تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئىشىك بېلىتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ سېتىلىدۇ

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) 5-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، 2026 «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى» دېيىلىدۇ)نىڭ بېلىتى رەسمىي سېتىلدى، توپ مەستانىلىرى يان تېلېفوندا «شيۇدۇڭ APP (秀动)»سىنى چۈشۈرسە ياكى ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسىنى ئېچىپ «شيۇدۇڭ(Showstart (秀动»نى ئىزدەش ئارقىلىق، بېلەت زاكاز قىلسا بولىدۇ.

 

  بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق مۇسابىقە بېلىتىنىڭ سېتىلىش باھاسى بىردەك 9.9 يۈەن. توپ مەستانىلىرى ئۆز ئالدىغا ئورۇن تاللىيالمايدۇ، ئورۇن نومۇرى چەك تارتىش ئارقىلىق ئىختىيارىي تەقسىملىنىدۇ، مەيدانغا كىرىپ مۇسابىقە كۆرگەندە چوقۇم كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىۋېلىش كېرەك. 5-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 10دىن 5-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 22گىچە بولغان ۋاقىتتا، كۆپچىلىك ئادەتتىكى مۇسابىقە 1-ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ ئالتە مەيدان مۇسابىقە بېلىتىنى ئالدىن كېلىشىپ قويالايدۇ.
  ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋالغۇچىلار چوقۇم 18 ياشقا توشقان بولۇشى كېرەك؛ 18 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئائىلىسىدىكىلەر ۋاكالىتەن ئالدىن كېلىشىپ قويۇشى ھەمدە چەك تارتىپ بېلەت سېتىۋېلىشقا قاتنىشىشى كېرەك. ھەر بىر ئادەم بىردىن ئۈچكىچە توپ بېلىتى زاكاز قىلالايدۇ. بارلىق ئالدىن كېلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان زاكاز تالونىنى، ئابۇنىچىلار «2026-يىللىق <قەلبداشلىق لوڭقىسى> شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىش سۇپىسى»دىكى «مېنىڭ زاكاز تالونۇم »دىن كۆرەلەيدۇ.
  مۇسابىقە مەيدانىنىڭ تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «ئۇزۇن كاناي»، لازېر نۇرلۇق قەلەم، ئاۋاز كۈچەيتكۈچ قاتارلىق شاۋقۇن پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئەسۋابلارنى مەيدانغا ئېلىپ كىرىش بىردەك چەكلىنىدۇ.
  «بىز بىخەتەر، تەرتىپلىك ھەم قايناق ھېسسىياتقا تولغان ئاساسىي مەيدان كەيپىياتى يارىتىشقا تىرىشىمىز، شۇنداقلا توپ مەستانىلىرىنىڭ نەق مەيدانغا كېلىپ، ئۆز يۇرتىدىكى توپ كوماندىسىغا مەدەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» دېدى شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى بازار ئېچىش بۆلۈمى سودىگەر چاقىرىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى جياڭ چى مۇخبىرغا.


مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.