تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​گۈزەللىكىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ساغلاملىقىڭىزنى قوغدايمىز

كاڭ شياۋجىڭ:​

گۈزەللىكىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ساغلاملىقىڭىزنى قوغدايمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ

4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، سەھەردىكى قۇياش نۇرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تېرە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى كاڭ شياۋجىڭنىڭ ئاق خالىتىغا چۈشتى. ئۇ سەل ئېڭىشكىنىچە، بىر ئاغرىقنىڭ يۈز تېرە زەخىمسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، پەس ئاۋازدا كېسەللىك ئەھۋالىنى سورىدى.

بۇنداق كۆرۈنۈش كاڭ شياۋجىڭنىڭ دوختۇرلۇق ھاياتىدا سانسىز قېتىم تەكرارلاندى. 30 نەچچە يىل ئۆتتى، ئۇ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەي، مېھرىبانلىق بىلەن داۋالاش تېخنىكىسى ئارقىلىق بۇرچىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ياشلىق باھارىنى يۇرتىغا بېغىشلاپ، ئاغرىقلارنىڭ گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېرە ساغلاملىقىنى ئۈن - تىنسىز قوغدىدى. بۇ يىل 4 - ئايدا، ئۇ 2025 - يىللىق شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەمگەكچى بولۇپ باھالاندى.

«شىنجاڭدا تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ئاساسى ئاجىز، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش ئېھتىياجى زور.» كاڭ شياۋجىڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ مېنى بېقىپ ئۆستۈرگەن، تەربىيەلىگەن جاي، بۇ جايدىكى ئاغرىقلار ماڭا ئېھتىياجلىق».

1989 - يىلى ئۇ شىخەنزە تېببىي شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، 1994 - يىلى خىزمەتكە قاتناشتى. كىلىنىكا بىرىنچى سېپىدە قانچە ئۇزاق ئىشلىگەنسېرى، ئۇ شۇنچە ئەندىشە قىلىدىغان بولدى، چۈنكى شىنجاڭدا تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان كەسپىي ئىختىساسلىقلار كەمچىل ئىدى. 1998 - يىلى، ئۇ داۋاملىق ئوقۇپ بىلىم ئاشۇرۇشنى تاللاپ، تېخىمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى تېببىي بىلىملەردىن ھەل قىلىش يولىنى تېپىشنى ئۈمىد قىلدى. 2004 - يىلى، ئۇ جۇڭگو شيېخې تېببىي داشۆسى (ھازىرقى بېيجىڭ شيېخې تېببىي شۆيۈەنى)دە دوكتورلۇقنى پۈتكۈزۈپ، بېيجىڭدىكى نۇرغۇن 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئەۋزەل شارائىتى ئالدىدا، قەتئىيلىك بىلەن يۇرتىغا قايتىشنى تاللىدى.

«كاڭ مۇئەللىم دائىم: شىنجاڭنىڭ داۋالاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن يەرلىك ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق، ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىز ئارقىلىق يۇرتىمىزغا بەخت يارىتىشىمىز كېرەك، دەيدۇ. ئۇ بىزنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ئېتىقادىمىزنى چىڭىتتى» دېدى كاڭ شياۋجىڭنىڭ ئوقۇغۇچىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى شى جىڭيى.

2009 - يىلى، كاڭ شياۋجىڭ ئامېرىكا خارۋارد تېببىي شۆيۈەنىگە بېرىپ دوكتور ئاشتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ يۇقىرى مائاشلىق تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ۋە ئىدىيەنى ئېلىپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى.

«خوتەندە بىر ئاغرىق مەندىن: مېنىڭ تېرە كېسىلىمنى داۋالاشقا ئامال بارمۇ؟ دەپ سورىدى، ئۇنىڭ ئاشۇ چاغدىكى قاراشلىرى ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ.» كاڭ شياۋجىڭ ئەسلەپ: شۇ قېتىمقى ئىشنىڭ تەسىرىدە مەن «شىنجاڭدىكى تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئېنىق ئىگىلەش»كە بەل باغلىدىم، دېدى. ئۇ كوللېكتىپنى باشلاپ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى 70 نەچچە ناھىيە، شەھەرنى ئايلىنىپ چىقىپ، كۆپ مىللەت تېرە كېسەللىكلىرى بىيولوگىيەلىك ئەۋرىشكە بايلىقى ئامبىرى قۇردى، يەنە پۈتۈن شىنجاڭدىكى توققۇز رايوندا ئاق كېسەل، ئاق كېپەكلىشىش كېسىلى، ئالاھىدە رېئاكسىيەچان تېرە ياللۇغى بويىچە كىلىنىكىلىق رەت ئورنىتىپ، 20 مىڭغا يېقىن ئەۋرىشكىگە تايىنىپ، شىنجاڭدىكى ئاق كېسەل بىلەن ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ باغلىنىشىنى تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇردى.

