
خەيرلىك سەھەر! ساغلاملىق كەلدى
ساغلام شىنجاڭ
«قولنى سۇدا چايقاپ قويسىلا يۇيغان بولمايدۇ! ئالتە قەدەم بويىچە 15 سېكۇنت ئۇۋۇلاپ يۇيغاندا، ئاندىن ھەقىقىي پاكىز يۇيغان ھېسابلىنىدۇ»
بۈگۈن دۇنيا قول تازىلىقى كۈنى. نۇرغۇن كىشى قولىنى يۇيغاندا پەقەت سۇدا چايقاپلا قويىدۇ، بۇ قولنى يۇيمىغانغا باراۋەر.
توغرا ئۇسۇل: قولنى سۇدا نەمدەش ← سوپۇن ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى سۈرۈش ← «قول ئالقىنىنى يۇيۇش، قول دۈمبىسىنى يۇيۇش، بارماق ئارىلىقىنى يۇيۇش، بارماقنى كىرىشتۈرۈپ يۇيۇش، ئوڭ ۋە سول قولنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىككى قولنىڭ بېغىشىنى يۇيۇش، بارماقلارنى تىك تۇتۇپ بىر-بىرىگە سۈركەپ يۇيۇش»تىن ئىبارەت ئالتە قەدەم بويىچە بارماق ئۇچى، بارماق ئارىلىقى، قول بېغىشىنى ئۇۋۇلاپ يۇيۇش كېرەك، بۇنىڭغا ئاز دېگەندە 15 سېكۇنت كېتىدۇ، ئاندىن جۈمەكتىن ئېقىۋاتقان سۇ بىلەن پاكىز چايقاپ سۈرتۈپ قۇرۇتۇش كېرەك.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى: ئاددىي چايقاپ يۇيۇش ھەرگىز ئۈنۈملۈك تازىلىغانغا باراۋەر ئەمەس!
مەزمۇننى بېكىتكۈچى: شىنجاڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ساغلاملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش شۆبە جەمئىيىتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى
بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى: سۇ لۇپىڭ
لايىھەلىگۈچى: كاڭ ياجۈن
يېتەكچى ئورۇن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






