تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆيگە قايتقۇسى كېلىشتىن سېختا قالتىس كىشىلىك ھايات يارىتىشقىچە

ئالىمجان مەسۇم:

ئۆيگە قايتقۇسى كېلىشتىن سېختا قالتىس كىشىلىك ھايات يارىتىشقىچە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى

«ئوغۇل بالا بولغان ئىكەنسەن، چوقۇم ئىشنى ياخشى قىلىشىڭ كېرەك.» چىرا ناھىيەسىدىكى يىگىت ئالىمجان مەسۇم دادىسىنىڭ بۇ سۆزىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇمايدۇ.

ئەينى يىلى خىزمەت مۇھىتىغا ماسلىشالماي، دائىم ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلېفون قىلىپ ئۆيگە قايتقۇسى بارلىقىنى ئېيتىشتىن بۈگۈنكى كۈندە خەلق سارىيىغا كىرىپ تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇشقىچە − ئالىمجاننىڭ كۈرەش ھېكايىسىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سېنارىيە يوق، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ قەتئىي بوشاشماي تىرىشىشىغا تاياندى.

2009 - يىلى، چىرا ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئالىمجان يۇرتى نۇرى يېزىسى سۈلى كەنتىدىن ئايرىلىپ، يىراقتىكى شەندۇڭ ۋېيفاڭدىكى تەيخۇڭ تىراكتور چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ ئىشلىدى.

نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شەندۇڭغا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلىدە، ناتونۇش مۇھىت، چۈشىنەلمەيدىغان شېۋە، ئوخشاش بولمىغان يېمەك - ئىچمەك ئادىتى قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەر تۇنجى قېتىم يىراق سەپەرگە چىققان ئالىمجاننى تەشۋىشكە سالدى، يۇرتىنى سېغىنىش ھېسسىياتى بارغانسېرى كۈچەيدى.

«زاۋۇتقا يېڭى كىرگەندە، سېختىكى مۇرەككەپ قۇراشتۇرۇش ھۈنەر - سەنئىتى، تېخنىكا چېرتيوژىنى دېمەيلا قوياي، ھەتتا ئەڭ ئاساسلىق بولغان ھەرىكەتچان سىركۇلنىمۇ بىلمەيتتىم.» 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، شەندۇڭغا يېڭى كەلگەن ئاشۇ كۈنلەرنى ئەسلىگىنىدە ئالىمجان ھاياجان بىلەن شۇنداق دېدى. يېزىدىن يېڭى چىققاندا ئۇنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئاساسى يوق بولغاچقا، ماشىنىلار گۈرۈلدەپ تۇرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش سېخى، نازۇك يېزا ئىگىلىك ماشىنا زاپچاسلىرى ۋە مۇرەككەپ مەشغۇلات تەرتىپى ئالدىدا بىرمەھەل نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغانىدى.

«ئۆينى بەك سېغىنغانىدىم، دائىم دادامغا تېلېفون قىلىپ ئۆيگە قايتقۇم كەلگەنلىكىنى ئېيتاتتىم» دېدى ئالىمجان.

بىراق تېلېفوننىڭ ئۇ تەرىپىدە، ئوغلىنىڭ مىجەزىنى ياخشى بىلىدىغان دادىسى كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلمىدى، ئوغلىنىڭ رايىغا تېخىمۇ باقمىدى، پەقەت ئوغلىنى قايتا - قايتا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا: «ئوغۇل بالا بولغان ئىكەنسەن، چوقۇم ئىشنى ياخشى قىلىشىڭ كېرەك. ئەركەك دېگەن بىرەر ئىشقا يولۇقسىلا كەينىگە يانسا، يېرىم يولدا توختاپ قالسا بولمايدۇ، بولمىسا كېيىن ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ» دەپ تەكرار تاپىلىدى.

