ئۇستازلارنىڭ رولىنى ئېلىش، ئۇستازلاردىن ئۆگىنىش، ئۇستازلاردىن بولۇش
87 يىلدىن ھالقىغان بىر مەيدان سۆھبەت
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ
«ماۋدۇن ئەپەندى كەلدى.» سەھنە چىرىغى غۇۋالاشقان پەيتتە، سەھنىدە بىرەيلەن ئۈنلۈك توۋلىدى. جاڭ زۇخاۋ رولىنى ئالغان ماۋدۇننىڭ ئۇزۇن چاپىنى سەل پۇرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، كۆزەينىكى پات - پات پەسكە سىيرىلىپ قالاتتى، ئازراق شەندۇڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلەيتتى.
ئۇ سەھنىدە تۇرغاندا، چىراغ نۇرى چۈشكەن ھامان، كىشىگە غۇۋا ھېس - تۇيغۇ بېغىشلايتتى، 1939 - يىلى باھاردا بەلكىم دەل شۇنداق قىياپەتتە تۇرغان بولۇشى مۇمكىن.
بۇ بىرنەچچە كۈندە، شىنجاڭ داشۆدىكى خۇڭخۇ كۆلىنىڭ جىمىرلاپ تۇرغان دولقۇنلىرىدا «بۈيۈك ئۇستاز» توغرىسىدىكى بىر مەيدان مۇلاھىزە ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
مەكتەپ قورۇسىدا، 20 ياشتىن ئاشقان بىر توپ ياش ماتادىن ئۇزۇن چاپان كىيىپ، يۇمىلاق رامكىلىق كۆزەينەك تاقاپ، سەھنىدە 80 نەچچە يىل ئىلگىرىكى يەنە بىر توپ ياشلارنىڭ ھېكايىسىنى قايتا نامايان قىلدى − ئەينى يىللاردىكى «ياشلار» ئىچىدە كېيىنكىلەر تەرىپىدىن ھۆرمەتلەپ «بۈيۈك ئۇستاز» دەپ ئاتالغان ماۋدۇن، جاۋ دەن قاتارلىقلار بار ئىدى.
ئارقا سەھنىدىكى ئۇچقۇن
«بىزنىڭ بۈيۈك ئۇستازلىرىمىز» ناملىق بۇ ئەسلىي ئىجادىي دىراما شىنجاڭ داشۆ لىن جىلۇ سەنئەت - تىياتىر ئۆمىكىنىڭ يېڭى ئەسىرى. دىراما جەمئىي ئالتە كۆرۈنۈش بولۇپ، ھەربىر كۆرۈنۈشنى يېزىشقا ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان، ماۋدۇن، جاۋ دەن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى شىنجاڭدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرگەن ئىشلىرى ھەقىقىي قايتا نامايان قىلىنغان.
جاۋ جياڭ دىراما 1 - كۆرۈنۈشىنىڭ ئاپتورى. ئويۇن قويغاندا ئۇ سەھنە تۆۋىنىدە ئولتۇرۇپ، ئۆزى يازغان سەھنە سۆزىنى ئارتىسلارنىڭ ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، بىردەم خىيالغا چۆمدى، «بۇ خىل تۇيغۇ بەك ئاجايىپ بولىدىكەن، ئۆزۈم ھەم ھېكايە سۆزلىگۈچىگە، ھەم ھېكايىدىكى بىر مەۋھۇم سىيماغا ئوخشاپ قالغانىدىم.»
بۇ خىل تۇيغۇ پۈتكۈل تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بار. سۈمەييە ئەركىن يېزىشقا قاتناشقان 4 - كۆرۈنۈشتە ئەينى يىلدىكى خەنۋېنخۇي كۇلۇبىنىڭ ئارقا سەھنىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. دىرامىدا، ئۇ ئارقا سەھنىدىكى ئالدىراشچىلىقلارنى، ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشەندۈرۈش كەتمەيدىغان ماسلىشىشچانلىقنى، ئويۇن قويۇشتىن ئىلگىرى سەھنە جابدۇقلىرى يوقاپ كەتكەندىكى ئاچچىقلاشلارنى بىراقلا بۇ «1939 - يىلىدىكى سەھنە»گە ئېلىپ چىقتى.
«ئارقا سەھنىدە ئىلگىرى بىر مىكروفون يىتىپ كېتىپ، ھەممىمىزنىڭ ئىچى تىتىلداپ كەتكەنىدى. دۇ جۇڭيۈەن، ماۋدۇن، جاۋ دەن قاتارلىق ئەجدادلار ئەينى يىلى رېپېتىتسىيە قىلغاندا، سەھنىگە چىقىشنى كۈتۈپ تۇرغاندىمۇ مۇشۇنداق ئۇششاق سەۋەنلىك، ئۇششاق ئىشلارغا دۇچ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.» سۈمەييە مۇنداق دېدى: بۇ بىزنىڭ «بۈيۈك ئۇستاز»لار بىلەن بولغان ئورتاقلىقىمىز.
