلىمىنى يېزىپ بېرىپ، شىنجاڭغا «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بېرىپ، بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشىمىز ئۈچۈن تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك تاماملىدى، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى مۇستەھكەم ئىزلىرى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يەنە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشتىكى پۇختا ئىشەنچى ئويۇلغان.
تارىخ ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۇدا كۈرەش قىلىشى داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. كەلگۈسى بەش يىلدا، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، زور سىياسىتى تىرەك بولىدىغان پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ. باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
«15 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بولۇپ، ئاچقۇچ ۋە پىرىنسىپنى ئىگىلەپ، كونكرېت ئىشلارغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەشكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. باشتىن - ئاخىر «مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇش، بىخەتەرلىكنى قوغداش»نى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر «ئاساسىي لىنىيەنى مۇستەھكەملەش، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش»نى چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، «قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش» بىلەن بىللە «كۈچنى مۇجەسسەملەش» كېرەك. باشتىن - ئاخىر «ئىستراتېگىيە كۈچ قوشۇش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش»نى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى كوردىنات ئورنىنى دەل جايىدا تېپىپ، بىر رايوننىڭ نۇرى ئارقىلىق ئومۇملۇققا ھۆسن قوشۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر «شاھمات كۆزىنى جانلاندۇرۇش، ماس تەرەققىي قىلىش»نى چۆرىدەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر «ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش»نى چۆرىدەپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشنى شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر «خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىش، بەخت - سائادەتنى ئاشۇرۇش»نى چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تېخىمۇ ئىگە قىلىش كېرەك.
يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، گۈزەل سەھىپە پۈتۈش. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، «15 - بەش يىل»دىكى يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ قالتىس جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقايلى.