دادىسىنىڭ ئاددىي - ساددا سۆزلىرى ئالىمجاننىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى. «ئەينى چاغدا شەندۇڭغا بېرىشتا ئۆزۈم چىڭ تۇرۇۋالغانىدىم، ھېچ ئىش قىلالماي قايتىپ كەتسەم، ئۆزۈممۇ خىجىل بولاتتىم» دېدى ئالىمجان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەتئىي قارارغا كېلىپ چوقۇم نەتىجە يارىتىشقا بەل باغلىدى.

يېزىدا تۇغۇلۇپ، ئېتىزدا چوڭ بولغان ئالىمجاننىڭ قەلبىدە يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان، قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان غەيرەت - شىجائەت بار ئىدى. قۇراشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى تېزدىن تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شۇ مەزگىلدە ئۇ پېشقەدەم ئۇستازىنىڭ ئەڭ سادىق ئەگەشكۈچىسىگە ئايلاندى. سېختا، ئۇستازى قەيەرگە بارسا ئۇمۇ شۇ يەرگە بېرىپ، ئۇستازىنىڭ مەشغۇلاتىنى كۆردى، ماھارەت سورىدى، تەسىراتىنى خاتىرىلىدى.

ماشىنىلار گۈرۈلدەۋاتقان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئالىمجان قايتا - قايتا قول سېلىپ ئەمەلىي مەشغۇلات قىلدى، قايتا - قايتا تەڭشىدى؛ كىتاب ئۈستىلى ئالدىدا ماشىنىسازلىق چېرتيوژىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلدى، ئۈسكۈنە پارامېتىرلىرىنى پىششىق ئەستە ساقلىدى، قۇراشتۇرۇش تەرتىپىنى رەتلىدى، ھەربىر تېخنىكىلىق قىيىن نۇقتىنى ئاستا - ئاستا ھەل قىلىپ، ھەربىر مەشغۇلات تەپسىلاتى ئۈستىدە قايتا - قايتا ئىزدەندى.

ۋېيفاڭدىكى تەيخۇڭ تىراكتور چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخ مۇدىرى چېن چاۋ مۇنداق دېدى: بۇ خىل قەتئىي چىدامچانلىققا تايىنىپ، ئالىمجان شاگىرتلىق مەزگىلىدىكى تەجرىبىسىزلىكنى تېزلا تۈگىتىپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يادرولۇق قۇراشتۇرۇش ھۈنەر - سەنئىتىنى تەدرىجىي ئۆزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق مەشغۇلات ماھارىتىنى پىششىق ئىگىلەپ، سېختا كەم بولسا بولمايدىغان تېخنىكا تايانچىغا ئايلاندى.

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياساش كەسپىدە كۆپ يىل چوڭقۇر ئىزدەنگەن ئالىمجان رايون پەرقىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلاتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ھېس قىلدى. «ئادەم ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ھەممىسىدە سۇ، تۇپراققا ماسلىشالماسلىق كۆرۈلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان يەر شەكلى، كىلىمات شارائىتىدا، ھەممىباب يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى شۇ جاينىڭ ئېتىز تېرىقچىلىق ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش ناھايىتى تەس» دېدى ئۇ.

شۇڭا، ئۇ ئېتىز يەر شەكلى ئالاھىدىلىكى بىلەن دېھقانلارنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە مەھسۇلاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇردى. كۆپ قېتىم سىناق قىلىش - تەڭشەپ سىناش، ئەلالاشتۇرۇپ ياخشىلاش ئارقىلىق، كۆپ تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى قىيىن مەسىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلدى.

مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر دېھقان ئىشلەمچى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، 2025 - يىللىق «شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەمگەكچى»... ھەربىر شان - شەرەپ ئالىمجاننىڭ ئىزچىل كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىش، ئۆز قىممىتىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتى بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.» ئالىمجان مۇنداق دېدى: «مەن داۋاملىق ئەمگىكىم ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قالتىس كىشىلىك ھاياتىنى پۈتۈپ چىقىمەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.