جاڭ زۇخاۋ ھەم ماۋدۇننىڭ رولىنى ئالغۇچى، ھەم 2 - كۆرۈنۈشنىڭ سېنارىستى. ئۇ ئەڭ كەسكىن توقۇنۇش − مىلىتارىست شېڭ شىسەي جاۋ دەن ئۈچۈن تەييارلىغان خۇڭمېن زىياپىتىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشنى تاللىدى. ئۇ رومكا سوقۇشتۇرغان چاغدىكى سەھنە سۆزىگە ئىككى خىل قىممەت قارىشى: جاۋ دەننىڭ سەنئەتكە بولغان قەتئىيلىكى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ سەنئەتتىن جەزمەن «سىياسىيغا مەدھىيە ئوقۇش»نى تەلەپ قىلىدىغان ھىيلىگەرلىكى ئارىسىدىكى سوقۇلۇشنى يوشۇرۇن كىرگۈزگەن. «بۇ يەنە بىز بىلەن <بۈيۈك ئۇستازلار> دۇچ كەلگەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئەھۋال» دېدى جاڭ زۇخاۋ.
«ئۇستازلارنى ياد ئەتتىم دىدارلاشماقنى مەن ئىزدەپ، ئەۋلادلارمۇ ھەم مېنى تۇرارمۇ شۇ كەبى ئەسلەپ.» جاڭ زۇخاۋ مۇنداق دېدى: بۇ دىرامىنىڭ سېنارىيەسىنى يازغاندا، مەن جاۋ دەننى تەسۋىرلەپلا قالماي، يەنە ئۆزۈمگە ھازىرقى زاماندىكى ياش سېنارىست بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىجادىيەتتىكى بوغما ھالەتكە ۋە غايىنىڭ چاقىرىقىغا قانداق يۈزلىنىشىم كېرەك؟ دېگەن سوئالنى قويدۇم. «مەن جاۋ دەننىڭ قەتئىيلىكىدىن بىر جاۋابنى تاپتىم: تۈرمىگە تاشلانغان بولسىمۇ، دۈشمەن باش ئەگدۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى <ئىلغار ئىدىيە> ئۆچمەس چىراغقا ئوخشاش يەنىلا يورۇتۇپ تۇرىدۇ.»
6 - كۆرۈنۈشتە، جاۋ دەننى دىخۇا تۈرمىسىدە قىيىن - قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلدۇرماقچى بولىدۇ. سېنارىست شيې لۇڭ بۇ جايدا مول ئەدەبىي تەسەۋۋۇر كۈچىنى نامايان قىلىپ، تۈرمىگە تاشلانغان جاۋ دەننىڭ ئۆزىگە ئۆزى قىيىن سوئاللارنى قويغانلىقى توغرىسىدىكى كۆرۈنۈشنى تەسۋىرلىگەن، بۇ، ئوبرازنى تېخىمۇ ياخشى يارىتىش بولۇپلا قالماي، يەنە سېنارىستنىڭ ئۆزىدىن سورىغان سوئالىدۇر.
شيې لۇڭ مۇنداق دېدى: ئارتىس بولۇشتىن سېنارىيە يېزىشقىچە، ھەربىر جۈملە سەھنە سۆزىنى يېزىۋاتقىنىمدا، كاللامدا ھەر خىل كۆرۈنۈشلەر پەيدا بولدى، «جاۋ دەننىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە چىڭ تۇرۇشى ماڭا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقنىڭ سالمىقىنى تونۇتتى.»
دىرامىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى مۇلاھىزە
«بۇ بالىلار سەھنىگە چىقىۋېدى، خۇددى مەكتەپ تارىخى سارىيىدىكى ئاشۇ كونا سۈرەتلەرگە جان كىرگەندەكلا كۆرۈندى.» شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى يۈ فۇئېن تاماشىبىنلار ئورنىدا ئولتۇرۇپ، چوڭقۇر تەسىرلەندى.
رېپېتىتسىيە قىلىۋاتقان مەزگىلدە، تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى كۆپ قېتىم مەكتەپ تارىخى سارىيىغا بېرىپ ماتېرىيال ئىزدىدى، كۆردى. «1938 - يىلى 10 - ئايدا، دۇ جۇڭيۈەن شىنجاڭ شۆيۈەنى(شىنجاڭ داشۆنىڭ ئاساسى)نىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىپ، ماۋدۇن، جاۋ دەن قاتارلىق مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەرنى غەربىي قىسىمغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا قىزغىن تەكلىپ قىلغان.» يۈ فۇئېن مۇنداق دېدى: «بۇ ئادەتتىكى مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەمەس، ئەينى چاغدا يولداش لىن جىلۇ ئىلمىي مۇدىر ئىدى، ئۇ ماۋدۇن، دۇ جۇڭيۈەن بىلەن بىرلىكتە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش چاقىرىقى، ماركسىزم ئاقارتىشىنى دەرسخانىلارغا كىرگۈزگەن، ئۇلار غايە - ئېتىقاد ئۇرۇقىنى چاچتى.»
«ئەينى چاغدا ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئىلغار دىرامىلارنى رېپېتىتسىيە قىلغان، تىل ئالاقىسىدە قىيىنچىلىق تۇغۇلغاندا قول ئىشارىسى قىلىپ مەقسىتىنى ئىپادىلىگەن، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئوتى ئىچىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنىڭ مەكتەپ ئەمەلىيىتىنى تاۋلاپ چىققان. شۇ چاغدىكى شىنجاڭ شۆيۈەنىگە ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئۇرۇقى تېرىلغانىدى.» يۈ فۇئېن مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تەكىتلەۋاتىمىز، قىزىل گېن، ئىلغار ئىدىيە شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر دىرامىنى بىللە ئورۇنلىشى، بىر كىتابنى بىللە ئوقۇشى جەريانىدا كېڭەيگەن. ھازىر رېپېتىتسىيە قىلىنىۋاتقان دىرامىلار دەل ئۇنىڭغا ئەڭ بىۋاسىتە ۋارىسلىق قىلىشتۇر.»
يۈ فۇئېن دىرامىدىكى جاۋ دەننىڭ تۈرمىدە ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرغانلىقىدەك تەپسىلاتنى ئالايىتەن تىلغا ئالدى: «دىرامىدا: <قەلبتىكى چىنلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىك بىر ئۆچمەس چىراغ> دېيىلگەن. بۇ، سەنئەتكارلارنىڭ جاسارىتى بولۇپلا قالماي، يەنە ئاشۇ بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ غايىگە بولغان ئېتىقادى.»
ئۇ سەھنىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ خىل ئېتىقادقا ۋارىسلىق قىلىش <بۈيۈك ئۇستاز>لارغا بولغان ئەڭ ياخشى ھۆرمەت» دېدى
شىنجاڭ تېببىي داشۆسىدىكى دىراما يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ماۋ ۋېيشيۇ ئويۇننى كۆرگەندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھۆججەت - ماتېرىياللارنى ئىزدەش - كۆرۈش، سېنارىيە يېزىشتىن ئۇزۇن چاپان كىيىپ روللار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ھېس قىلىشقىچە، ئوقۇغۇچىلار تارىخنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، يەنە قىزىل مەكتەپ تارىخى توغرىسىدا پىكىرلىشىپتۇ، بۇنىڭ ئۆزى بىر خىل چوڭقۇر بولغان مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تەربىيەسى. ئالىي مەكتەپلەردىكى دىراما ئۇيۇشمىلىرى مۇشۇنداق ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق، <بىز كىم> <بىز قەيەردىن كەلدۇق> دېگەن تەپەككۇر ئۇرۇقىنى ياشلارنىڭ قەلبىگە تېرىشى كېرەك.»
«ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە رېپېتىتسىيە قىلدى، بەزىدە بىر ئېغىز سەھنە سۆزى ئۈچۈن تالاش - تارتىش قىلدى ھەم چۈشىنىش ھاسىل قىلدى، بۇ، رېئال تۇرمۇشتا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئەڭ ئاددىي، ئەڭ جانلىق ئىپادىلىنىشى» دېدى ماۋ ۋېيشيۇ.
بىزنىڭ «بۈيۈك ئۇستاز»لىرىمىز
دىرامىنىڭ خاتىمىسى بىر مەيدان «سىرلىق رېئالىزم»لىق زامان - ماكان ھالقىغان سۆھبەت. ماۋ دۇن، جاۋ دەن، ۋاڭ ۋېييىنىڭ مونولوگى گىرەلىشىپ، شىنجاڭ سەپىرىنىڭ ئۇلارنى تېخىمۇ تاۋلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
«ئىلگىرى بىر ئوقۇغۇچى مەندىن سەنئەت - تىياتىر ئۆمىكى نېمە ئۈچۈن لىن جىلۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ، دەپ سورىغانىدى.» لىن جىلۇ سەنئەت - تىياتىر ئۆمىكىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى خې فېيفېي مۇنداق دېدى: «لىن جىلۇنىڭ شىنجاڭ شۆيۈەنىدە خىزمەت قىلغان ۋاقتى گەرچە قىسقا بولسىمۇ، لېكىن <ئىتتىپاق بولۇش، جىددىي بولۇش، ئاددىي - ساددا بولۇش، جانلىق بولۇش>تىن ئىبارەت مەكتەپ تەلىمىنى قالدۇرغان، بۇ سۆزلەر شىنجاڭ داشۆدە ئوقۇغانلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئورناپ كەتكەن.»
