تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

ئىستېمالدىن ئىبارەت بۇ ئات ھارۋىسى نېمىگە تۈرتكە بولدى

​− شىنجاڭنىڭ «1 - ماي»لىق ئىستېمال بازىرىغا نەزەر

5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ساياھەتچىلەر لوپنۇر ناھىيەسىگە جايلاشقان لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا سەيلە - ساياھەت قىلماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

بۇ يىل «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج تەڭلا جانلاندى، سودا ئىشلىرى تارماقلىرى نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچىگەن پارچە سېتىش، يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9 ئېشىپ، «تەمىنلەش يېتەرلىك، باھا مۇقىم، بىخەتەر - تەرتىپلىك» بولغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالى، تاۋارلارنى پارچە سېتىش، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى ماس كۈچىدى، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ پايدىسى سىجىل جارى قىلدۇرۇلدى، سودا، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ئىستېمالنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى جانلاندۇردى، بۇلار، بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىگە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ قوشتى.

سىياسەت پايدىسى سىجىل جارى قىلدۇرۇلدى

ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۇرغۇشى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ دەل جايىدا كۈچىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ تۈرلۈك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق بۇيۇملار ئىستېمال بازىرىنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇپ، جۇغلانغان ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل تۈردە ئەمەلىي ئېشىش قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇردى.

تاۋار تۈرىدىن قارىغاندا، مۇتلەق ئېھتىياج بىلەن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىدىكى ئىستېمال ماس قەدەمدە ئاشتى، بايرام مەزگىلىدە، شىنجاڭدا خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى تۈرىدىكىلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 ئاشتى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇمى تۈرىدىكىلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئاشتى، كىيىم - كېچەك تۈرىدىكىلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.4 ئاشتى، كىتاب، گېزىت - ژۇرنال تۈرىدىكىلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.9 ئاشتى، ئىستېمال بازىرىدا «مۇتلەق ئېھتىياج مۇقىم بولۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىدىكى ئىستېمال جانلىنىش» ياخشى ۋەزىيىتى نامايان بولدى.

ئاپتوموبىل ئىستېمالى شىنجاڭنىڭ كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالىغا تۈرتكە بولىدىغان يادرولۇق موتورغا ئايلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلار بەس - بەستە «1 - ماي»لىق ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى، ھەرقايسى ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ئېھتىياجنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، نەق پۇل بويىچە باھانى بىۋاسىتە تۆۋەنلىتىش، ياردەم پۇلنى ئۈستىلەش، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش سوۋغىسى بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل پاراۋانلىقنى يولغا قويدى.

«1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى نەق مەيدانى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار ئېنېرگىيە تېجەش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، نۇرغۇن ئائىلە بايراملىق ئېتىباردىن پايدىلىنىپ يېڭى ئاپتوموبىللارنى تاللاپ سېتىۋالدى ۋە ئالماشتۇردى، نەق مەيداندىكى زاكاز مىقدارى سىجىل ئاشتى.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرىمۇ ئوخشاشلا ناھايىتى قىزىپ كەتتى. ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش مەيدانلىرىدىكى خېرىدارلار ئېقىم مىقدارىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشتى، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئاشخانا ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئالدىدا ماڭدى، يەر سۈپۈرۈش ماشىنا ئادىمى قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تازىلاش مەھسۇلاتلىرى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراش مىقدارى ۋە پۈتۈشۈش مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى.

«كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئىستېمال ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتتى، دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈنىدە دۇكىنىمىزنىڭ سېتىش مىقدارىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، نۇرغۇن ئىستېمالچى كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى تاللاپ سېتىۋالدى.» شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ خەلق مەيدانى دۇكىنىنىڭ باشلىقى جاڭ رۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: دۇكىنىمىز يەنە ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋېلىش، يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ھەقسىز ئورنىتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئالماشتۇرۇش ئىستىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە جەمئىي 54 مىڭ دانە(تال) ئىستېمال بۇيۇمىغا ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىنغان بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرىچە ئىلتىماس قىلىش مىقدارى 13 مىڭ 500 دانە (تال) بولدى، بايرامدىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا %60تىن كۆپرەك ئاشتى. 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 967 مىڭ دانە(تال) ئىستېمال بۇيۇمىغا ياردەم پۇل ئىلتىماس قىلىنىپ، 7 مىليارد 510 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسەتنىڭ قوزغىتىش ئۈنۈمى سىجىل گەۋدىلەندى.

كەسىپ ھالىتى يۇغۇرۇلۇپ تەمىنلەش كۆپ خىللاشتى

كەسىپ ھالىتى پاسىلىنى بۇزۇپ تاشلاش، ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىش بۇ يىل «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ ئىستېمال بازىرىدىكى گەۋدىلىك يارقىن نۇقتا بولدى.

