1 - پەسىلدە شىنجاڭ تاشقى سودىسىدا مۇقىم بولۇش ئاساسىدا سۈپەت ئۆستۈرۈلدى
يوللار راۋانلاشتى، 100 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلدىن يەنە ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي
ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 111 مىليارد 680 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.4 ئېشىپ، 2025 - يىلى 1 - پەسىلدە تۇنجى قېتىم 100 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتكەندىن كېيىن يەنە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
مەملىكەت بويىچە تاشقى سودا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، يول، رايون ئورنى ۋە سىياسەت گىرەلەشمە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ يۈرۈشۈشىدە كۆلەم مۇقىملىشىش، قۇرۇلما ئەلالىشىش، بازار كېڭىيىش، كەسىپ ھالىتى كۈچىيىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولدى.
رايونلار كۆپ نۇقتىدىن كۈچىدى
پورت يولىنىڭ ئۈنۈمى سىجىل جارى قىلدۇرۇلدى
رايونلار ماسلىشىش ۋە پورت ئۈنۈمى ئېشىش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى يادرولۇق تىرەك.
4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، كۆكدالا جىنخەي بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئامبىرىدا غۇلجا تاموژنىسىنىڭ تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشىدىن ئۆتكەن بىر تۈركۈم بىيويەم - خەشەك خۇرۇجى تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ، جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق خەلقئارا بازارلارغا ئەۋەتىلدى.
غۇلجا تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، تەۋەلىكتىن جەمئىي 239 تۈركۈم قېتىم، 5808.39 توننا، مال قىممىتى 94 مىليون 350 مىڭ 800 يۈەن بولغان بىيوياسالمىلار ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم 1.01 ھەسسە، 1.05 ھەسسە، %81.5 ئېشىپ، ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەۋەلىكتىكى خاس تاشقى سودا مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.
پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدىن قارىغاندا، تاشقى سودىنىڭ رايونلار بويىچە بۆلۈنۈش، ئۆزئارا تولۇقلاش ۋەزىيىتى بارغانسېرى روشەن بولدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى ئەنئەنىۋى تاشقى سودا يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1 - پەسىلدە، ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم - ئايرىم %27.7، %0.9 ئېشىپ، تاشقى سودا ئاساسىي ھالىتىنى پۇختا مۇقىملاشتۇردى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى كەسىپ تاشقى سودىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۈچىشىگە تايىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا كۆپەيمە مىقدارىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچلۇق كۈچكە ئايلاندى.
پورت تاشقى سودىنىڭ «دەرۋازىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى تاشقى سودىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. 1 - پەسىلدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى قۇرۇقلۇق يولى پورتلىرى، ئاۋىياتسىيە پورتلىرىنىڭ يول ئۈنۈمى سىجىل جارى قىلدۇرۇلدى.
قورغاس تاشيول پورتى جۇڭگو - قازاقىستان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى»نى ئېچىپ، 24×7 سائەت ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقىت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، قورغاس پورتى ئارقىلىق جەمئىي ئېكسپورت قىلغان مېۋە - كۆكتات 230 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.5 ئاشقان، مەھسۇلات تۈرى ئەنئەنىۋى مېۋە مەھسۇلاتىدىن ئون نەچچە خىل پەسىللىك كۆكتات - مېۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەھسۇلات تۈرىگە كېڭىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستېمال بازىرىدا بازار تاپقان.
«ئالدىن زاكاز قوبۇل قىلىش، ئالدىن تەكشۈرۈش، ئالدىن ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسى يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خورىشىنى بىۋاسىتە تۆۋەنلەتتى.» قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈ خۇەن مۇنداق دېدى: يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىسلاھاتى كارخانىنىڭ مېۋە - كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنىڭ خوراش نىسبىتىنى %5تىن %1.5تىن تۆۋەنگە چۈشۈردى، شىركەتنىڭ زاكازلىرى 6 - ئايغىچە تىزىلىپ، ئېكسپورتنىڭ مۇقىملىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.
ھاۋا يولىدا سۈرئەت ماس قەدەمدە تېزلىتىلىپ، تاشقى سودا تەرەققىياتىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشتى. ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بىر يىلدىن بۇيان، ئاقىللاشقان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتى، 1 - پەسىلدە، ئايروپورت تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرغان چېگرادىن كىرگەن - چىققانلار 249 مىڭ ئادەم قېتىم، خەلقئارا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانى 1928 نۆۋەت قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %57.7، %37.8 ئاشتى.
«تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپى ئاددىيلىشىپ، ساقلاش ۋاقتى قىسقىراپ، سودا ئىشلىرى بويىچە سەپەرگە چىقىش ۋە يۈك تىرانسپورت ئۈنۈمى بىردەك ھەقىقىي ئۆسۈپتۇ.» قازاقىستانلىق سودىگەر مۇرات زاكىيېفنىڭ بىۋاسىتە تەسىراتى شىنجاڭدىكى ئىستېرېئولۇق پورتلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سىستېمىسىنىڭ سىجىل مۇكەممەللەشكەنلىكىنىڭ جانلىق تەسۋىرى.
سودا قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلدى
تاۋار بىلەن كەسىپ ھالىتى بازار ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇلدى
4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، تايكېشكېن پورتى يۈك تىرانسپورت يولىدا، بېلارۇسىيەنىڭ توڭلىتىلغان كالا گۆشى لىق قاچىلانغان بىر سوغۇق زەنجىرلىك يۈك ئاپتوموبىلى ئون كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 5800 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، چېگرادىن ئوڭۇشلۇق كىردى. ئالتاي تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1 - پەسىلدە، تايكېشكېن پورتىدىن جەمئىي ئىمپورت قىلىنغان بېلارۇسىيەنىڭ كالا گۆشى تاۋار سوممىسى 5 مىليون 40 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، چېگرا تاشقى سودىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالغان.
«ھازىر بازارنىڭ كالا گۆشى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىكلەرگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ، ھالبۇكى، بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمى ۋە سۈپەتكە بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى. ئىلگىرى بىز تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنىڭ مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭىلىق دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئىزچىل ئەنسىرەپ كەلگەنىدۇق، ئالتاي تاموژنىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىپ، بىزنىڭ بۇ ئىمپورت لىنىيەسىنى راۋانلاشتۇرۇشىمىزنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى» دەپ بىلدۈردى ئالاتاۋ سىلۇ بىرلەشمە سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپىي ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى سى يەنئې.
تاۋار قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، 1 - پەسىلدە، شىنجاڭ تاشقى سودىسى كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە قوش يۆنىلىشلىك تەمىنلەش - ئېھتىياج ئالاھىدىلىكىگە دەل جايىدا ماسلاشقان. ئېكسپورت جەھەتتە، ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %40.1كە يېتىپ، بىرىنچى چوڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى تۈرى بولۇش ئورنىدا مۇقىم تۇرغان؛ پولات ماتېرىياللىرىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %70 ئاشقان، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.9 ئاشقان. ئىمپورت جەھەتتە، دىققەت بايلىق كاپالىتى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئىستېمالىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، مېتال رۇدىسى ھەم رۇدا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتى ئايرىم - ئايرىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %83.7، %80.9 ئاشقان.
سودا شەكلىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىپ يېڭىلىنىشى شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. 1 - پەسىلدە، ئادەتتىكى سودا يەنىلا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 ئېشىپ، تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %55.6ىنى ئىگىلىدى؛ پىششىقلاش سودىسى، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى گەۋدىلىك بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %428.1، %17.9 ئېشىپ، تاشقى سودىنىڭ ئېشىشىدىكى «يېڭى موتور»غا ئايلاندى؛ چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى ئارقىلىق قىلىنغان ئىمپورت، بازاردىن سېتىۋېلىش ئېكسپورتى، تاشقى ھۆددە قۇرۇلۇشىدىكى مال ئېكسپورتى قاتارلىق كىچىك دائىرىلىك كەسىپ ھالىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆزنى قاماشتۇرۇپ، ئايرىم - ئايرىم %97.1، %57.5، %239.2كە يېتىپ، شىنجاڭ تاشقى سودا ئەندىزىسىنىڭ يەككە ئەنئەنىۋى چېگرا سودىسىدىن كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى تەڭ تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ئەندىزىگە ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.
شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى خەلقئارا ئىقتىساد - سودا شۆيۈەننىڭ پىروفېسسورى جاۋ چىڭسۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تاۋار قۇرۇلمىسى دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، سودا شەكلىنىڭ كۆپ خىللىشىشى شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ مۇقىم ئېشىشىدىكى يادرولۇق تىرەك. ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىنجاڭ ھەم ئەنئەنىۋى كۆپ مىقدارلىق تاۋار ئىمپورت - ئېكسپورت ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇردى، ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېشىل مەھسۇلات قاتارلىق ئېكسپورتنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى تەدرىجىي يېتىلدۈردى، بۇ خىل قۇرۇلمىلىق تەڭشەش سىجىللىققا ئىگە بولۇپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۇزاققىچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كۆپ خىللاشقان بازار چوڭقۇر كېڭەيتىلدى
سىياسەت ئارقىلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ماسلاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى
بازار ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ كۆپ خىللىشىشى شىنجاڭ تاشقى سودىسىدا مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. 1 - پەسىلدە، شىنجاڭ تاشقى سودىسى يەككە بازارغا تايىنىشتىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ، «ئوتتۇرا ئاسىيانى يادرو قىلغان، RCEPنى كۆپەيمە مىقدار قىلغان، كۆپ رايون تولۇقلايدىغان» ئەمەلىي ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %52.7كە يېتىپ، يادرولۇق سودا ھەمراھىلىق ئورنى ئۇزاققىچە مۇستەھكەم بولدى؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت %30.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت سىرتىدىكى ئاساسلىق بازارلاردا يېتەكچى ئورۇندا تۇردى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %87.8كە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى يادرولۇق تۈگۈن بولۇش رولىنى نامايان قىلدى.
سىياسەت ئارقىلىق كۈچ قوشۇش بىلەن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى تاشقى سودا تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى.
غۇلجا تاموژنىسى بىيوياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى كىرىش ئىجازەت بوسۇغىسى يۇقىرى بولۇش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئىلتىماس قىلىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، مەخسۇس ياردەم بېرىش - يۆلەش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايغا نەپ يەتكۈزۈش، RCEP تاموژنا بېجى سىياسىتى يېتەكچىلىكىنى قانات يايدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ بىيويەم -خەشەك خۇرۇچى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق جايلارغا ئېكسپورت قىلىنىشىغا كۈچ قوشتى.
«چېگرا سىرتىدا تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرۇشتىن كۈندىلىك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشقىچە، تاموژنا پۈتۈن جەريانلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىمىزنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپ دۆلەت بازىرىنى ئېچىشىغا ياردەم بەردى» دەپ بىلدۈردى كۆكدالا جىنخەي بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.
چېگرا پورتلىرى يېڭى ھالەتكە تايىنىپ، تاشقى سودىدىكى يېڭى ئېشىش مىقدارىنى قازدى، تايكېشكېن، جېمىنەي قاتارلىق پورتلار TIR (خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت ئەھدىنامىسى)، چېگرا ھالقىپ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تاشقى سودىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. 1 - پەسىلدە، تايكېشكېن پورتىدىكى TIR ئارقىلىق چېگرادىن چىقىرىلغان ئاپتوموبىللار، مال قىممىتى ئايرىم - ئايرىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %133، %224 ئاشتى، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، نازۇك ئەسۋابلار ئەنئەنىۋى تۆۋەن قىممەتلىك تۈرلۈك ماللارنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ئېلىپ، ئېكسپورت قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى؛ جېمىنەي پورتىدا چېگرا ھالقىپ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان يولۇچىلار ئېقىمى زور دەرىجىدە ئېشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئېشىشىغا ماس قەدەمدە تۈرتكە بولۇپ، «يولۇچىلار ئېقىمى ئەشيا ئوبوروتىغا تۈرتكە بولۇش، ئەشيا ئوبوروتى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئوبيېكتىپ جەھەتتىن قارىغاندا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تاشقى سودا تەرەققىيات سەۋىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭدا يەنىلا روشەن كەمتۈكلۈك مەۋجۇت. جاۋ چىڭسۇڭ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ رايون ئورنى، بايلىق، پورت، سىياسەت، ئادىمىيەتتىن ئىبارەت بەش چوڭ ئاساسىي ئەۋزەللىكنى ھازىرلىغان، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، باجدىن خالىي پىششىقلاش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، مەملىكەت سىرتى ئامبىرى، بازاردىن سېتىۋېلىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ئەۋزەللىكىنى زورايتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى سىجىل تۆۋەنلىتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بولغان پەرقنى كىچىكلىتىش كېرەك.
ھازىر، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك پورتلار تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سوغۇق زەنجىرلىك ئېكسپورت قىلىش، بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلاتلارنى مۇقىم ئىمپورت قىلىشتىن يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق، بىيوكەسىپ، باجدىن خالىي پىششىقلاشقىچە بولغان كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى، شىنجاڭ تاشقى سودىسى نوقۇل ھالدا كۆلەم ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تايانمايدىغان بولدى، بەلكى قۇرۇلما، كەسىپ ھالىتى، مۇلازىمەت، بازارنىڭ ھەر تەرەپلىمە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كەسىپ ۋە سودا ئاساسىنى پۇختا قەدەم بىلەن مۇستەھكەملىمەكتە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئاتلانماقتا.






