تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى

بىزنىڭ بايرىمىمىز . 1-ماي | تىيانشاندا زەپەر مارشىنى ياڭرىتىش

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

    «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەيىن شامال چىقىپ، قۇياش پارلاپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، ھەر يەر-ھەر يەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار تاغ-دەريالاردىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، گۈزەل شىنجاڭنىڭ جەلپكارلىقىنى قانغۇچە ھېس قىلدى. مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرى سىجىل جانلىنىپ، قىزغىن دولقۇن كۆتۈرۈلدى.

    قارلىق تاغلار ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، كۆللەر كۆپكۆك ئىدى، ئوتلاقلار يېڭىدىن كۆكىرىپ، تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. ساياھەتچىلەر قالتىس گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەر ئىچىدە سەيلە قىلىپ، چەكسىز كەتكەن ئاسمان ئاستىدىكى بىپايانلىقنى ھېس قىلدى. ئارتىسلار لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى، ناخشا ساداسى يىراقلارغا تارقالدى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى كاتتا بېزىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى، قەدىمىي يىپەك يولى ئىزنالىرى نۇر دەستىلىرىنىڭ گىرەلىشىشىدە يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. شەھەر-يېزىلار چىراغ نۇرىدا چاقناپ، قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، كۈلكە سادالىرىغا كىشىلەر قەلبىنى ھەممىدىن بەك ئىللىتىدىغان تۇرمۇش پۇرىقى مۇجەسسەملەنگەنىدى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولۇپ، كىشىلەر قەدەملىرىنى توختىتىپ مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىپ، چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان تەبەسسۇمى بىلەن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-ساياھىتىنى ئالقىشلىدى.

    ئارامبەخىش دەم ئېلىش كۈنلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ بايرىمى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭلىقلارنىڭ خۇشاللىقى. كىشىلەر بەس-بەستە ئۆيلىرىدىن چىقىپ، پىيادە مېڭىش، ھۆسنخەت مۇسابىقىسى قاتارلىق مول، رەڭدار مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، كەڭ تەبىئەتتىن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئازادىلىكنى ھېس قىلىپ، دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرغان سىياھنىڭ خۇش ھىدىدىن مەنىۋى ئوزۇق ئېلىپ، بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى بەخىرامانلىق ۋە ئازادىلىكتىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى.

    «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلى كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە تاغ-دەريالار بىلەن بولغان بىر مەيدان چوڭقۇر ھېسسىياتلىق سۆھبىتى، «ئارزۇدىكىدەك جاي» مۇكەممەل مۇجەسسەملەنگەن بىر گۈزەل مەنزىرە. كىشىلەر سۈرەتتەك گۈزەل تاغ-دەريا مەنزىرىلىرىگە مەپتۇن بولۇپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقنىڭ چەكسىز گۈزەللىكىنى ھېس قىلماقتا، شۇنداقلا بۇ تۇپراقتا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان، توختىماي مەۋج ئۇرۇۋاتقان ھاياتىي كۈچنى ھېس قىلماقتا.

5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ساياھەتچىلەر خوتەن شەھىرىنىڭ تۇەنچېڭ مەنزىرە رايونىدىكى شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىدا ئويۇن كۆرمەكتە، ئېسىل نومۇرلار كۆپچىلىكنى بەس-بەستە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى.

شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 1-كۈنى، «تىڭجوۋدا قەلەم تەۋرىتىپ   كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىش» تېمىسىدىكى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 2-نۆۋەتلىك نەق مەيداندا ھۆسىنخەت ئۈلگىسى بويىچە موي قەلەم بىلەن خەت يېزىش  مۇسابىقىسى ۋە ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى سانجى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئوقۇغۇچىلار بىر بىخۇا-بىر بىخۇادىن خەتتاتلىق ماھارىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى.

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 1-كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك «تەكلىماكان قۇملۇقى . فاشيەن يولىدا قايتا مېڭىش» پىيادە مېڭىش پائالىيىتى يۈلۇڭۋەن قۇملۇق شادلىق باغچىسى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، شۇ جايدىكى نەچچە يۈز ئامما ۋە ساياھەتچىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

5-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى خامبازار كەچلىك بازىرىدا سەيلە قىلماقتا. «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ، كەچلىك بازارنى ئايلىنىپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى گۈزەل چاغلارنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى.

ئادىلجان ئابدۇقادىر فوتوسى

5-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك بېلىق تۇتۇش يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ بېلىق تۇتۇش خۇشاللىقىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ساياھەتچىلەر كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونىدىكى تيەنجيې سۇپىسىدا گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلماقتا.

جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ساياھەتچىلەر بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلى بويىدا كۈن پېتىش گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتا.

ئارداق بېيىسقان فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.