يېقىندا، كۈنەس ناھىيەسىدىكى نەنسەن تېغى كۈن پاتقاندىكى قالتىس گۈزەل مەنزىرىنى كۈتۈۋالدى. قۇياش غەربكە پاتقاندا، ئاسماننى قاپلىغان شەپەق نۇرى تۇتاش كەتكەن يايلاققا چېچىلىپ، يىراقتىكى تاغلار ئالتۇن رەڭگە چۆمۈپ، قاتمۇقات ئورمانلار رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى، تاغ جىلغىلىرىنى سۇس تۇمان قاپلىغان بولۇپ، جىمجىت ۋە كەڭ كەتكەن تاغ-دالا كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. كىشىگە ئىللىق تۇيغۇ بېرىدىغان قىزغۇچ سېرىق شەپەق نۇرى ئۇپۇقنى يورۇتۇپ، ئىللىق نۇر تاغ-دالىلاردا ئەكس ئەتكەنىدى، ئوتلاقتا قوي-كالىلار بەخىرامان ئوتلاپ يۈرەتتى، ئۇ يەر-بۇ يەرلەردە قوتانلارنى كۆرگىلى بولاتتى، گۇگۇم چۈشكەندىن كىيىنكى چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش مەنزىرىسى تەبىئىي مەنزىرە بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلانغانىدى. گۇگۇم بارا-بارا چوڭقۇرلىشىپ، ئۇپۇقتىكى قۇياش نۇرى قاتمۇقات ئۆزگىرىپ، ئالتۇن رەڭ، ئىللىق قىزغۇچ سېرىق رەڭلەر گىرەلىشىپ بىر-بىرىنى جۇلالاندۇردى، بۇلۇت-تۇمانلار ئىللىق رەڭگە كىرىپ، ئوت-چۆپلەر تېخىمۇ ياپيېشىل كۆرۈنۈپ، كەنتلەر زىننەتلىنىپ، كۈنەس نەنسەن تېغى يايلىقىدا كۈن پاتقاندىكى ئۆزگىچە يېقىملىق مەنزىرە ۋە ھەيۋەتلىك تاغ-دالا گۈزەللىكى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىندى.
كۈنەس ناھىيەسىدىكى نەنسەن تېغى كۈن پاتقاندىكى قالتىس گۈزەل مەنزىرىنى كۈتۈۋالدى.
نەنسەن تېغى يايلىقىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل.