□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي
«تۆت - بەش قېتىم ئۆي كۆچتۈم، بۇ قېتىم ئەمدى كۆچۈپ يۈرمەيدىغان بولدۇم.» 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، قەشقەر شەھىرىدىكى 25 ياشلىق تېز يەتكۈزگۈچى بۇپاتەم تۇرسۇننىياز مۇخبىرنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا باشلاپ كەلدى، ھال رەڭلىك ئۆي ناھايىتى ئىللىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغانىدى، ئۇ: «ئاخىر ئۆزۈمنىڭ مۇقىم ئۆيۈم بار بولدى» دېدى.
بۇپاتەمنىڭ ئەمىن ئۆيگە كۆچۈش كەچۈرمىشى شىنجاڭدىكى 500 مىڭ يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خاتىرجەم يىلتىز تارتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى. توردا كېلىشىدىغان تەقسىملەپ يەتكۈزگۈچىلەر، تېز يەتكۈزگۈچىلەر، توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قاتارلىق يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەرنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان يېڭى كۈچ.
يېقىندا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىنىپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۇلارغا كۆيۈنۈش، يار - يۆلەك بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىشىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېنىق يول كۆرسىتىپ بېرىلدى.
شىنجاڭدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى باشلامچى بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، جەمئىيەت كۈچلىرىنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، دىققەتنى يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش بويىچە بىر قاتار مۇلازىمەت ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا يار - يۆلەك بولۇپ، ئۇلارنى يىلتىز تارتىش ئىشەنچىگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا «يېڭى» قۇۋۋەت قوشتى.
كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىپ ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش: ئەمگەكچىلەرنى قەدىر - قىممىتى بىلەن ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش
«30 يىل چوڭ ئاپتوموبىل ھەيدىدىم، كىنىشكىنى بۇنچە تېز بېجىرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن!» 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزىدە، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى ۋەن يىنشىن «يول تىرانسپورت مەمۇرىيىتى بويىچە بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش» كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق، بەش مىنۇتتىلا كەسىپكارلىق سالاھىيەتنامىسى بويىچە سەمىمىيىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى تاماملىدى.
ئىلگىرى بۇ كەسىپنى بېجىرگەندە، ۋەن يىنشىن قەغەز ماتېرىياللارنى تولۇق تەييارلاپ مەخسۇس ئاقسۇ شەھەر رايونىغا باراتتى، چوڭ ئاپتوموبىلىنى بىر كۈن توختىتىپ قويسىلا نەچچە يۈز يۈەن زىيان بولاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭدا يول تىرانسپورت كەسپىنى ئېلېكتىرونلۇق بېجىرىش يولغا قويۇلۇپ، «سانلىق مەلۇماتتىن كۆپ پايدىلىنىپ، شوپۇرلارنى ئاز قاترىتىش» ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ۋەن يىنشىننى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلغىنى شۇكى، ئونسۇ ناھىيەلىك قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىغا تايىنىپ، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى ئۈچۈن «ئىدارە باشلىقى ھۆددە ئېلىپ ئالاقىلىشىش توپى» قۇرۇپ بەردى، شوپۇرلارنىڭ ئىلتىماس - تەلىپى بولسا توپتا بىۋاسىتە ئىنكاس قىلسا بولىدۇ. ئاپتوموبىلى بۇزۇلۇپ قالسا، ئىش ھەققى نېسى قالدۇرۇلسا، ئىنكاس قىلسىلا جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ. بۇ تۈزۈم 2025 - يىلى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، نېسى قالدۇرۇلغان ئىش ھەققى ھەم نېسى قالدۇرۇلغان توشۇش ھەققىدىن جەمئىي 156 مىڭ 600 يۈەننى قايتۇرۇپ كېلىشكە ياردەم بېرىلىپ، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى ھەقىقىي قوغدالدى.
شىنجاڭ ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش مۇلازىمەت ئۆتكىلىنى ئالدىغا يۆتكەپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى «داۋلى سۆزلەيدىغان جاي بولۇش، ئىش بېجىرىشىگە ياردەم قىلىدىغان ئادەم بولۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگوۋ رايونى لۇڭشېڭ كوچىسى كوچا باشقارمىسى خۇڭگۇاڭشەن جەنۇبىي مەھەللىسى 11 ئادۋوكاتلىق ئورنى بىلەن بىرلىكتە ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت پونكىتى تەسىس قىلدى، ئادۋوكاتلار ھەر ھەپتىدە ئالمىشىپ نۆۋەتچىلىك قىلىپ، ۋەيمەي توشۇغۇچى، تېز يەتكۈزگۈچى قاتارلىقلارغا قانۇندىن ھەقسىز مەسلىھەت بەردى ۋە ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلدى، مۇرەسسەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %96تىن ئاشتى؛
ئاقسۇ ۋىلايىتى يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش بويىچە تۆت جەھەتتىكى 12 تەدبىرنى باشلامچىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە ئەمگەك توختامى ئىمزالاش نىسبىتىنىڭ %99.61كە، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %79.39كە يېتىشىگە تۈرتكە بولدى؛
قەشقەر ۋىلايىتى تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە رايون خاراكتېرلىك كوللېكتىپ كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەك ھەققى، ئارام ئېلىش، دەم ئېلىش قاتارلىق كەسىپ ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئوخشاش ئىش ئورنىغا ئوخشاش ھەق بەرمەسلىك» قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
شىنجاڭ يەنە يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش مۇلازىمىتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى (2023 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)نى باشلىدى. ھازىرغىچە، 50 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، 50 مىڭ پارچە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سوۋغىسى بېرىلدى، 390 مىڭ كىشىگە كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى ئېلىپ بېرىلدى، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ھەم تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر ئىچىدىكى 20 مىڭ ئايال ئىشچى - خىزمەتچىنى «ئىككى خىل راك كېسىلى»نى تاسقاپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى.
