تارىم ئويمانلىقىدا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز چوڭقۇر پىششىقلاش بازىسى قەد كۆتۈردى
جەنۇبىي بۈگۈردە ئۈلگە تىكلەپ، دۆلەتكە شان - شەرەپ كەلتۈرۈش

تارىم نېفىتلىك شىركىتى جەنۇبىي بۈگۈر تەبىئىي گازنى چوڭقۇر بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشى ئېتان يىغىۋېلىش زاۋۇتىدىن كۆرۈنۈش (4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئادەمسىز ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

ساۋما قىلىپ سىننى كۆرۈڭ
■قۇرۇلۇش نام كارتىسى
تارىم نېفىتلىك شىركىتى جەنۇبىي بۈگۈر تەبىئىي گازنى چوڭقۇر بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشىدا 2024 - يىلى 9 - ئايدا ئىش باشلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئىككى قاتار ئېتان يىغىۋېلىش قۇرۇلمىسى، ئېتان سۇيۇقلاندۇرۇپ ساقلاش باكى، گاز ئېلىش - قايتۇرۇش تۇرۇبىسى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى ۋە تۇراقلاشتۇرۇلغان يېنىك ھىدروكاربوننى سىرتقا يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لايىھەدىكى تەبىئىي گازنى يىللىق بىر تەرەپ قىلىش كۆلىمى 10 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەندى.
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن
5 - ئايدىكى تارىم ئويمانلىقىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، كىلىمات قۇرغاق ئىدى. جەنۇبىي بۈگۈر سانائەت باغچە رايونىدا، تارىم نېفىتلىك شىركىتى جەنۇبىي بۈگۈر تەبىئىي گازنى چوڭقۇر بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشى قەد كۆتۈردى، مۇنارسىمان باكلار قەد كۆتۈرۈپ، كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى.
تارىم نېفىتلىك شىركىتى جەنۇبىي بۈگۈر تەبىئىي گازنى چوڭقۇر بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى، شۇنداقلا يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىكى نۇقتىلىق تۈر. نۆۋەتتە، بۇ تۈر ئاخىرقى كۈچەش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ئازوت گازىنى كىرگۈزۈپ ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلماقتا، 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا تەبىئىي گاز كىرگۈزۈپ ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى سىناش مۆلچەرلەندى.
20 مىليارد كۇب مېتىر، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ
«B باكنىڭ بېسىمى 6.4 مېگا پاسكال.»
«كومپرېسسورنىڭ كىرىش ئېغىزى بېسىمى 1.74 مېگا پاسكال بولۇپ، سىجىل ئۆرلەۋاتىدۇ.»
...
5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى تارىم ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەركىزىي كونترول ئۆيىدىكى چوڭ ئېكران ئالدىدا، ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش ئىش ئورنىدىكى خادىم ۋاڭ جياخاۋ بىر قولىدا مائۇسنى كونترول قىلىپ، ئېكراندىكى 36 بۆلەكنى توختىماي ئالماشتۇرسا، بىر قولىدا سۆزلىشىش ئاپپاراتىنى تۇتۇپ، ئالدىنقى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارغا ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەش - سىناشقا ئالاقىدار پارامېتىرلارنى مەلۇم قىلىپ تۇراتتى.
ئۆي سىرتىدا، تارىم نېفىتلىك شىركىتى جەنۇبىي بۈگۈر تەبىئىي گازنى چوڭقۇر بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشىدا ئازوت گازىنى كىرگۈزۈپ ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتاتتى، 100دىن ئارتۇق ئىشچىدىن تەشكىللەنگەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى بىر تەرەپ قىلىش بۆلەكلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ سىناش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
لايىھە ئىنژېنېرى شۈ جياڭمىڭ ۋېلىسىپىت مىنگىنىچە ھەرقايسى قۇرۇلما بۆلەكلىرىدە ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈپ چارلاپ تەكشۈرۈپ، ئۈسكۈنە گاز زىچلىقى، ئالماشتۇرۇش ۋە قۇرۇتۇش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ تۇردى.
