5-ئايدا تېمپېراتۇرا تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ، تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپ-خەتىرىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشىدۇ. 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى (شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) 5-ئايلىق ساغلاملىق ئاگاھلاندۇرۇش ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى، يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەردىن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىشنى ھەم تارقىلىشچان زۇكام، سۇ چېچىكى، ھاشارات ئارقىلىق تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈشىگە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى.
كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى مۇنداق كۆرسەتتى: 5-ئاي باشقا يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل، نورۇ ۋىرۇسى، چاقسىمان ۋىرۇس قاتارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ تارقىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، يەسلى، مەكتەپ، كوللېكتىپ ئاشخانا قاتارلىق سورۇنلاردا ئاسانلا توپلىشىش خاراكتېرلىك كېسەللىك قوزغىلىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرى قولنى پات-پات يۇيۇشى، تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، سىرتقا چىقىپ قايتىپ كەلگەندە قولنى ئۆلچەملىك ئۇسۇلدا يۇيۇشى كېرەك؛ قاينىتىلمىغان سۇ ئىچمەسلىك، خام، سوغۇق، پاكىز بولمىغان، ۋاقتى ئۆتۈپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك. ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا ئائىلىدە ئارام ئېلىش، ئايرىۋېتىش، قۇسۇق، چىقىرىندىلارنى ئۆلچەملىك دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. قاچا-قۇچا، ئۈستەل يۈزى، ئىشىك تۇتقۇچى قاتارلىق كۆپ ئۇچرىشىدىغان ئورۇنلارنى قەرەللىك تازىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.
تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ، يېمەكلىكلەر ئاسانلا كۆكىرىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەم ئېلىش مەزگىلىدە سىرتتا مېۋە-كۆكتات ئۈزۈش، ئوپچە غىزالىنىش، كاۋاپ پىشۇرۇش، سوغۇق سەي يېيىش قاتارلىقلارنىڭ قېتىم سانى كۆپىيىپ، يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىلگە كىرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر يېمەكلىك سېتىۋالغاندا مۇنتىزىم سودا سارايلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىنى تاللاش، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، ئۈچ يوق يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالماسلىق، زەھەرلىك ياۋا موگۇ، نامەلۇم ياۋا كۆكتاتلارنى ئۈزمەسلىك، ئىستېمال قىلماسلىق تەكلىپىنى بەردى. يېمەكلىكلەرنىڭ خام-پىشىشىقىنى ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش، ئايرىپ ساقلاش، گۆش، تۇخۇم، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى تولۇق پىشۇرۇش كېرەك. پىششىق يېمەكلىكلەرنى نورمال تېمپېراتۇرىدا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ساقلىماسلىق، ئېشىپ قالغان تاماقلارنى ۋاقتىدا سوغۇق ساقلاش، قايتا يېگەندە چوقۇم تولۇق قىزدۇرۇش كېرەك. سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە تازىلىق سالاھىيىتى تولۇق بولغان يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرىنى تاللاش، خام، سوغۇق سەي ۋە كىنىشكىسىز تىجارەت قىلۋاتقانلارنىڭ كوچا بويىدىكى ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنى ئاز يېيىش كېرەك.
نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى جەھەتتە، 5-ئايدا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ بولغاچقا، تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى يەنىلا بەلگىلىك تارقىلىش ئاكتىپلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ. سودا ساراي، مېترو، دوختۇرخانا قاتارلىق سورۇنلارغا بارغاندا ماسكا تاقاش تەكلىپى بېرىلىدۇ. خىزمەت ۋە ئارام ئېلىش قانۇنىيەتلىك بولۇش، مۇۋاپىق تەنھەرىكەت قىلىش، تېمپېراتۇرىغا ئاساسەن كىيىم-كېچەكلەرنى كۆپەيتىش-ئازايتىش، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھەر كۈنى دېرىزىنى ئېچىپ 3-2 قېتىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن كەم بولماسلىق كېرەك. قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق تارقىلىشچان زۇكام ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش، ئۆيدە دەم ئېلىش، كېسەل ھالەتتە ئىشقا بارماسلىق، مەكتەپكە بارماسلىق كېرەك.
سۇ چېچىكى يۇقۇمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، بوۋاقلار، بالىلار، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملەش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋاسىتىسى بولۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك. سۇ چېچىكى تارقالغان مەزگىلدە، بالىلارنىڭ ئادەم كۆپ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىشىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك؛ يەسلى، مەكتەپلەر ئەتىگەنلىك ۋە چۈشلۈك تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، كېسەللىك مىسالى بايقالسا ۋاقتىدا ئايرىۋېتىش كېرەك. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنى پۈتۈن مۇساپىلىك ئائىلىدە ئايرىپ، قاپارتما پۈتۈنلەي قاقاچ تۇتۇپ چۈشۈپ كەتكۈچە ئايرىۋېتىش، بۇ مەزگىلدە تاتىلاشتىن ساقلىنىش كېرەك. بالىلار ئويۇنچۇقى، كىيىم-كېچەك، يوتقان-كۆرپىلەرنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.
ھاشارات ۋاسىتىسى بىلەن يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارىتا، سىرتتا ھەرىكەت قىلغاندا ئىمكانقەدەر سۇس رەڭلىك ئۇزۇن يەڭلىك كىيىم كىيىش، يالىڭاچ تېرىگە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھاشارات يوقىتىش دورىسى سۈركەش، ئوتلاق، ئورمان قاتارلىق ھاشارات ۋاسىتىسى زىچ توپلاشقان جايلاردا ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. سالجا قۇرت چېقىۋالغاندىن كېيىن، كۈچەپ تارتماسلىق، قۇرت تېنىنى يېنىك ئېلىۋېتىش ھەم چېقىۋالغان ئورۇننى دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئەگەر داۋاملىق قىزىش، قىزىرىپ ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
مەنبە\ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
مۇخبىر\ نازاكەت قېيۇم
ئىختىيارىي مۇخبىر\چېن ۋېنلياڭ
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






