تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«پەن - تېخنىكا ياخشى تونۇشتۇرغۇچىسى»غا قايتا ئېنىقلىما بېرىش

«ۋاسىتىچى»دىن «ئاچقۇچلۇق ئادەم»گىچە، تېخنىكا باشقۇرغۇچىسىنىڭ قاراماي ئەمەلىيىتى​

«پەن - تېخنىكا ياخشى تونۇشتۇرغۇچىسى»غا قايتا ئېنىقلىما بېرىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

يېقىندا، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا چوڭ بازىرى ئىتتىپاقى تېخنىكا باشقۇرغۇچىلىرى مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، شىنجاڭنىڭ نەتىجە قەغىزى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى: قاراماي شەھىرىدىكى شىمالىي شىنجاڭ تېخنىكا سودا مەركىزى (قاراماي پەن - تېخنىكا چوڭ بازىرى) تەۋسىيە قىلغان تېخنىكا باشقۇرغۇچىسى شېن نانا مەملىكەت بويىچە ئالتە كۈچلۈك قاتارىغا كىرىپ، «كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس» بولۇپ باھالاندى؛ بۇ مەركەز تەۋسىيە قىلغان تېخنىكا باشقۇرغۇچىسى سۈنتيەن بەيخۇي «مۇنەۋۋەر شەخس» بولۇپ باھالاندى؛ بۇ مەركەز «مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچى ئورۇن مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

بىر مەيدان مۇسابىقىدە، ئۈچ تۈرلۈك شان - شەرەپ قولغا كەلتۈرۈلدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كوردىناتىغا قويۇپ كۆزەتسەك، بۇ نەتىجە قەغىزىنىڭ سالمىقى خېلى ئېغىر. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى: غەربىي شىمال رايونىغا جايلاشقان بۇ سۇپا نېمىگە تايىنىپ يۇقىرى سەۋىيەلىك تېخنىكا باشقۇرغۇچىلىرىنى سىجىل يېتىشتۈرەلەيدىغان بىر يۈرۈش سىستېمىنى بەرپا قىلدى؟ بۇنىڭ جاۋابى بۇ مەركەزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى پائال ئىزدىنىشى ۋە ئەمەلىيىتىگە مۇجەسسەملەنگەن.

«كونا كەسىپ»تىكى يېڭى قىيىنچىلىق

«تېخنىكا باشقۇرغۇچىسى» يېڭى سۆز بولماستىن، دۆلىتىمىزدە 20 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە، بۇ رول دائىم ئوبرازلىق قىلىپ «پەن - تېخنىكا ياخشى تونۇشتۇرغۇچىسى»غا ئوخشىتىلىدۇ − تەجرىبىخانىنىڭ نەتىجىلىرى ئۈچۈن بازار ئىزدەيدۇ، كارخانىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، قىلىدىغان ئىشى ئەمەلىيەتتە پەن - تېخنىكىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشتىكى «كۆۋرۈك سېلىپ يول ياسايدىغان» ئىش.

ھالبۇكى، بۇ كۆۋرۈكنى سېلىش ئاسان ئەمەس.

ئەمەلىي يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا، تەجرىبىخانىدىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگىچە بولغان «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئەمەلىيەتتە ئۈزۈك نۇقتىلار بىلەن تولغان. بىر تەرەپتە، ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ نەتىجىسى بار بولسىمۇ، لېكىن قىممىتىنىڭ تۆۋەن مۆلچەرلىنىشىدىن، ئايلاندۇرۇش يولىنىڭ ئېنىق بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتە، كارخانىلار تېخنىكىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، لېكىن نەتىجىنىڭ ئارىلىق سىناقتىن ئۆتمىگەن بولۇشىدىن، بىۋاسىتە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلسە خەۋپ - خەتەرنىڭ بەك چوڭ بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەمىنلەش - ئېھتىياجغا دائىر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچۇرى ماس كەلمىگەندە، ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەننەرخى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، «كۆرۈشكەندە قىزغىن بولىدىغان، تارقىغاندا جىم بولۇۋالىدىغان» ئەھۋال دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.

11 - تۈركۈمدە شاڭخەيدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، قاراماي شەھەرلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېڭ شياۋجيەن مۇنداق دېدى: «دەسلەپكى مەزگىلدە تېخنىكا يۆتكەشتە، دائىم <بىر قېتىم ئۇدۇللاشتۇرساق، بىر جۈپى تارقىلىپ كېتىش>تىن ئىبارەت قىيىنچىلىققا پېتىپ قالاتتۇق، مەسىلە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئۆزىدە بولماستىن، بەلكى ئىككى تەرەپنى سىجىل ھەمكارلاشتۇرىدىغان بىر يۈرۈش تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدا ئىدى».

مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، 2024 - يىلى 10 - ئايدا، شىمالىي شىنجاڭ تېخنىكا سودا مەركىزىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى، بۇنىڭدىكى نىشان ئۇنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ھەم ئىلغار پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى شۇ جايدا ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەم تېخنىكا كىرگۈزۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ مەۋقەنى شىمالىي شىنجاڭغا قويغان، پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلەنگەن، شىنجاڭ سىرتىغا تۇتاشقان، ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان رايون تېخنىكا سودا بازىرى ۋە پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇش.

بۇ مەركەز قۇرۇلغاندىن كېيىن، زور مىقداردا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، قايتا - قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى تەدرىجىي ئېنىقلاپ چىقتى: ئەنئەنىۋى مەنىدىكى تېخنىكا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت «ئۇچۇرنى ئۇدۇللاشتۇرغۇچى»لىق رولىنى ئوينىغان − ئۇدۇللاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلا چېكىنىپ چىقىپ، ھەم ئايلاندۇرۇش يولى لايىھەسىگە چوڭقۇر قاتناشمىغان، ھەم كېيىنكى ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمىغان. بۇ خىل تېيىز قاتلاملىق مۇلازىمەتتە، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشتىكى مۇرەككەپ ئېكولوگىيە ئالدىدا، ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان بولماسلىقى مۇقەررەر.

شۇنىڭ بىلەن، مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىدىغان بىر پىكىر يولى بارلىققا كەلدى: تېخنىكا باشقۇرغۇچىسى جەزمەن ئۆزىنىڭ رولىغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىشى كېرەك ئىدى − ئەمدى ئاددىي «ۋاسىتىچى» بولماستىن، بەلكى ئايلاندۇرۇش يولىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى، كۆپ تەرەپ بايلىقىنى بىرىكتۈرگۈچى، ھەمكارلىق پۈتۈن دەۋرىيلىكىدىكى ھەمراھقا ئايلىنىشى كېرەك ئىدى.

«ۋاسىتىچى» «ئاچقۇچلۇق ئادەم»گە ئايلىنالامدۇ - يوق؟ شىمالىي شىنجاڭ تېخنىكا سودا مەركىزىنىڭ ئىزدىنىشى دەل مۇشۇ تېمىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلدى.

«مەشىق مەيدانى»دا ئىقتىدارنى تېز ئاشۇرۇش

رولغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىشتە، ئالدى بىلەن بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك: ئىقتىدار قەيەردىن كېلىدۇ؟ شىمالىي شىنجاڭ تېخنىكا سودا مەركىزىنىڭ جاۋابى ھەيران قالغۇدەك ئاددىي بولدى − كۇتۇپخانىدىن ئەمەس، بىرىنچى سەپتىن كېلىدۇ.

بۇ مەركەزدە، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسىي بازا دەرسخانا ئەمەس، بەلكى تۈر. بۇ مەركەز تېخنىكا يۆتكەش تۈرىنى بىۋاسىتە «مەشىق مەيدانى» قىلدى. ھەربىر تېخنىكا باشقۇرغۇچىسى جەزمەن كارخانا سېخلىرى، ئالىي مەكتەپ تەجرىبىخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەمىنلەش - ئېھتىياجغا دائىر ئىككى تەرەپنىڭ ھەقىقىي ئىلتىماس - تەلىپىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش جەريانىدا، نەزەرىيەدىن ئەمەلىي جەڭگە ھالقىشنى تاماملىشى كېرەك ئىدى.

يېتىشتۈرۈش لوگىكىسىمۇ تەرتىپلىك ۋە قائىدىلىك بولۇپ، «تۈر ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، پېشقەدەملەر يېڭى خادىملارنى يېتەكلەش»تىن ئىبارەت بولدى. يېڭى خادىملار بۇ كەسىپكە قەدەم قويغاندا، ئالدى بىلەن تۈرگە ئەگىشىپ، ياردەمچى بولۇپ، پۈتۈن جەريانغا قاتنىشىش داۋامىدا ئېھتىياجنى قېزىش، تېخنىكىغا ھۆكۈم قىلىش، يول لايىھەلەش، تۈر ئىلتىماس قىلىش، مەبلەغ باشقۇرۇش قاتارلىق پۈتۈن زەنجىرلىك ماھارەتنى تەدرىجىي ئىگىلەيدۇ، بىرى پىشىپ يېتىلسە، بىرى مۇستەقىل ئىش قىلىدۇ. ئاستا - ئاستا قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بىر قوشۇن يېتىشىپ چىقىدۇ.

