تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

5-ئايدا ناراتتا ئالتۇنگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى

   5-ئاي كىرىشى بىلەن، نارات يايلىقى گۈل سەيلىسى قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، بوشلۇقتىكى يايلاقنىڭ قارلىق تاغ ئېتىكىدە كەڭ كەتكەن ئالتۇنگۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىپ، تاغ-دالىنى قاپلىغان گۈل دېڭىزى يايلاقنى ئالتۇندەك تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.

  ئالتۇن رەڭلىك گۈل دېڭىزى تۇتاش كەتكەن چىملىققا ياندىشىپ، يىراقتىكى ئاپئاق قارلىق تاغ، سۈپسۈزۈك كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارىغايلار بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، قاتلاملىرى ئېنىق، مەنزىرىسى گۈزەل، خۇددى تەبىئەت كۆڭۈل قويۇپ سىزغان نادىر ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايتتى.

  گۈزەل مەنزىرىلەر ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى داڭقىنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە كېلىشكە جەلپ قىلدى، كۆپچىلىك گۈل دېڭىزىدا ئايلىنىپ، باھار سەيلىسى، مەنزىرە تاماشا قىلىپ، قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە تارتىپ داكا قىلىپ، ناراتنىڭ شېئىرىي تۈسكە ئىگە تاغ-دەريالىرىغا مەپتۇن بولدى.

5-ئاينىڭ 2-كۈنى، نارات بوشلۇقتىكى يايلاقنىڭ قارلىق تاغ ئېتىكىدە كەڭ كەتكەن ئالتۇنگۈللەر بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلغانىدى.

5-ئاينىڭ 2-كۈنى، نارات بوشلۇقتىكى يايلاقنىڭ قارلىق تاغ ئېتىكىدە كەڭ كەتكەن ئالتۇنگۈللەر بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلغانىدى.

5-ئاينىڭ 2-كۈنى، نارات بوشلۇقتىكى يايلاقتا ئالتۇنگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، تاغ-دالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە يېيىلغان گۈل دېڭىزى يايلاقنى ئالتۇندەك تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.

پورەكلەپ ئېچىلغان ئالتۇنگۈل.

گۈزەل مەنزىرىلەر ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىشكە، گۈل دېڭىزىدا ئايلىنىپ، باھار سەيلىسى، مەنزىرە تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

ئالتۇن رەڭلىك گۈل دېڭىزى تۇتاش كەتكەن چىملىققا ياندىشىپ، قارلىق تاغ، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، قارىغاي بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، خۇددى تەبىئەت كۆڭۈل قويۇپ سىزغان نادىر ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاپ قالغانىدى.

مەنبە: كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

(كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جاڭ ۋېنتىڭ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.