تاغ - دەريالار، ئادەم دېڭىزىنىڭ قايسىسى تېخىمۇ چىرايلىق، تېخىمۇ گۈزەل؟
«1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەھەر ئېچىش مۇراسىمى ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى؛ تورداشلار شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا «بىر كۈندە يۈز مىليون ئادەم كەلدى» دەپ چاقچاق قىلىشتى؛ تۇرپان مىڭ مېتىرلىق ئۈجمە - مېۋە زىياپىتى باشلىنىپ، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر خۇشاللىقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى... قاينام - تاشقىنلىق − دەم ئېلىش كۈنى ئىقتىسادىنىڭ قىزغىن كەيپىياتى، شۇنداقلا ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنىڭ كۈچلۈك ئىچكى يادروسى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئادەم دېڭىزى تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرە، بىزنىڭ ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدىغان قاينام - تاشقىنلىققا تولغان كۈندىلىك تۇرمۇش.
ئادەم دېڭىزىنىڭ كۆرگۈچىلىكى بارمۇ؟
ئادەم دېڭىزىغا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ تەپسىلاتلىرى يوشۇرۇنغان، «ئادەملەر جەم بولۇشتىن قەلبلەر جەم بولۇشقىچە» بولغان جەريان مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئائىلىدىكىلەر بىللە ھەمراھ بولۇپ سەپەرگە چىققاندىكى خۇشاللىقنى كۆرگىلى، يىراققا سەپەر قىلىشنىڭ ئارقىسىدىكى ئارزۇ - ئۈمىدلەرنى چۈشەنگىلى، مەنزىرە رايونىنىڭ ئېقىم مىقدارىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئېسىل تائاملار، گۈزەل مەنزىرە ۋە گۈزەل كەيپىيات گىرەلىشىپ كەتكەن ئىناق كۆرۈنۈشلەرنى قانغۇچە كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ، ھەم بازارنىڭ گۈللىنىشى، ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنىڭ رەڭدار كۆزنىكى، تېخىمۇ مۇھىمى يۇرتنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنىڭ، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىمىزنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.
ئەلۋەتتە، ئادەم دېڭىزى دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى سودا پۇرسىتىنى ئېلىپ كەلدى، غايەت زور بېسىمنىمۇ پەيدا قىلدى.
مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى، مۇلازىمەت ھالقىسىنىڭ ئىنچىكىلىك دەرىجىسى، مۇلازىمەت مېخانىزمىنىڭ ماسلاشتۇرۇش كۈچى يۇقىرى پەللىگە دۇچ كەلگەن پەيتتە ئىنچىكە تەكشۈرۈلىدۇ. «قىستاڭچىلىق» نېمە سەۋەبتىن پەيدا بولدى، «بوغۇق نۇقتا»نى قانداق راۋانلاشتۇرۇش كېرەك... يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەتتە جەزمەن مەسىلىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ھەل قىلىش كېرەك، بۇنىڭدا ھەم خالىغانچە باھا قويۇپ ساياھەت تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، ھەم مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ، دۆڭگەپ، مەسىلىگە يۈزەكى مۇئامىلە قىلىپ ساياھەتچىلەرنىڭ سەۋر - تاقىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، «قايناق كەيپىيات»نى «كىشىنى ئاچچىقلاندۇرىدىغان تەسىرات»قا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، بەلكى باشتىن - ئاخىر بىردەك بولغان سەمىمىيەت ئارقىلىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» داڭلىق ماركىسىنى يارىتىش كېرەك.
مەلۇم دەرىجىدە، «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلى شىنجاڭ بۇ يىل كۈتۈۋالغان تۇنجى ساياھەت مۇلازىمىتى چوڭ سىنىقى ھېسابلىنىدۇ. بىز ئادەم دېڭىزىغا، دولقۇننىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشىگە قاراپ ئولتۇرماي، بالدۇر نەتىجە يارىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەمكارلىشىپ نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە غايەت زور ئېقىم مىقدارىنى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ساقلانما مىقدارغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)






