تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1 - پەسىلدە شىنجاڭ 380 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى

​يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %63.8ى تاماملاندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، شىنجاڭ «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت + N» تەربىيەلەش ئەندىزىسىگە تايىنىپ، جەمئىي 382 مىڭ 800 ئادەم قېتىم تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %63.8ىنى تاماملىغان.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 27 ساھە مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە «<ئاساسنى كۈچەيتىپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شىنجاڭنى ماھارەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش> چوڭ كۆلەملىك، دەل جايىدا بولغان كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى كەسىپ، ساھەلەردە ماھارەت تەربىيەسىنى قاتلامغا، تۈرگە ئايرىپ قانات يايدۇرۇشقا بىرتۇتاش تۈرتكە بولدى.

«يېڭى 8 دەرىجىلىك ئىشچى» كەسپىي ماھارەت دەرىجە تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئاشپەزلىك كەسپى بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك ئۇستىلارنى باھالاش، تەكلىپ قىلىش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى + كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى» تۈزۈمى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، 17 ئالىي مەكتەپنى باھالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەنگە ئېلىشى تاماملاندى.

يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈرىنى پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى، ماھارەت ئۇستىلىرى خىزمەت ئىشخانىسى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش تەپسىلىي قائىدىسى تەتقىق قىلىپ تۈزۈلدى. 1 - پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى ئالغانلار 92 مىڭ 500 ئادەم قېتىم بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالىي دەرىجىلىك ئىشچى ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك گۇۋاھنامە ئالغانلار 22 مىڭ 100 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %100.97 ئاشتى.

تېخنىك ئىشچىلار مائارىپى ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. كوناشەھەر ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، توقسۇ ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلۈشىگە مەدەت بېرىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇندى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، شىنجاڭ كەڭ كۆلەملىك، دەل جايىدا بولغان كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇدۇللاشتۇرۇش، بىرلىشىپ كېڭىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ساھە، تارماقلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى قەرەللىك ھالدا ھۆكۈم قىلىپ، ئىگىلەپ، سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، تەربىيەلەش ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىلاردىن يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭ ھۈنەرۋىنى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى، ماھارەت ئۇستىلىرى خىزمەت ئىشخانىسى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.