«تەبىئىي گاز كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئازوت گازىنى كىرگۈزۈپ، ئۈسكۈنە ھەم تۇرۇبىنىڭ ھىملىقىنى سىناش كېرەك. ئازوت گازىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، بېسىم ئالتە مېگا پاسكالغا يەتكەندە، بېسىمنى 240 مىنۇت تۇراقلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ مەزگىلدە، ئۈسكۈنە بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دەرىجىسى %1تىن چوڭ بولماسلىقى كېرەك» دېدى شۈ جياڭمىڭ.
گاز ھىملىقىنى سىناش تاماملانغاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار ئۈسكۈنىگە ساپلىق دەرىجىسى %99.9لىك ئازوت گازىنى كىرگۈزۈپ، ئۈسكۈنە ئىچىدىكى ھاۋا، ئارىلاشما قاتارلىقلارنى تازىلاپ پاكىز ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن داۋاملىق ئازوت گازىنى كىرگۈزۈپ ئايلانما قۇرۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ.
«ئايلانما قۇرۇتۇش جەريانى 15 كۈندىن 20 كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ. تەبىئىي گازنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 100 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ، ئەگەر سىستېما ئىچىدىكى سۇ تەركىبى ئۈزۈل - كېسىل بىر تەرەپ قىلىنمىسا، توڭلاپ توسۇلۇپ قېلىش مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ» دەپ چۈشەندۈردى شۈ جياڭمىڭ.
تارىم نېفىتلىكى جەنۇبىي بۈگۈر تەبىئىي گاز چوڭقۇر بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 1000 مو كېلىدۇ. يىراققا نەزەر سالغاندا، مۇنارسىمان باكلارنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى، تۇرۇبا يوللىرىنىڭ ئەگرى - بۈگرى سوزۇلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. «قۇرۇلۇشتا 2024 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئوتتۇرا مەزگىللىك قۇرۇلۇش تاپشۇرۇلدى، نۆۋەتتە ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ سىناش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن بۇرۇن گاز كىرگۈزۈلۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.» بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تۈر قۇرۇلۇش گۇرۇپپىسى باشلىقى شېن لىجۈن مۇنداق بىلدۈردى: قۇرۇلمىغا تەبىئىي گاز كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن، جەزمەن بارلىق مەسىلىلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشتە ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
58 ياشلىق شېن لىجۈن 1992 - يىلى تارىم نېفىتلىكىگە كەلگەن، 2016 - يىلى جەنۇبىي بۈگۈر سانائەت باغچە رايونىدا تۇرۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يېنىك ھىدروكاربون يىغىۋېلىش، ئېتان يىغىۋېلىش، يېنىك ھىدروكاربوندىن قايتا پايدىلىنىش تۈر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغان، بۈگۈنكى كۈندە يەنە تەبىئىي گاز چوڭقۇر بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئون يىل جەريانىدا، ئۇ شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى تارىم ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بۇ جايدا قۇرغان تۆت تۈرىگە گۇۋاھ بولدى.
«قۇرۇلۇش ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 1 - قارارلىق تۈرنى قوشقاندا، تەبىئىي گازنى يىللىق بىر تەرەپ قىلىش كۆلىمى 20 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ئىنچىكە پىششىقلاش بازىسىغا ئايلىنىدۇ» دېدى شېن لىجۈن.
88 تۈپ توغراق يېشىل تەرەققىياتقا گۇۋاھ بولدى
تۈر نەق مەيدانىغا كىرگەندە، كۆرگىلى بولىدىغانلىكى جاينىڭ ھەممىسىدە كۈمۈش رەڭلىك نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىدىن باشقا، يەنە نۇرغۇن مەزمۇت توغراقلار كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.
ھەرقايسى قۇرۇلمىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىش بۆلىكى ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توغراقلارنىڭ شاخلىرى يېيىلىپ، شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەزمۇت بىر تۈپ توغراقنى ئىككى ئادەم بىرلىشىپ ئاران قۇچاقلىيالايتتى.