سانلىق مەلۇمات ئەڭ كۈچلۈك ئىسپات. 2025 - يىلى، شىمالىي شىنجاڭ تېخنىكا سودا مەركىزى 373 تۈرلۈك تېخنىكا نەتىجىسى ۋە ئېھتىياجنى ئېلان قىلدى، مەكتەپ بىلەن كارخانىلارنىڭ 24 تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىق تۈرىنى ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، تېخنىكا توختامى سودا سوممىسىنىڭ 1 مىليارد 680 مىليون يۈەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ مەركەز تەربىيەلەش بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، 100دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپقان تېخنىكا باشقۇرغۇچىسى كوللېكتىپىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، پېشقەدەملەر يېڭى خادىملارنى يېتەكلەيدىغان، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يېتەكلەيدىغان شوتىسىمان قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈردى. بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە ئىككى كىشىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشى قارىماققا تاسادىپىيلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر يۈرۈش يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى ياراتقان باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە.

«<جەڭ قىلالايدىغان> ئادەم بولغان بىلەن، يەنە ئادەمنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان مېخانىزم بولۇشى كېرەك.» چېڭ شياۋجيەن مۇنداق دېدى: بۇ مەركەزنىڭ يادرولۇق ئۇسۇلى ھۆكۈمەت سىياسەت تۈزىدىغان، ئالىي مەكتەپلەر نەتىجە يارىتىدىغان، كارخانىلار ئېھتىياجنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مەبلەغ چىقىرىدىغان، مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى كەسپىي ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان «ھۆكۈمەت، كەسىپ، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، مۇلازىمەت ئاپپاراتى»دىن ئىبارەت كۆپ تەرەپ ماسلىشىدىغان ئايلاندۇرۇش تورى بەرپا قىلىش. تېخنىكا باشقۇرغۇچىسى دەل مۇشۇ توردىكى «ئاكتىپ تۈگۈن» بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى تۇتاشتۇرىدۇ، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

بۇ تورنى يۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈمى ئۈچ قاتلامدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى: «ئالىي مەكتەپ - تەتقىقات ئورنى، مۇلازىمەت ئاپپاراتى، كارخانا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى»دىن ئىبارەت تۆت بىر گەۋدىلەشكەن تېخنىكا يۆتكەش، ئايلاندۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى بەش ئالىي مەكتەپ بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، پاتېنت تېخنىكىسىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشنى قاتلام بويىچە يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى؛ سەككىز پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بىلەن ماسلىشىپ، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى 24 كارخانىنىڭ 448 مىليون يۈەن پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلە تۈرى بويىچە قەرز پۇل ئېلىش ئىشلىرىنى بېجىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مالىيە مەبلىغى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشىغا دەل جايىدا تۈرتكە بولدى.

«تېخنىكا باشقۇرغۇچىسى يالغۇز ئىش قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا بىر پۈتۈن ئېكولوگىيە تىرىكى بار.» شىمالىي شىنجاڭ تېخنىكا سودا مەركىزى كەسپىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جاڭ چيەن مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە بەرپا قىلغاندىلا، تېخنىكا باشقۇرغۇچىسىدىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئادەم» ھەقىقىي ماھارەت كۆرسىتىدىغان ئورۇنغا ئىگە بولالايدۇ.

«بىر قېتىم ئۇدۇللاشتۇرۇش»تىن «بىر زەنجىردە چوڭقۇر يىلتىز تارتىش»قىچە

بىر يۈرۈش ئەندىزىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغان - بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشتە، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ھەقىقىي مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان - قىلالمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

شىنجاڭ قاراماي شەھىرى رۇڭچاڭ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نېفىت بۇرغىلاش - قاتتىق فازا ئارقىلىق تىزگىنلەش جابدۇقلىرىنى ياساش كارخانىسى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، بازىرى بار، لېكىن ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ماتېرىيال ئاسراش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلاردا روشەن كەمتۈكلۈك مەۋجۇت بولۇپ، دەرىجىسىنى دەرھال ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭ داشۆ ئالاقىدار ساھەلەردە كۆپ يىللىق جۇغلانمىغا ئىگە بولۇپ، نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش ئارزۇسى كۈچلۈك. بىر قېتىملىق مەكتەپ بىلەن كارخانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا، ئىككى تەرەپ تېزلا پۈتۈشكەن بولسىمۇ، ھەمكارلىق شەكلىدە قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

شىمالىي شىنجاڭ تېخنىكا سودا مەركىزىنىڭ تېخنىكا باشقۇرغۇچىسى ئارىلاشقاندىن كېيىن، بىر قېتىمدىلا ئۇدۇللاشتۇرىدىغان سودىنى قىلىشقا ئالدىرىمىدى، بەلكى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئىككى تەرەپنىڭ ھەقىقىي ئىلتىماس - تەلىپىگە ھۆكۈم قىلدى: كارخانىغا كېرەك بولغىنى خەتىرى تۆۋەن بولغان دەلىللەش پۇرسىتى ئىدى؛ ئالىي مەكتەپكە كېرەك بولغىنى نەتىجىنىڭ ھۆرمەتلىنىشى، ئايلاندۇرۇش يولىنىڭ ئېنىق بولۇشى، ھەمكارلىقنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشى ئىدى.