يېمەك - ئىچمەك بازىرىنىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى. بايرام مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېمەك - ئىچمەك سېتىش كىرىمى %4.1 ئاشتى، يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئۆزگىچە ھېس قىلىش تەدبىرلىرى خېرىدارلارنى ئۈنۈملۈك جەلپ قىلدى، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاتتى.

خەيدىلاۋ دۇكىنىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، كورلىدىكى تۆت دۇكىنى ئۆزگىچە مۇلازىمىتى ۋە رايون يۇغۇرما تەسىراتىغا تايىنىپ، خېرىدارلار ئېقىمى ۋە تىجارەت كىرىمىدە قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «خېرىدارلار ئېقىمى باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ھەم شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن داكا قىلىش ئۈچۈن كەلگەن خېرىدارلارنى ئاساس قىلدى، سىرتقا يەتكۈزۈش كەسپىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سىرتقا يەتكۈزۈلگەن زاكاز 100دىن ئاشتى، كۆپىنچىسى دالىدا قونۇش، ئائىلە بويىچە يىغىلىپ تاماق يېيىش زاكازى بولۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈش كىرىمىمىزنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى %100تىن يۇقىرى بولدى» دېدى خەيدىلاۋ ئۈرۈمچى CCMALL دەۋر مەيدانى دۇكىنىنىڭ دىرېكتورى رۇەن جىچياڭ.

سودا چەمبىرىكىنىڭ ئىستېمال دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى. ئۈرۈمچى شەنشەن ئوتلېتس مال سېتىۋېلىش مەيدانى «ئەقىل - پاراسەت نۇرى، تاغ - دەريالارنى ئورتاق گۈزەللەشتۈرۈش»نى باش تېما قىلىپ، ئەنئەنىۋى چامباشچىلىق، مودا كوچا ئۇسسۇلى، ماشىنا ئادەم كۆرىكى، پۈتۈن مەيداننى ئايلىنىپ ئويۇن قىلىش، ئىسكىرىپكا مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىق خاس پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى.

شىنجاڭ شەنشەن ئوتلېتس مال سېتىۋېلىش مەيدانى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى لى يۈەنيۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ھېس قىلىش شەكلىدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، سودا سارىيىمىز يەنە ھەر كۈنى مۇكاپاتلىق چەك تارتىش، داڭلىق ماركا پاراۋانلىق يەتكۈزۈش ھەم ياشلىق باھارى مەخسۇس مەيدان ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، دەم ئېلىش مەزگىلى قىزغىن دولقۇنىغا تايىنىپ كىشىلەرنى توپلاپ، چۆكۈش شەكلىدىكى ئىستىراھەت ئىستېمالى يېڭى تەسىراتىنى ياراتتى.

سودا، مەدەنىيەت، ساياھەت چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئومۇميۈزلۈك ئۇرغۇتتى. قەشقەر ۋىلايىتى «ئەڭ گۈزەل قەشقەر» غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنى تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋېلىش بىلەن بىللە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى «كۈسەندە شادلىقتىن بەھرىلىنىش . كۇچادا خۇشال مال سېتىۋېلىش» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، يېمەك - ئىچمەك، سودا ساراي، تاللا بازار، مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، «مەدەنىيەت ئارقىلىق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت ئارقىلىق ئىستېمالنى ئۇرغۇتۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «ھەپتە ئاخىرىنى كورلىدا ئۆتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پىۋا - مۇزىكا كاتتا زىياپىتى، نادام خەلق ئۆرپ - ئادىتى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش، ساليۇت كاتتا مەرىكىسى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئىستېمالنى يەنىمۇ جانلاندۇردى... شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار مەۋقەنى رايون خاسلىقىغا قويۇپ، سودا، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، چۆكۈش شەكلىدىكى ئىستېمال يېڭى ھالىتى بەرپا قىلىپ، «كونا ئىستېمال»نىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، «يېڭى ئىستېمال»نى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇردى.

قۇرۇلما ئەلالاشتۇرۇلۇپ سۈپەت دەرىجىسى ئۆستى

داكا قىلىپ سەيلە قىلىشتىن چوڭقۇر ھېس قىلىشقىچە، ئاممىۋى ئىستېمالدىن سۈپەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكىچە، «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ جانلىنىشى ئىستېمال قۇرۇلمىسىدىكى سىجىل ئەلالىشىشتەك روشەن يۈزلىنىشنى ئەكس ئەتتۈردى.

ياشلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى ئىستېمال توپى ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ «ئاساسىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇش»تىن «سۈپەتكە ئىنتىلىش»كە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولماقتا. ئۇلار يۈزەكى سەيلە قىلىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمىدى، بەلكى يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، قاتناش، ساياھەت جەھەتلەردىكى ھەر تەرەپلىمە ھېس قىلىشقا ئىنتىلىدىغان بولدى، «شارائىتى ياخشى جايدا قونۇش، ئۇزاقراق تۇرۇش» ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى.

مېيتۇەن سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا جەزمەن قونىدىغان مېھمانسارايلار تىزىملىكىدىكى ھەشەمەتلىك، ھېس قىلىش تۈرىدىكى مېھمانسارايلار ياتاق زاكاز مىقدارىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى بايرامدىن ئىلگىرىكىدىن %117 ئاشقان، مېھمانسارايلارنىڭ ئۇدا ئىككى كېچىدىن ئارتۇق زاكاز قىلىنىش مىقدارى %31نى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. سەرخىل كىچىك ئۆمەك ساياھىتى سىجىل جانلىنىپ، زاكاز ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە «ئائىلىۋى بەھرىلىنىش ئۆمىكى»نىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئىستېمال ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %555 ئاشقان، ئۇزۇن لىنىيەلىك ئارام ئېلىش ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولغان، ساياھەتچىلەر ئەلا مۇلازىمەت ۋە ئۆزگىچە ھېس قىلىش ئۈچۈن ھەق تۆلەشنى تېخىمۇ خالايدىغان بولغان.

ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى، ئۆزگىچە مىللەتلەر ئۆرپ - ئادىتىگە تايىنىپ، شىنجاڭ بۇ يىل «1 - ماي»دا دۆلەت ئىچىدىكى ئالقىشلىق ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى. مېيتۇەن سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا مەدەنىيەت - ساياھەت زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشقان، «قونالغۇ+» يۈرۈشلۈكىنىڭ تۈر ھالقىغان زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55 ئاشقان، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى ئۈرۈمچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلار ئاساسلىق مەنزىلگاھقا ئايلانغان، سەپەرگە چىقىش ئەندىزىسى «ئۇدۇل بېرىپ ئۇدۇل قايتىدىغان» داكا قىلىش شەكلىدىن لىنىيە بويلاپ تارقىلىدىغان، قونۇپ ئۆتىدىغان ھېس قىلىش شەكلىگە ئۆزگەرگەن. غۇلجا شەھىرى بىلەن كۇيتۇن شەھىرى مېيتۇەن سۇپىسى ئېلان قىلغان مەملىكەت بويىچە top ئون قىزىق نۇقتىلىق رايون - ناھىيە تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگەن، بۇ شەھەرلەردىكى مېھمانسارايلارنى توردا ئىزدەش قىزغىنلىقى زور دەرىجىدە ئاشقان.

بىر مەيدان مۇسابىقە، بىر مەيدان ئويۇن بىر شەھەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش پۈتۈن زەنجىرلىك ئىستېمالىغا تۈرتكە بولىدۇ. ساياھەتچىلەر شىنجاڭدا جايلاردىكى بازارلارغا كىرىپ خاس مېۋە - كۆكتاتلارنى تاللاپ سېتىۋالدى، ئاز سانلىق مىللەت ئاشخانىلىرىغا كىرىپ پولۇ، سامسىلارغا ئېغىز تەگدى، قەدىمىي شەھەر، تار كوچىلاردا قايناق تۇرمۇش كەيپىياتىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش تۈرىدىكى ئىستېمال جانلاندى، ئۈرۈمچى، سانجى، ئالتاي قاتارلىق جايلاردىكى شۇڭغىما پاراشۇت، ئوقيا ئېتىش، چەۋەندازلىق قاتارلىق ھېس قىلىش تۈرلىرىنىڭ زاكاز مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، ئىستېمال مۇددىئاسى «گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش»تىن «تۇرمۇشنى ھېس قىلىش»قا قاراپ ئۆزگەردى.

شىنجاڭدا «1 - ماي»لىق ئىستېمال بازىرىنىڭ جانلىنىشى ھەم دەم ئېلىش مەزگىلى تەسىرىنىڭ، سىياسەت پايدىسى يەتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ھەم ئۇزاقتىن بۇيان ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلغانلىقى، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقى، ئىستېمال تەمىناتىنىڭ ئەلالاشقانلىقىنىڭ مۇقەررەر ئىپادىسى. مۇتلەق ئېھتىياجتىن سۈپەتكىچە، يەككە كەسىپ ھالىتىدىن يۇغۇرما تەرەققىياتقىچە، شەھەردىن ناھىيە رايونىنى تولۇق قاپلاشقىچە، شىنجاڭ ئىستېمال بازىرى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ، سىجىل تۈردە پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.