كەسپىي زەخىم كاپالىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىشتىن ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقىچە، يەنە قانۇن ياردىمى بىلەن تەمىنلەشكىچە، شىنجاڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ئەمگەكچىلەرنى بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.
كۆيۈنۈشنى يەتكۈزۈپ، ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش: كۈرەش قىلغۇچىلارنى خاتىرجەم تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش
«ئىلگىرى تاماقنى يەتكۈزۈپ بولۇپ يول بويىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپلا تاماق يەيتتىم، ھازىر يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئاشخانىسى بار بولدى، 12 يۈەن بىلەنلا تويغۇدەك ياخشى تاماق يېيەلەيدىغان بولدۇم.» ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونى يىمىن مەھەللىسىدە، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى جاڭ جۈن يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش يۈرۈشلۈك تامىقىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. بىر گۆشلۈك قورۇما، بىر گۆشسىز قورۇما بار، مىفەننى تويغۇدەك بېرىدۇ، يەنە يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي غىزالىنىش، ھەقسىز توك قاچىلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر يولغا قويۇلدى، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان بۇنداق ئاشخانىدىن ئۈرۈمچىدە 49ى قۇرۇلدى.
بۇ ئۆزگىرىش تاماق يېيىش ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىرىش بولۇپلا قالماي، شەھەرنىڭ يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا بولغان كۆيۈنۈشى ۋە ھۆرمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. شىنجاڭ كۆيۈنۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ «دەم ئېلىش قىيىنچىلىقى، تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى، بالا بېقىش قىيىنچىلىقى، غىزالىنىش قىيىنچىلىقى» قاتارلىق مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، ئىناق، دوستانە بولغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش مۇھىتى يارىتىش ئارقىلىق، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.
تۇرالغۇ يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ شەھەردە يىلتىز تارتىشىدىكى ئاچقۇچ. ئاۋات ناھىيەسى مەخسۇس چىڭنيەن شىڭفۇ جيايۈەن يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ياتاق بىناسى تەسىس قىلىپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى 820 يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ بىلەن نىشانلىق تەمىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلىدى.
«ھەر ئايلىق ئۆي ئىجارىسى پەقەت 210 يۈەن، تام ۋە پولنى بېزەپ بولدۇق، ئازراق ئۆي جاھازلىرىنى ئەكىرسەك سومكىمىزنى كۆتۈرۈپلا كۆچۈپ كىرەلەيمىز.» بۇلتۇر ئاۋات ناھىيەسىدىكى ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى مۇختەر مەمەت ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بالام ناھىيە بازىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق يۆتكىلىپ كىردى، خوتۇنۇممۇ ئىشىك ئالدىدىلا خىزمەت تاپتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاخىر جەم بولدۇق».
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار ھۆججەت چىقاردى، پۈتۈن شىنجاڭدا يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلاردىن 16 مىڭ كىشى كاپالەتلىك تۇرالغۇغا كۆچۈپ كىردى، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلاردىن 47 مىڭ 500 كىشى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ھېساباتى ئاچتى.
بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇشمۇ ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئۆتىڭى «سائەت 8 يېرىمدىكى دەرسخانا»نى تەسىس قىلىپ، 50تىن ئارتۇق ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىنىڭ پەرزەنتلىرىنى دەرستىن كېيىنكى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن شىنجاڭدا يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار پەرزەنتلىرى يېقىن ئەتراپتا ئوقۇشتا بىر شەھەردىكىدەك مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش رەسمىيىتى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، نوپۇس چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسى ھەقىقىي ھەل قىلىندى.
