5-ئاينىڭ 2-كۈنى
شىنجاڭ نارات دۆلەت ساياھەت ئىستىراھەت رايونى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ
نارات مەنزىرە رايونىدا ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىنى بېجىرىش قائىدىسىنى تەڭشەش توغرىسىدا ئۇچۇر ئېلان قىلدى
تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە
↓↓
سۆيۈملۈك ساياھەتچى دوستلار:
ساياھەت قىلىش تەسىراتىڭىزنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلغۇچىلارنىڭ سەپىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، نارات مەنزىرە رايونى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ تور سىرتىدىكى كۆزنەكتە ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى كەسپىنى بېجىرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، توردا ئالدىن كېلىشىپ بېجىرىشنى يولغا قويىدۇ، يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى بېلىتىنى ئالدىن كېلىشكىلى بولىدۇ.
سىز ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى «نارات ئاقىل ساياھىتى(智游那拉提)» ئارقىلىق ئالدىن كېلىشسىڭىز بولىدۇ، ئالدىن كېلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتقا ئاساسەن مەنزىرە رايونىغا بىۋاسىتە كىرەلەيسىز.
بېجىرىشتىن بۇرۇن «بېلەت سېتىۋېلىشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار»نى تەپسىلىي ئوقۇڭ (كىچىك پىروگرامما ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەتلەرگە قاراڭ)، ئەگەر سوئالىڭىز بولسا ھەر ۋاقىت مەنزىرە رايونى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 5291888-0999 ئارقىلىق مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ. توغرا چۈشەنگىنىڭىزگە ۋە ماسلاشقانلىقىڭىزغا رەھمەت، سەپىرىڭىز كۆڭۈللۈك بولسۇن!
بىرىنچى، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى بويىچە بېلەت سېتىۋېلىش تەرتىپى
1. كىچىك پىروگراممىغا كىرىش: ۋىيشىندىن «نارات ئاقىل ساياھىتى» كىچىك پىروگراممىسىنى ئىزدەش ۋە ئەگىشىش؛
2. ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى يولىنى تاللاش: باش بەتتىكى «ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى(自驾游)» بەلگىسىنى چېكىپ، مەھسۇلات تاللاش بېتىگە كىرىش؛
3. زاكاز ئۇچۇرىنى تولدۇرۇش: بەتتىكى كۆرسەتمە بويىچە، ئالاقىدار زاكاز ئۇچۇرلىرىنى تولۇق تولدۇرۇش؛
4. ئالدىن كېلىشىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇش: يولۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى تولدۇرۇش ھەمدە ئوينايدىغان ۋاقىتنى تاللاش؛
5. قالدۇقنى جەزملەشتۈرۈش ھەمدە زاكاز چۈشۈرۈش: سىستېمىدا ئالدىن كېلىشكەن ۋاقىتتىكى قالدۇق يېتەرلىك دەپ كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، بىۋاسىتە پۇل تۆلەپ زاكاز چۈشۈرۈش؛
6. زاكازنى تەكشۈرۈش: پۇل تۆلەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، «بېلەت سېتىۋېلىش زاكازى»غا كىرىپ تەپسىلىي ئەھۋالنى كۆرۈش؛
7. ساۋما قىلىپ مەنزىرە رايونىغا كىرىش: مەنزىرە رايونىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، زاكاز ئىككىلىك كودىنى كۆرسىتىپ، مەنزىرە رايونىغا كىرىشنى تەكشۈرتۈش.
ئىككىنچى، توردا ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىش چۈشەندۈرۈشى
1. ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى بېلىتى سېتىۋېلىش تەرتىپىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىر ۋىيشىن ھەقىقىي ئىسىم ھېساباتىدا تاللىغان ساياھەت قىلىش كۈنىدە پەقەت ئۆز ئاپتوموبىل زاكازىدىن بىرنى ئالدىن كېلىشىشكە بولىدۇ؛ ئوخشاش بىر ساياھەتچى ئوخشاش ئالدىن كېلىشكەن ساياھەت قىلىش كۈنىدە تەكرار بېلەت سېتىۋالسا بولمايدۇ. مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە ئالدىن كېلىشكۈچى كىچىك پىروگراممىغا چىقىپ مەنزىرە رايونىغا كىرىش ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ مەنزىرە رايونىغا كىرىشنى تەكشۈرۈپ ھېساباتتىن ئۆچۈرىدۇ، ساياھەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى بېلىتىنى يەنە بىر قېتىم ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ (كۆپ ئادەم تەكرار زاكاز قىلىپ تالىشىپ سېتىۋالماڭ ھەم ۋاكالىتەن سېتىۋالماڭ).
2. توردا بېلەت سېتىۋېلىش 18 خانىلىق كىملىك نومۇرى ئارقىلىق باغلىنىشلىق ياشتىكى ئېتىبارلىق بېلەت باھاسىنى پەرقلەندۈرۈشنى قوللايدۇ، پاسپورت، ئېتىبار كىنىشكىسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كۆزنەككە بېرىپ بېجىرىڭ، كۆزنەكتە كىملىكىلا بار ئادەتتىكى ساياھەتچىلەرگە بېلەت تولۇقلاش رەسمىيىتى بېجىرىلمەيدۇ. زاكازنى تولدۇرغاندا يولۇچى، شوپۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى بىر قېتىمدىلا تولۇق تولدۇرۇڭ، بېلەت تولۇقلىغىلى بولماسلىقتىن ساقلىنىڭ.
3. پەقەت يەتتە كىشلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىك، SUV، سودا ئاپتوموبىلى، پىكاپ، بىر گەۋدىلەشكەن ئۆي ئاپتوموبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاپتوموبىللار ئۆزئاپتوموبىل ساياھىتى رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ (سۆرەش تىپى ۋە ئۇزۇنلۇقى يەتتە مېتىردىن ئاشىدىغان ئۆي ئاپتوموبىللار بېجىرىشكە بولمايدۇ)؛ ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقانلار ئاندىن بېجىرىشكە بولىدۇ.
ئۈچىنچى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مەنزىرە رايونىغا كىرىش تەرتىپى
ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىنى توردا ئالدىن كېلىشىپ قويغان ساياھەتچىلەر تۆۋەندىكى يول خەرىتىسىدىن پايدىلىنىپ، مەنزىرە يولىنى بويلاپ يېشىل كۆرسەتكۈچ كۆرسەتمىسى بويىچە بىۋاسىتە مەنزىرە رايونىغا كىرسە بولىدۇ.