ئۇ مۇنداق چۈشەندۈردى: يېڭى دىرامىغا «بىزنىڭ بۈيۈك ئۇستازلىرىمىز» دەپ نام قويۇلۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، «بۈيۈك ئۇستاز» دېگەن نام ھەم تارىختىكى ماۋ دۇن، لىن جىلۇ، جاۋ دەن، دۇ جۇڭيۈەننى، ھەم بىر خىل روھنى كۆرسىتىدۇ.
«80 نەچچە يىل ئىلگىرى، مىللەت خەتەرلىك پەيتتە تۇرغاندا، بۇ كىشىلەر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى تاللىدى. ئۇلار ئۇزۇن خېشى كارىدورىنى بېسىپ ئۆتۈپ، كىتاب ۋە دىرامىلارنى ھەم بىر قىسىم كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى بۇ تۇپراققا ئېلىپ كەلگەن.» خې فېيفېي مۇنداق دېدى: «بۇ، ياشلارنىڭ پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان روھىنىڭ تەسۋىرى، شۇنداقلا جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، دۆلەتنى قەلبىگە پۈككەن، تۆھپە يارىتىشقا ئىرادە باغلىغان ئۇلۇغۋار غايىسى.»
«80 يىل ئىلگىرىكى <بۈيۈك ئۇستاز>لارنىڭ غەربىي قىسىمغا كېلىشى جۇڭگونى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىدى؛ 80 يىلدىن كېيىنكى ياشلارنىڭ غەربىي قىسىمنى تاللىشى جۇڭگونى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئۈچۈن.» خې فېيفېي مۇنداق دېدى: 80 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىش يېڭى مۇساپىسىدە ماڭماقتا، بۇ بىر ئەۋلاد ياشلار ئەجدادلاردىن كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا تۆھپە قوشۇپ نەتىجە ياراتماقتا. ياش ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن چېگرا رايون مائارىپىغا ياردەم بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر ياشلىق باھارىنى شىنجاڭ تۇپرىقىغا سىڭدۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئاددىي دەرسخانىلاردا چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتىنى بېغىشلىماقتا. مانا بۇ «بۈيۈك» دېگەن سۆزنىڭ دىيالېكتىكىلىق تەرەققىياتى: ئىلگىرى ماياك بولۇپ ئېگىز ھەم نۇرلۇق ئىدى؛ ھازىر خۇڭخۇ كۆلى بويىدىكى ئاق تېرەكلەرگە ئوخشاش رەت - رەت بولۇپ، يىلتىزى بىرتۇتاش.
تىياتىرخانىدىن چىققاندا، خۇڭخۇ كۆلى تىپتىنچ بولۇپ، ئاق تېرەكلەر شىلدىرلاپ تۇراتتى. 80 نەچچە يىل ئىلگىرى، بىر توپ «بۈيۈك ئۇستاز»لار مەدەنىيەت چوغىنى ئېلىپ غەربىي قىسىمغا سەپەر قىلىپ، چېگرا رايوننىڭ ئۇزاق كېچىسىنى يورۇتقانىدى. 80 نەچچە يىلدىن كېيىن، يەنە بىر توپ ياشلار بىر دىراما ئارقىلىق ئەجدادلارغا بولغان چوڭقۇر ئەسلىمىنى تاماملىدى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ياشلىق جاۋابىنى بەردى. بۇ جاۋاب ئۇلار ئۈچ يىل تۈزىتىش كىرگۈزگەن سېنارىيە ئارگىنالى ئارىسىغا، يېرىم كېچىگىچە رېپېتىتسىيە قىلىپ ئاققۇزغان تەرلىرىگە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ «نېمە ئۈچۈن بۈيۈك» دېگەن سەگەك، ھارارەتلىك ئويلىنىشىغا مۇجەسسەملەنگەن.
ۋارىسلىق قىلىش ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى، شەكلى ئۆزگىرىۋاتىدۇ، لېكىن ئاشۇ بىر دەستە نۇر ئەزەلدىن ئۆچۈپ قالمىدى.






