تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاندا تەر تۆكۈپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، كاڭ خاۋيەن

«1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانلىرىدا يەنىلا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى، مۇنارسىمان كىرانلار قەد كۆتۈرۈپ، ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، توشۇش ئاپتوموبىللىرى ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، قۇرۇلۇشچىلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىلاردا ئاتاكىغا ئۆتتى، ھەممىلا جايدا ئەمەلىي ئىشلەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قىزغىن دولقۇنى مەۋج ئۇردى.

5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ قومۇل - تۇيۇق بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ 9 - بۆلىكى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قومۇل - تۇيۇق 9 - بۆلىكى» دېيىلدى) قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا ئاسفالت ياتقۇزۇش مەشغۇلاتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى، 400دىن ئارتۇق قۇرۇلۇشچى بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قاتناش باشلاش نىشانىغا قاراپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ، بىپايان چۆل - باياۋاندا غەيرەت بىلەن ئىشلەپ تېز ئىلگىرىلەشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى.

قومۇل - تۇيۇق 9 - بۆلىكى يۈز چاقىرىملىق شامال رايونىنىڭ يادرولۇق بەلبېغىغا جايلاشقان، يىل بويى بوران چىقىپ تۇرىدۇ، مۇھىتى ناچار بولۇپ، پۈتۈن لىنىيەدىكى مۇھىم ھەم قۇرۇلۇش قىلىش قىيىن بولغان بۆلەك ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قۇرۇلۇش تۈر بۆلۈمى بايلىقنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تەقسىملەپ، قۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، سۈرئەتنى تىرىشىپ چىڭ تۇتتى. «بارلىق خادىملار 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئاساسىي لىنىيەدە قاتناش باشلاش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ تىرىشىپ ئىشلىدى، نۆۋەتتە تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي سۈرئىتى %90تىن ئېشىپ، ئىشنى تاماملاش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىغا كىردى، ئاسفالتنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىنى يېيىتىش ھەم قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش خىزمىتى تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى 1 - ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى قومۇل - تۇيۇق 9 - بۆلەك تۈرىنىڭ مەسئۇلى ليۇ شيەنجۈن.

كەپشەرلەشتىن چىققان ئۇچقۇنلار چاچرايتتى، ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، 68 ئۈسكۈنە يۇقىرى ئۈنۈمدە ئايلىنىۋاتاتتى، 400دىن ئارتۇق قۇرۇلۇشچى بىرىنچى سەپتە تىرىشىپ ئىشلەۋاتاتتى، شىخەنزە يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولغانىدى. «بىز <بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش، سۈرئەتكە كاپالەتلىك قىلىش>تىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، <كۈندىلىك تەكشۈرۈش، ھەپتىلىك بىرلەشمە تەكشۈرۈش، مەخسۇس نازارەت قىلىش> مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تۈگۈن نۇقتىسىنى تەتۈر ساناق بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، نىشانلىق جەڭ قىلىپ، ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىلارنىڭ ئۆز قەرەلىدە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.» جۇڭگو تۆمۈريولى 14 - ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى شىخەنزە يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ تۈر مەسئۇلى لۇ شىنلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە تۈر تاماملىنىش باسقۇچىغا كىردى، 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇرۇن ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ سىناشنى تاماملاپ، مەيدان - سارايلارنىڭ «ئېچىلىش بىلەنلا مۇقىم بولۇش، تۇنجى كۆرگەزمىدە جەزمەن غەلىبە قىلىش»قا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىمىز.

جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇ - مارالبېشى بۆلىكىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئاقسۇ - مارالبېشى تۈرى» دېيىلدى) نەق مەيدانىدا، تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، قۇرۇلۇشچىلار غەيرەتكە كېلىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى ئالغا سىلجىتتى.

