—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلارنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
«سىلەرنىڭ ئۇلۇغۋار غايىنى قەلبكە پۈكۈپ، قەتئىي ئىرادە باغلاپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، كەڭ ياشلارنى شەخسىي ئىنتىلىشىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەپ، مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنۇڭلارغا قويۇپ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە ياشلىق كۈچۈڭلارنى قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» 4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالى ھەم يېڭى دەۋردىكى ياش ئاۋانگارتلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىنى رىغبەتلەندۈردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ياشلار گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەت يېتىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياشلىق باھارىمىزدا كۈرەش قىلىشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، تىرىشىپ دەۋر ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان ياشلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز.
ياشلىق باھارىمىز ئارقىلىق چېگرا رايوننىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدايمىز
«باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى بىزنى باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان بۇرغا» دېدى ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش چوڭ ئەترىتىنىڭ جېڭۋېيسى لى يۈنفېي ھاياجانلانغان ھالدا.
بۇلتۇر 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى، لى يۈنفېي تەلىيىگە سەمىمىي كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدى. «باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى مەن باشتىن - ئاخىر قەلبىمدە چىڭ ساقلايمەن.» ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: خەلقنى قوغداشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەۋپ - خەتەر ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان دەقىقىلەردە خەلققە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى جاپاغا چىداپ يېتىلدۈرۈپ، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ تۆھپە قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق چېگرا رايوننىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداشقا يېتەكلەپ، ئىسسىق قېنىم بىلەن «خەلق ئوت مۇداپىئەسى خەلق ئۈچۈن» دېگەن جاراڭلىق قەسەمنى ئەمەلدە كۆرسىتىمەن.
«باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ياش ئاۋانگارتلارنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقان، ئەمەلىي ۋە تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان بارلىق ياشلارغا بولغان ئىلھاملاندۇرۇش» دېدى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شى شىخەنزە شەھىرى گۇڭئەن ئىدارىسى شەھەر رايونى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى كامران ھاشىمجان چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا.
ياش قاتناش ساقچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ باشتىن - ئاخىر بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، يولنىڭ راۋانلىقىنى قوغداپ، ئاممىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سادىقلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ياشلارنىڭ بۇرچىنى ئىزاھلىدى، «تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەخسىي غايەمنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئىش ئورنۇمدا يىلتىز تارتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش - ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغداپ، ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارىم، كۈرەش قىلىش جاسارىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈمنى قوشىمەن.»
ياشلىق باھارىمىزنى مېھىرلىك تۇپراققا بېغىشلايمىز
«1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ سىنىپىدا، چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى يەن زېفېڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن دەرس تەييارلاۋاتاتتى، باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۇ چەكسىز ھاياجانلاندى.
بۇلتۇر، يەن زېفېڭ ۋە ئەترەت ئەزالىرى باش شۇجىغا خەت يېزىپ چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، 4 - ماي ياشلار بايرىمى ھارپىسىدا جاۋاب خەت تاپشۇرۇۋالدى، «ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرۇڭلار» دېگەن تاپشۇرۇقتىن ئۇ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى، ئىنتايىن ئىلھاملاندى. بۇ يىل 7 - ئايدا ئۇنىڭ مۇلازىمەت مۇددىتى توشاتتى، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن قېلىشنى قارار قىلىپ: «بىرنەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىش قىلىمەن. ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىنى چىڭ ساقلاپ، چېگرا رايوندىكى ئوقۇغۇچىلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن تەربىيەلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق <پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بار> دېگەن ياشلىق قەسىمىمنى ئەمەلدە كۆرسىتىمەن» دېدى.
غەربىي قىسىمغا بېرىش، ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىش. بۇ، غەربىي قىسىم پىلانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 600 مىڭغا يېقىن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن پىدائىيلارنىڭ بەرگەن جاۋابى.
بۇلتۇر، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدىكى داشۆ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى لى جياخۇا قەلبىگە ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى پۈكۈپ، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلار قوشۇنىغا قاتنىشىپ، غۇلجا ناھىيەسىگە كېلىپ خىزمەت قىلدى.
5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، توردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالى ھەم يېڭى دەۋردىكى ياش ئاۋانگارتلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە قايتۇرغان جاۋاب خېتىنى كۆرگەندە، ئۇ قاتتىق ھاياجانلاندى: «باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى ھەم ئىلھام، شۇنداقلا كۆرسەتمە، ياشلىق باھارىم ۋە تىرىشچانلىقىمنى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئۈمىدكە تولغان مېھىرلىك تۇپراققا بېغىشلاش مەن ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئىش. ئۈلگىلەردىن ئۆگىنىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا ئۆزىنى بېغىشلاش داۋامىدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈمنى قوشىمەن.»
ياشلىق باھارىمىز ئارقىلىق تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە كۈچ قوشىمىز
ۋەتىنىمىزنىڭ كەڭ زېمىنىنى قەدەملىرى بىلەن ئۆلچەپ، خەلقنىڭ ساداسىغا چىن قەلبى بىلەن ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئېتىز باشلىرىدىن زاۋۇت سېخلىرىغىچە، پەن - تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن چېگرا رايوننىڭ بىرىنچى سېپىگىچە، كەڭ ياشلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆكۈنمەس ياشلىق باھارىنى پۈتۈپ چىقتى.
چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدە گۈلدۈرلىگەن بۇرغىلاش ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتى نامىغا ئېرىشكەن جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى غەربىي قىسىم بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى بايىنغولىن ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتى 120001 - بۇرغىلاش ئەترىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە 1 - قۇدۇقنى بۇرغىلاپ تەكشۈرۈۋاتاتتى. باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئوتتۇرىچە يېشى 35 ياشقا يەتمەيدىغان بۇ ياشلار قوشۇنى زور ئىلھام ئالدى، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.
بۆسۈشكە، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان قۇدۇق بۇرغىلاش تۆمۈر قوشۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار ئىلگىرى ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇق لۇنتەن 1 - قۇدۇقى، ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر تۈز چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقى قاتارلىقلارنى قازغانىدى، بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ قەدىمىي بولغان يەر قاتلىمى جېندەن سىستېمىسىغا قاراپ بۇرغىلاپ، نېفىت - تەبىئىي گاز يېڭى بايقاشلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى بىزگە ئېغىر مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.» 120001 - بۇرغىلاش ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لىن نەن مۇنداق بىلدۈردى: نېفىت روھى، تۆمۈر ئادەم روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، چوڭقۇر يەر قاتلىمىنى چارلاش پەن - تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلەپ، تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، نېفىت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىمىزنى قوشىمىز.
كۇچا شەھىرى تارىم بازىرى تارىم كەنتىنىڭ ئاھالىسى زۇبەيدەم قۇربان بېيجىڭ تىل داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن چوڭ شەھەردە قېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىدىن قەتئىي ۋاز كېچىپ، كەنتكە قايتىپ يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا ئاتلاندى، نۆۋەتتە كەنت تەشۋىقات ھەيئىتى، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. «باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى ئەينى چاغدىكى تاللىشىمنى تېخىمۇ چىڭىتتى.» ئۇ مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە مۇشۇ يىللاردا ئۆزگىرىش ناھايىتى زور بولدى، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ، ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، يۇرتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، يۇرتداشلارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمەن.
(مۇخبىر لى جيانى، قاتناشقان مۇخبىرلار گو لىڭ، ۋاڭ نا، يۈ جياڭيەن، سۇڭ ۋېيگو، ئىختىيارىي مۇخبىر ئېرپانجان كېرىم)