بۇ ھۆكۈمگە ئاساسەن، تېخنىكا باشقۇرغۇچىسى ئەنئەنىۋى تېخنىكا سودىسىغا ئوخشاش بولمىغان بىر يېڭى يولنى لايىھەلەپ چىقتى: بىۋاسىتە تېخنىكا سودىسى قىلماي، بەلكى ئالدى بىلەن پەن تەتقىقات سۇپىسىنى ئورتاق قۇردى. كونكرېت ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش − ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى قۇرۇشنى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغى مەدىتىنى قولغا كەلتۈرۈش، سۇپىنى ئورتاق قۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقى بىلەن نەتىجىنى ئايلاندۇرۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىشقا تۈرتكە بولۇش.

ئاخىرىدا، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىنى ئورتاق بەرپا قىلدى، كارخانىنىڭ يانداش سېلىنمىسى 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، يېڭى مەھسۇلات ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان مەھسۇلات قىممىتى 30 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى. ئەڭ ئاچقۇچلۇقى شۇكى، ئالىي مەكتەپ بىلەن كارخانىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى نوقۇل تېخنىكا ئېچىش بىلەن ھاۋالە قىلغۇچى تەرەپ بولۇشتىن چوڭقۇر باغلانغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە قاراپ يۈزلەندى. «ئىلگىرى ھەمكارلىق توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، ھەمىشە دېگەندەك ئىشەنچ قىلالمايتتىم؛ ھازىر سۇپا ۋە تۈزۈم كاپالىتى بولغاچقا، ھەمكارلىقىمىز مۇقىم بولدى» دېدى تۈرگە قاتناشقان بىر نەپەر ئالىي مەكتەپ پەن تەتقىقات خادىمى ھاياجانلانغان ھالدا.

«بۇ مىسالنىڭ قىممىتى قانچىلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىدا بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ بىر خىل يېڭى ئايلاندۇرۇش مېتودولوگىيەسىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدە − تېخنىكىنى يۆتكەش بىر قېتىملىق سودا ئەمەس، بەلكى ئىشەنچنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى، ئىقتىدارنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىنىشى، قىممەتنىڭ ئورتاق يارىتىلىشى. بۇ مەركەز ئۇنى <كەمتەرلىك بىلەن تېخنىكا يۆتكەش، چوڭقۇر يېتىلدۈرۈش>تىن ئىبارەت پۈتۈن دەۋرىيلىك مۇلازىمەت ئىدىيەسىگە يىغىنچاقلىدى.» شېن نانا مۇنداق دېدى: بۇ ئىدىيەنى چۆرىدەپ، بۇ مەركەز يەنە تېخنىكا نەتىجىلىرىنى «بىر تەرەپتىن خۇلاسىلەش، بىر تەرەپتىن كېڭەيتىش، بىر تەرەپتىن ئايلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت خىزمەت ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بايلىق تىپىدىكى شەھەرلەرنىڭ تېخنىكا يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشتىكى «قاراماي ئۈلگىسى»نى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

بىر ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچ بۇ بىر يۈرۈش ئەندىزىنىڭ ئۈنۈمىنى ئىسپاتلىدى: شىمالىي شىنجاڭ تېخنىكا سودا مەركىزى شىنجاڭدىكى بەش ئالىي مەكتەپنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى 206 تۈرلۈك پاتېنتنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىجازىتىگە ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرىچە ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنىڭ %30كە يەتمەسلىكتىن كۆرۈنەرلىك ئېشىشقىچە بولغان ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بارغانسېرى كۆپ «ئۇيقۇدا ياتقان پاتېنت» ئويغىتىلماقتا، بارغانسېرى كۆپ تەجرىبىخانا نەتىجىلىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىگە يۈزلەنمەكتە.

«يەككە سودىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش»تىن «بىر ئېكولوگىيەنى يۈرۈشتۈرۈش»كىچە، «بىر ئاۋانگارتنى يېتىشتۈرۈش»تىن «بىر قوشۇننى يېتىشتۈرۈش»كىچە، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشتىكى «ئۈزۈك يول» «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول»غا ئايلاندۇرۇلدى، شىمالىي شىنجاڭ تېخنىكا سودا مەركىزىنىڭ ئىزدىنىشى غەربىي قىسىمدىكى بايلىق تىپىدىكى شەھەرلەرنىڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇشىنى پايدىلىنىشقا بولىدىغان مەسىلە يېشىش پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.