«چارباغ شەرقى، بىر ئېغىز ئۆي شەرقى، كەلپىن شەرقى، ئاچالدىن ئىبارەت تۆت بېكەتتە ماس قەدەمدە ئىش باشلاندى، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قۇرۇلۇش قىلىش ۋەزىپىسى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، مەركەزلىك قاتناش باشلاش نۇقتىسىغا پۇختا ئاساس سېلىۋاتىمىز» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى 15 - ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى ئاقسۇ - مارالبېشى تۈرى S2 بۆلەك تۈر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى نىڭ لىچۈن.

ئالتۇنتاغنىڭ ئىچكىرىسىدە، چاقىلىق − بۆكەن (خۇاتۇگوۋ شەرقى) 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەۋاتاتتى، مەشغۇلاتچىلار تۆمۈر مۇنارنىڭ ئۇلىنى قېزىش ۋە بېتون قۇيۇش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇرۇۋاتاتتى.

«چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ تاغلىق رايونغا كىرىشى تەس، بىز 121 سىيرىلما ئارقان تارتىپ، 22 مىڭ 700 كۇب مېتىر بېتون خام ماتېرىيالىنى توشۇپ، ئادەم كۈچى مەشغۇلاتى بىلەن ماشىنا مەشغۇلاتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق.» دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆبە شىركىتى 1 - تۈر باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تۈر باشقۇرۇش - تىزگىنلەش مەخسۇس مەسئۇلى ۋۇ شىپىڭ مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە، 5 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قۇرۇلۇش تۆمۈر مۇنارنى قاتار تىكلەش باسقۇچىغا كىرىدۇ، يىل ئىچىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

بۇ توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى ئۈچىنچى ئۆزگىرىشچان توك يولى بولۇپ، شىنجاڭدا قۇرۇلغان چاقىلىق 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن باشلىنىپ، قۇرۇلۇۋاتقان چىمەن 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن ئۆتۈپ، چىڭخەينىڭ ماڭيا شەھىرىدە قۇرۇلغان بۆكەن 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدا ئاخىرلىشىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 723.68 كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ بۆلىكى تەخمىنەن 486.73 كىلومېتىر، يېڭىدىن 1054 تۆمۈر مۇنار ئۇلى قۇرۇلدى.

كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى يۇرۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدىكى 90 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق توسما مەشغۇلات يۈزىدە، توشۇش ئاپتوموبىللىرى گىرانت تاشنى پارتلىتىپ پارچىلانغان ماتېرىياللارنى تەكشى يېيىتىۋاتاتتى، چىڭداش ئۈسكۈنىلىرى ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈشۈپ، «تەگلىك»نى چىڭداۋاتاتتى، قۇرۇلۇشچىلار توسمىنى تىندۇرۇش ۋە بېتون قۇيۇش خىزمىتىنى نىشانلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋاتاتتى.

«تۈر ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىدا توپا - تاش قېزىش، تىرەك قويۇش تاماملاندى، توسما 114 مېتىر تىندۇرۇلۇپ، لايىھەدىكى مىقدارنىڭ %49ى ئورۇندالدى.» شىنجاڭ گېجوۋبا يۇرۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى سۈي ئەنجې مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆپ يەر تەۋرەش رايونى، ئېگىز توسما، ئېگىز يانتۇلۇق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولۇش، سۇ ئامبىرىنىڭ چۈشۈش چوڭقۇرلۇقى چوڭ بولۇش، دەريا ۋادىسى تار بولۇش، لاي - لاتقا كۆپ بولۇش قاتارلىق خىرىسلارنى يېڭىش ئۈچۈن، تۈر كوللېكتىپى كۆپ خىل يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى قوللىنىپ، قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكى ۋە سۈپىتىگە ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل توسمىنى تىندۇرۇش ئېگىزلىكى 188 مېتىرغا يېتىدۇ، كېلەر يىلى 9 - ئايدا چۈشۈرگىنى چۈشۈرۈپ سۇ ساقلاش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، 2028 - يىلى 6 - ئايدا تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى توك چىقىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.