كۆپ يۈزبېرىدىغان كاپوسىس ئۆسمىسىگە قارىتا، كاڭ شياۋجىڭ باشلامچىلىق بىلەن دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى «جۇڭگو كاپوسىس ئۆسمىسىگە دىياگنوز قويۇش - داۋالاش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر ئورتاق تونۇشى» (2023 - يىلى نەشرى)نى تۈزۈپ چىقىپ، دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى، پونكىتتىكى دوكتور ئاشتى جاڭ جىڭجەن مۇنداق دېدى: «ئاقسۇلۇق بىر ئاغرىق نۇرغۇن دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالانغان بولسىمۇ، لېكىن كېسەللىك ئەھۋالى يەنىلا تىزگىنلەنمىگەنىدى. كاڭ پىروفېسسور بىرىنچى ۋاقىتتا كۆپ پەنلەر بويىچە دىياگنوز قويۇشقا تەشكىللەپ، داۋالاش لايىھەسىدىن تارتىپ ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىچە بىر - بىرلەپ ئىنچىكە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ماڭا نېمىنىڭ دوختۇر، نېمىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.»

«تېرە كېسەللىكلىرى پەقەت گۈزەل بولۇش - بولماسلىق مەسىلىسىلا ئەمەس، ئۇ مۇرەككەپ - ئۆزگىرىشچان، ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش قىيىن كېسەللىك بولۇپ، ئاغرىقلارغا ئېغىر روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى كاڭ شياۋجىڭ. ئاق كېسەلنى داۋالاشتا، ئۇ كوللېكتىپنى باشلاپ دەسلەپكى مەزگىلدىكى جاراھەتسىز دىياگنوز قويۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۆز تەندە قارا پىگمېنت ھۈجەيرىسىنى ئۆستۈرۈپ كۆچۈرۈش تېخنىكىسىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، داۋالاش قىيىن بولغان ئاق كېسەل تېرە رەڭگىنىڭ ئەسلىگە كېلىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، داۋالاشتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى.

كاڭ شياۋجىڭ دائىم: «بىر ئادەم ھەرقانچە ئىقتىدارلىق بولسىمۇ، كۈچى چەكلىك بولىدۇ؛ كوللېكتىپ كۈچلۈك بولغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ ئاغرىققا نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ» دەيدۇ.

ئۇ ۋە كوللېكتىپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭ تېرە كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى ۋە شىنجاڭ تېرە - جىنسىي كېسەللىكلەر كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات مەركىزى تەستىقلىنىپ، پەن تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ۋاسىتە ھازىرلاندى؛ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى 62 دوختۇرخانىنى قاپلىغان شىنجاڭ تېرە - جىنسىي كېسەللىكلەر مەخسۇس بۆلۈملەر بىرلەشمىسى قۇرۇلۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قوشۇمچە دىياگنوز قويۇش سىستېمىسى يولغا قويۇلدى.

«قەشقەردە بەزى تېرە كېسەللىكلىرىگە شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلار دىياگنوز قويالمايتتى، ھازىر يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق قوشۇمچە دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى دوختۇرلار دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى تېز پەرقلەندۈرەلەيدىغان، مۇرەككەپ ۋە داۋالاش قىيىن كېسەللىكلەرگە ئۇچرىغاندا ھەر ۋاقىت بىز بىلەن ئالاقىلىشەلەيدىغان بولدى» دېدى كاڭ شياۋجىڭ سۆيۈنگەن ھالدا.

ھەر يىلى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئىلمىي پائالىيەت، ئاساسىي قاتلام دەرسخانىسى قاتارلىقلارنى ئون نەچچە قېتىم قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي ئون نەچچە مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەپ، 30 نەچچە دوختۇرخانىنىڭ تېرە كېسەللىكلىرى مەخسۇس بۆلۈمى قۇرۇشىغا يار - يۆلەك بولۇپ، 1000دىن ئارتۇق مەخسۇس بۆلۈم ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ، 80 نەچچە دوكتور ماگىستىرنى يېتىشتۈردى... بۇ ئۇنىڭ «تارقاق كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش»ىنىڭ نەتىجىسى.

20 نەچچە يىل بىللە ئىشلىگەن خىزمەتدىشى دىڭ يۈەن مۇنداق باھا بەردى: «كاڭ دوختۇرخانا باشلىقى بۆلۈمنى پۈتۈن مەملىكەت يۈكسەكلىكىگە يېتەكلىدى، كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدىغىنى شۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ تىرىشىپ قولغا كەلتۈردى. قىيىن ئاغرىق مىساللىرىغا ئۇچرىساق، ئۇنى چاقىرساقلا دەرھال يېتىپ كېلىدۇ. ياشلارغا تېخىمۇ قولمۇقول ئۆگىتىدۇ، ماھارىتىنى ئەزەلدىن يوشۇرمايدۇ.»

2024 - يىلىغىچە، كاڭ شياۋجىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى تۈرىدىن بەشكە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن تەتقىقات تۈرىدىن 18گە رىياسەتچىلىك قىلدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇ يەنە كىلىنىكا بىرىنچى سېپىدە ئالدىراش ئىشلەپ، «كېسەللىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە ئاغرىقلارنىڭ گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى تېرە كېسەللىكى ئاغرىقلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كەسپىي داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلىنىپ، ساغلام ھاياتقا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.