تۈرلۈك خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتلەرنىمۇ ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئاۋات ناھىيەسى يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئاقىل خەرىتىسىنى يولغا قويغان بولۇپ، 54 مۇلازىمەت نۇقتىسىنى يول باشلاش سىستېمىسىدا بىر كۇنۇپكىنى بېسىپلا تاپقىلى بولىدۇ؛ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ۋەندا سودا چەمبىرىكىدە «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كىنو كۆرۈش سۇپىسى» تەسىس قىلىنىپ، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر ئارام ئېلىش، توك قاچىلاش، كىنو كۆرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەندى؛ چىڭگىل ناھىيەسى تايكېشكېن پورتى خەلقئارا «شوپۇرلار ئائىلىسى» جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ئارىسىدا چېگرا ھالقىپ يۈك توشۇيدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنى ئارام ئېلىش، جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى... ھازىرغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئۆتىڭىدىن 7513ى، «شوپۇرلار ئائىلىسى»دىن 141ى، پورت خەلقئارا «شوپۇرلار ئائىلىسى»دىن 15ى قۇرۇلۇپ، كەڭ دائىرىنى قاپلىغان يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىندى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى «ماھارەت ئارقىلىق ئىستىقبالنى جۇلالاندۇرۇش» تەربىيەلەش ھەرىكىتىگە كىرگۈزۈپ، جەمئىي 3666 ئادەم قېتىم تېز يەتكۈزگۈچى، 1288 ئادەم قېتىم تور تاكسى شوپۇرى، 425 ئادەم قېتىم تور تەقسىملەپ يەتكۈزگۈچىنى تەربىيەلەپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كەسىپتە يۈكسىلىش بوشلۇقىنى بارغانسېرى كېڭەيتتى.
سىڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ئىدارە قىلىش: «يولۇچى»نى «ئىگىدار»غا ئايلاندۇرۇش
«ئىختىيارىي سۈرەتكە تارتىپ قويساق، ھەم مەھەللىنىڭ مەسىلىلەرنى بايقىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، يەنە جۇغلانما نومۇر ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.» ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى پىڭدىڭشەن كوچا باشقارمىسى چىڭخې يولى مەھەللىسىدە، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى ئەكبەر ئوبۇلقاسىم تاماق يەتكۈزۈۋاتقاندا يول يۈزىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق يۇقىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئىككى كۈنگە قالمايلا يول رېمونت قىلىندى، ئۇمۇ مۇناسىپ جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشتى، جۇغلانما نومۇرنى تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە توك قاچىلاش، چاچ ياسىتىش مۇلازىمىتىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، ھەتتا سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشكە ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ.
بۇ ئۆزگىرىش شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت ئارقىلىق سىڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىدىكى ئەمەلىيەت.
قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ۋەندا سودا چەمبىرىكىدە، 20 نەپەر تېز يەتكۈزگۈچى «مەھەللە ئامانلىق چارلىغۇچىسى» بولۇشقا تەكلىپ قىلىندى، 30 نەپەر ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نازارەتچىسى» بولۇشنى ئۈستىگە ئالدى، ئون نەپەر تور تاكسى شوپۇرى «شەھەر قىياپىتىنى كۆزەتكۈچى»گە ئايلاندى. ئۇلار «ئىختىيارىي سۈرەتكە تارتىش» ئارقىلىق، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار جەمئىي 156 مەسىلىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلدى.
«<يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نازارەتچىسى> كارتىسىنى تاقاپ، زىممەمدە بىر كىشىلىك مەسئۇلىيەتنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ھېس قىلدىم» دېدى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ۋەندا سودا چەمبىرىكى مېيتۇەن ۋەيمەي پونكىتىنىڭ باشلىقى يەن جىنلۇڭ. ئۇ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ھالقىسىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تاماقلارنىڭ قاچىلىنىپ پېچەتلىنىش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈلۈش پۈتۈن جەريانىنىڭ تازىلىقىنى قاتتىق ئىگىلىدى، تىزگىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنىڭ دەل ۋاقتىدا بولۇش نىسبىتىنى %70تىن %90تىن كۆپرەككە ئۆستۈرۈپ، «قەشقەر شەھىرىدىكى يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى» بولۇپ باھالاندى.
يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كوچىلارنى ئارىلاپ يۈرۈش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئورتاق ئىدارە قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ «شەھەر يولۇچىسى»دىن «ئىدارە قىلىش ھەمراھى»غا ئۆزگىرىشىگە، «مۇلازىمەت ئوبيېكتى»دىن «ئىدارە قىلىش كۈچى»گە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت قىلىش بىلەن نەپ قايتۇرۇشنىڭ قوش يۆنىلىشتە ئاتلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلاردىن 61 مىڭ 500 كىشى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، شەھەرنى تۈجۈپىلىك باشقۇرۇشتىكى «كۆچمە قاراۋۇل»غا ئايلاندى.
يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارمۇ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇردى. قابا ناھىيەسىدىكى ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى گاۋ جيې كەسىپكە چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرۈپ، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى؛ ئاقسۇدىكى تېز يەتكۈزگۈچى تيەن گېڭ پاتقاق گازى قۇدۇقىغا سەكرەپ چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزۇپ، بىڭتۇەن بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى؛ ئۈرۈمچىدىكى ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى ئابدۇراخمان مەتتۇرسۇن «زاكازدىن ۋاز كېچىپ بالىنى قوغداش»تەك ياخشى ئىش ئارقىلىق پۈتۈن شەھەرنى ئىللىقلىققا چۆمدۈردى... بارغانسېرى كۆپ يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ياراتقۇچىلىرى، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنىغا ئايلاندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ فاڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ھەقىقىي تۈردە مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىنى يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىش، سىڭىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا «يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار» قۇۋۋىتىنى قوشىمىز.