«چۆللۈكتە بىر تۈپ كۆچەتنى تىكىپ ئەي قىلىشتا قىيىنچىلىق كۆپ. زاۋۇت رايونىدىكى توغراقلارنى قوغداش ئۈچۈن، بىز بىر قىسىم قۇرۇلما ۋە تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇش لايىھەسىنى تەڭشىدۇق ۋە ئەلالاشتۇردۇق» دېدى شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى تارىم ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش - يۈرۈشتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ چېڭپىڭ.
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىمىيە سانائىتى تۈرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى ئۆلچەملىك بولۇشى كېرەك، لېكىن شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى تارىم ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىدىكى نۇرغۇن قۇرۇلما بۆلەكلىرىدە توغراقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئالايىتەن يانتۇ يۆنىلىشلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قوللىنىلغان.
«ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، شىركەتنىڭ زاۋۇت رايونىدا جەمئىي 88 تۈپ ئىپتىدائىي توغراق ساقلىنىپ قالغان. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى خۇددى ھاياتىمىزنى قوغدىغاندەك قوغدىشىمىز، توغراق روھىغا خۇددى نېفىت روھىغا ۋارىسلىق قىلغاندەك ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.» جاڭ چېڭپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 88 تۈپ توغراق كارخانىنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ جانلىق گۇۋاھچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە بارلىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ چۆل - باياۋاندا يىلتىز تارتىپ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىدىكى مەنىۋى يېتەكچى.
زاۋۇت رايونىدا ئىپتىدائىي توغراقلار ساقلىنىپلا قالماي، يەنە ئەرمۇدۇن، تاش ئالما، قارىياغاچ قاتارلىق كۆچەتلەر يېڭىدىن تىكىلدى. ھازىر، بۇ يېڭى تىكىلگەن كۆچەتلەر ئالتە - يەتتە مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسۈپ، بۈك - باراقسانلىشىپ يېشىل تۈسكە كىردى.
بۇ يىل، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى تارىم ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەنە زاۋۇت رايونى دەرۋازىسى ئالدىغا 72 تۈپ تۇخۇمەك دەرىخى تىكتى. «بۇ تۇخۇمەك دەرەخلىرىنى ئەي قىلىش ئۈچۈن، بىز يېڭى توپا ئېلىپ كېلىپ، ئەسلىدىكى تۇپراقنىڭ ھەممىسىنى ئالماشتۇردۇق، تۇپراق ئالماشتۇرۇش چوڭقۇرلۇقى بىر مېتىرغا يەتتى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ كۆكەرتىش نەق مەيدان مەسئۇلى جاۋ دېپېڭ.
نۆۋەتتە، تۇخۇمەك دەرىخىنىڭ تىكىلگىنىگە 20 نەچچە كۈن بولدى، يېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈچ بۇرجەك جازا قوشۇپ ئورنىتىلدى، يەنە ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى ئاسما خالتىسى ئېسىلىپ ئوزۇقلۇق سىجىل تولۇقلىنىۋاتىدۇ. «ئۇلارنىڭ يېڭى مۇھىتقا تېزدىن ماسلىشىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى جاۋ دېپېڭ تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن.
يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، تارىم نېفىتلىكى جەنۇبىي بۈگۈر تەبىئىي گاز چوڭقۇر بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشىدا يەنە كاربون تۆت ئوكسىدىنى يىغىش قۇرۇلمىسى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا قويۇپ بېرىلگەن كاربون تۆت ئوكسىدى يىغىلغاندىن كېيىن يېقىن ئەتراپتىكى نېفىتلىككە يەتكۈزۈلۈپ نېفىت قېزىشقا ئىشلىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كومپرېسسور قاتارلىق قۇرۇلمىلارنىڭ قالدۇق ئىسسىقلىقى يىغىۋېلىنىپ، زاۋۇت رايونىدا تۇرمۇشتا ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلدى.
دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتى %90تىن ئېشىپ، ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان بولدى
شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى تارىم ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈسكۈنە تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە تۈر لايىھەلەش - سېتىۋېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جۈنچى تۇرۇبىلار ئارىسىدا ئالدىراش يۈرۈپ، ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ سىناش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈردى، «پىروپان سوۋۇتۇش ماشىنىسى، كومپرېسسور، ھاسىلىي گاز يۇقىرى سۈرئەتلىك كومپرېسسور قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئورنىغا بىردەك دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغانلىرىنى دەسسىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، پۈتكۈل تۈر بويىچە دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى.»
«قۇرۇلمىنى تىزگىنلەش سىستېمىسى تۈرنىڭ مەركىزىي چوڭ مېڭىسى، تۈردە ئىشلىتىلگىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان تىزگىنلەش سىستېمىسى؛ ئىلگىرى چەت ئەل مونوپول قىلىۋالغان تەۋرىنىشنى سىناش سىستېمىسىنىمۇ بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تۈرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - يۈرۈشۈشىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىمىزغا تىزگىنلىيەلەيدىغان بولدۇق.» ياڭ جۈنچى مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ئۈسكۈنە دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلىپلا قالماي، يادرولۇق زاپچاسلارنىڭ ھەممىسىگە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ئىشلىتىلدى.
تۈردە ئاچقۇچلۇق ئۈسكۈنىلەرنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندا، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ماس قەدەمدە تېزلىتىلىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار+»نى قوللىنىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 2021 - يىلى قۇرۇلغان ئېتان يىغىۋېلىش تۈرىنىڭ بەن گۇرۇپپىسى ئىشلەپچىقىرىش - يۈرۈشتۈرۈشكە مەسئۇل بولدى، بىر تەرەپ قىلىش كۆلىمى ھەسسىلەپ ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن يېڭىدىن خادىم كۆپەيتىش زۆرۈرىيىتى بولمىدى، بۇنىڭدا دەل ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تېخنىكىغا تاياندۇق» دېدى جاڭ چېڭپىڭ.
ئىلغار تىزگىنلەش سىستېمىسىغا تايىنىپ، خىزمەتچى خادىملار مەركىزىي تىزگىنلەش ئۆيىدىكى «مەركىزىي چوڭ مېڭە»دە ئالدىن سىگنال بېرىش پارامېتىرىنى بېكىتىدۇ، سىستېما خەۋپ - خەتەر نۇقتىسىنى ئۆز ئالدىغا تەھلىل قىلىپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ پارامېتىرىنى تەڭشەشنى ئاپتوماتىك تاماملايدۇ، ئادەم كۈچى ئارقىلىق نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلىش ھاجەتسىز.
تەبىئىي گازنىڭ ئاساسلىق تەركىبى مېتان، يەنە ئېتان، پىروپان، بۇتان قاتارلىق قايتا تەشكىللەنگەن تەركىبلەر بار، تارىم نېفىتلىكى جەنۇبىي بۈگۈر تەبىئىي گاز چوڭقۇر بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىقى تەبىئىي گازدىكى قايتا تەشكىللەنگەن تەركىبلەرنى ئايرىپ ئېلىش ئارقىلىق ئېتان، يېنىك ھىدروكاربون، سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىلىپ، تۆۋەن ئېقىندىكى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش 2 - قارارلىق تۈرىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش خام ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.
«نېفىت، نېفىت خىمىيە ساھەسىدە تەبىئىي گاز ئېغىر ھىدروكاربون تەركىبى يۇقىرى گاز ۋە ئېغىر ھىدروكاربون تەركىبى تۆۋەن گاز دەپ ئايرىلىدۇ. ئېغىر ھىدروكاربون تەركىبى تۆۋەن گازدا مېتان تەركىبى كۆپ، ئېغىر ھىدروكاربون تەركىبى يۇقىرى گازدا ئېتان، پىروپان، بۇتان مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. تارىمدىن چىقىدىغان تەبىئىي گاز ئىچىدە ئېغىر ھىدروكاربون تەركىبى يۇقىرى گازمۇ ۋە ئېغىر ھىدروكاربون تەركىبى تۆۋەن گازمۇ بار، يۇقىرى ئېقىندىكى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشتە ئېغىر ھىدروكاربون تەركىبى يۇقىرى گاز دەپ قارالغان تەبىئىي گاز ئاندىن بىزنىڭ بۇ يەرگە كىرىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى قايتا تەشكىللەنگەن تەركىبلەر ئايرىپ ئېلىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەت ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ» دەپ چۈشەندۈردى جاڭ چېڭپىڭ.
