ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققاندا، سىز ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا رەت ئورۇندۇقىنى ياتقۇزۇپ، ئاپتوموبىل ئىچىدە بىردەم ئارام ئېلىۋېلىشنى ئويلىغانمۇ؟ يېقىندا، مەلۇم بىرەيلەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ماڭغان بىر سىننى ھەمبەھرىلىگەن، سىندا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتوموبىل ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا مېڭىش سەپىرىدە، ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغان كىشى ئارقا رەتتىكى ئورۇندۇقنى ياتقۇزۇپ، ئۇنى ئاپتوموبىل ئارقا ساندۇقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ «كارىۋات» ھاسىل قىلىپ، يوتقان-كۆرپە سالغاندىن كېيىن يېتىپ ئارام ئالغان.
ئاپتوموبىل يول يۈرگەندە، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغان كىشىنىڭ يېتىپ ئارام ئېلىشى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنامدۇ؟ ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا رەت ئورۇندۇقىنى كارىۋاتقا ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلامدۇ؟ بۇ توغرىسىدا مۇخبىر بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي-قانۇن داشۆسى ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ شېرىكى، ئادۋوكات دۇەن خۇيچۇەن ۋە سەنشى ئۆلكىلىك گۇڭئەن نازارىتى قاتناش باشقۇرۇش باش ئەترىتىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول 5-تارماق ئەترىتىدىكى قاتناش ساقچىسىنى زىيارەت قىلدى.
ئادۋوكات: قانۇندا ئاپتوموبىل يولدا يۈرگەندە يولۇچىنىڭ يېتىشىنى چەكلەش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە يوق، بۇ قىلمىش ماھىيەتتىن قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، لېكىن بۇ، ئاپتوموبىلدا يېتىشنىڭ قانۇن جەھەتتە خەۋپ-خەتىرى يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىل يولدا مېڭىۋاتقاندا، يولۇچى يېتىۋېلىپ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى توغرا تاقىمىسا ياكى شوپۇرغا تەسىر يەتكۈزسە، مەسىلەن: يولۇچى ياتقاندا بەدىنى ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان دائىرىگە ئېغىپ، شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىلنى ھەيدىشىگە تەسىر يەتكۈزسە ياكى كۆرۈش دائىرىسىگە تەسىر يەتكۈزسە، بۇ، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 51-ماددىسى ۋە 66-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارىلىدۇ، شۇنداقلا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ ياكى بەش يۈەندىن يۇقىرى، 50 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچىسى: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرۈش جەريانىدا، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغان كىشى يېتىۋالسا خەۋپ-خەتىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئاپتوموبىل جىددىي تورمۇز تۇتسا ياكى سوقۇلسا، ئادەم ئاپتوموبىلدىن بىۋاسىتە ئېتىلىپ چىقىپ كېتىپ، ئاسانلا ئۆلۈش-يارىلىنىش كېلىپ چىقىدۇ؛ ئەگەر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سەۋەبلىك ھادىسە كېلىپ چىقسا، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرىشنى رەت قىلسا بولىدۇ.
ئەگەر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغان كىشى يېتىۋالغان ئەھۋال كۆرۈلسە، بەش يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەم تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ ۋە تەربىيە بېرىلىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغان كىشى يېتىۋالغان ھەم بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىغان بولسا، ئادەتتە بەش يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەم ئورۇندۇقنى ئەسلى ھالىتىگە ئەكىلىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ ئەگەر شوپۇر ئەسكەرتىش، نەسىھەت قىلىپ توسۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئاگاھلاندۇرۇش ياكى 20 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ شوپۇر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئاپتوموبىلدا ئېلىپ ماڭغان بولسا، ئېغىرلىتىپ جازالىنىدۇ ھەم تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ ۋە تەربىيە بېرىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئۆز ئالدىغا ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئورۇندۇقنى كارىۋات قىلىپ ئۆزگەرتىش قانۇنسىز ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشقا تەۋە. كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىپ كارىۋات ياسىغانلارغا 500 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەم ئەسلىي ھالىتىگە ئەكىلىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ قاتتىق ئورۇندۇقى كارىۋاتلىق قىلىپ ئۆزگەرتىلسە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەم 6 نومۇر خاتىرىلەش جازاى بېرىلىدۇ؛ يۈك ئاپتوموبىلىغا يولۇچى بىلەن يۈكنى ئارىلاشتۇرۇپ سېلىش، ئورۇندۇقنى كارىۋاتقا ئۆزگەرتىش ھەم ئادەم سېلىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، 3 نومۇر خاتىرىلەش جازاسى بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەجبۇرىي تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ.
بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى
مەيلى شوپۇر ياكى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغان كىشى ئارام ئېلىشقا قانچىلىك ئېھتىياجلىق بولسۇن، ئاپتوموبىلنى مۇلازىمەت رايونى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق قانۇنلۇق رايونلارغا ھەيدەپ كىرىپ، ئاپتوموبىلنى بىخەتەر توختاتقاندىن كېيىن، ئاندىن يېتىپ ئارام ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ياكى شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولىدىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئاپتوموبىل يولىدا ئاپتوموبىل توختىتىپ ئارام ئېلىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ، «يول قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نومۇر خاتىرىلەپ باشقۇرۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ياكى شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولىدا قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل توختاتقانلارغا بىر قېتىمدا 9 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ.