ئاددىي بولغان ئارىلاشمىلارنى تازىلاپ چاڭ - توزانلارنى چىقىرىۋېتىپ بىر تەرەپ قىلىشتىن بۈگۈنكى كۈندە كۆلەملەشتۈرۈپ چوڭقۇر بىر تەرەپ قىلىشقىچە، تارىم نېفىتلىكى ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جەنۇبىي بۈگۈر سانائەت باغچە رايونىدىكى چۆللۈكتە يادرولۇق «گاز ئېلىپ»، دۆلىتىمىز نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنە ئۈلگە تىكلەپ بەردى.
■مۇخبىرنىڭ تەسىراتى
يەنە بىر خىل «گاز» كىشىلەر قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا
تەبىئىي گاز ئۈنۈملۈك گاز ۋە ئۈنۈمسىز گاز دەپ ئايرىلىدۇ، بىرنەچچە كۈنلۈك زىيارەت ئارقىلىق مۇخبىر بۇ چۆللۈكتە يەنە بىر خىل تېخىمۇ قىممەتلىك «ئۈنۈملۈك گاز» بارلىقىنى تەدرىجىي ھېس قىلدى − ئۇ تۇرۇبا يولىدا ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە.
88 تۈپ توغراق ئاۋايلاپ ساقلاپ قېلىندى، قۇرۇلمىلار دەرەخكە يول بەردى، بۇ، خىمىيە سانائىتى زاۋۇت رايونىدا كۆپ ئۇچرىمايدۇ. بىر پېشقەدەم نېفىتچى غولى ئەڭ چوڭ توغراقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئۇنىڭ بۇ يەردە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىنىغا نەچچە يۈز يىل بوپتۇ، بىز كەلگىلى ئەمدىلا ئون يىل بولدى» دېدى. بۇ سۆز ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن سالمىقى بار. تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، چۆللۈكتە يىلتىز تارتىش شوئار ئەمەس، ئۇ، ھەربىر ئۈچ بۇرجەك جازا، ھەربىر خالتا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى، ھەربىر كۇب ئالماشتۇرۇپ تىندۇرۇلغان تۇپراقتا نامايان بولىدۇ.
مۇخبىرغا تېخىمۇ تەسىر قىلغىنى بۇ رەقەملەر بولدى: دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى، بىر تەرەپ قىلىش كۆلىمى ھەسسىلەنگەن بولسىمۇ، بىرمۇ ئادەم كۆپەيتىلمىدى، 60 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان شېن لىجۈن ئون يىلدا تۆت تۈرگە قاتناشتى... «گالنى بوغىدىغان بولۇش»تىن «ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولۇش»قىچە، «كۆپ ئادەمگە تايىنىپ ئىشلەش تاكتىكىسى»دىن «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +»غىچە، تارىملىقلار ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قاقاسلىقتا «پولات ئورمان» بەرپا قىلدى. ئۇلارنىڭ ساپلاشتۇرغىنى تەبىئىي گاز بولۇپلا قالماي، يەنە بىر خىل ئېتىقاددۇر − ئاچقۇچلۇق تېخنىكىغا سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئىگە بولغىلى بولمايدۇ، يېشىل تەرەققىياتقا ساقلاش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولمايدۇ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى تايىنىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
چۆللۈكنىڭ جىمجىتلىقىغا مۇنارسىمان باكلار گۇۋاھ بولدى. ھەقىقىي «ئۈنۈملۈك گاز» ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتى، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش مەردانىلىقىدۇر.






