—— 2026 -يىلى ئەتىياز پەسلىدىكى جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى توغرىسىدا خاتىرە
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى
«زۇڭتۇڭ چابو ئەپەندى بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. سىزنىڭ جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىڭىزنى قارشى ئالىمەن، شۇنداقلا سىز باشلاپ كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ھەرقايسى مىنىستىرلارنى قارشى ئالىمەن. سىز زۇڭتۇڭ بولغاندىن بۇيان، موزامبىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مەن سىزنى تەبرىكلەيمەن.»
4 - ئايدىكى بېيجىڭنىڭ باھار مەنزىرىسى گۈزەل تۈسكە كىردى. 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل تۇنجى بولۇپ جۇڭگوغا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت باشلىقى − موزامبىك زۇڭتۇڭى چابونى قىزغىن قارشى ئالدى. بۇ، بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئالتىنچى چەت ئەللىك مېھمان.
بۇ باھاردا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر جۇڭگودا زىچ زىيارەتتە بولدى، رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت، ھەر ساھەدىكىلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، جۇڭگو ئالدىراشلىققا تولغان «دىپلوماتىيە پەسلى»نى كۈتۈۋالدى. زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىكى دۇنيا كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتقان جۇڭگو رولىغا گۇۋاھ بولۇۋاتقان بولۇپ، «شەرققە قاراش» ھەيۋەتلىك دەۋر ئېقىمىغا ئايلاندى.
ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇش... رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئۆزى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنيانى ئەڭ قىممەتلىك بولغان مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگونىڭ پۈتۈن دۇنيادا قالايمىقانچىلىق بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە تەڭداشسىز مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
(1)
2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە باش باھار. بېيجىڭدىكى ئىككى مەيدان دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيە پائالىيىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى − رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سىنلىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.
شۇ بىر كۈن ئىچىدە رۇسىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ رەھبىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇش جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدە ئاز ئۇچرايدىغان ئىش. بوران - چاپقۇنلۇق خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ئىجادىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى دۇنيا ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ يىل جۇڭگو − رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، «جۇڭگو − رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى؛ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئايرىم - ئايرىم ئاسىيا − تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ. باش باھاردىكى چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشتا بۇ يىللىق چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن رول تۇتۇپ يول باشلاش مەقسەت قىلىنغان.
يىل بېشىدىن بۇيان، خەلقئارادىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى كېلىشىۋالغاندەكلا بۇ يىلدىكى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىراشچىلىق ۋە نەتىجىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلدى. ئامېرىكا «فوربېس» ژۇرنىلى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ھەر كۈنى دېگۈدەك قىزىل پايانداز سېلىپ، تېخىمۇ مۇقىم بولغان تەرەققىيات مۇھىتى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئاشۇ چەت ئەللىك سىياسىي ئەربابلارنى كۈتۈۋالدى.
1 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، كورېيە زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭ جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، جۇڭگو - كورېيە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭلا دېگۈدەك، 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، ئىرېلاندىيە زۇڭلىسى مارتىن جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولدى، بۇ، ئىرېلاندىيە زۇڭلىسىنىڭ ئارىدىن 14 يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا كېلىشى؛ شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە، كانادا زۇڭلىسى كارنېي، فىنلاندىيە زۇڭلىسى ئوربو، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېر، ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى ئولسىمۇ ئارقا - ئارقىدىن كەلدى...
«<1 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن بۇرۇن ھەممىسى بايرام>. سىزنىڭ جۇڭگولۇقلار باھار بايرىمى ئۆتكۈزگەن مەزگىلدە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىڭىز خۇددى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەرنى يوقلىغانغا ئوخشايدۇ، بۇ، جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى» دېدى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېرز بىلەن كۆرۈشكەندە.
يېڭى يىلدىن باھار بايرىمىغىچە، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن غەرب دۆلەتلىرى، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىگىچە، بېيجىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان «جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش دولقۇنى»نى ئارقا - ئارقىدىن كۈتۈۋالدى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن كېيىن، تۈركمەنىستان، ئىسپانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، رۇسىيە، ۋيېتنام، موزامبىك... كۆپ دۆلەتتىكى سىياسىي ئەربابلار جۇڭگوغا زىچ كەلدى، باھاردا جۇڭگو دىپلوماتىيەسى يۇقىرى پەللىگە چىقتى.
«2023 - يىلى سىز تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا كەلگەندە، مەن سىزگە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىگە ئىگە جۇڭگو - ئىسپانىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدىم، بىز شۇنداق قىلالىدۇق. ئۈچ يىلدىن بۇيان، گەرچە خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو - ئىسپانىيە مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە مۇقىملىق قوشتى.» 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، تۆت يىلدا تۆت قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى تەرەپنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئالاقىسىنى ئەسلەپ، جۇڭگو - ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن يول كۆرسەتتى، يول باشلىدى.
ئۇرۇق - تۇغقان، قوشنا - قولۇملار بىر - بىرىنىڭ ئىناق، بەختلىك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. قارشى ئېلىش مۇراسىمى، سۆھبەت، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى، بىرلىكتە جۇڭگو - ۋيېتنام ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈش، قارشى ئېلىش زىياپىتى، سەمىمىي خوشلىشىش... 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن بىلەن ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇزاق ۋاقىت چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن يېڭى مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، سۇ لىن يېڭىلا ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانىدى، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئۇنىڭ سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى ئىدى.
ئۆزئارا چۈشىنىش يىراق - يېقىن دەپ ئايرىلمايدۇ، ئورتاق ئىرادىلىكلەر تاغ - دېڭىزلاردىن ھالقىپ ئۆتىدۇ. 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچقۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ موزامبىك زۇڭتۇڭى چابو بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ بىر قاتار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى. ئىمزا قويۇش، ھۆججەت ئالماشتۇرۇش، قول ئېلىشىش... 20دىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالاش مۇراسىمىنىڭ ۋاقتى 20 مىنۇتقا يېقىن داۋاملاشتى. ئالقىش سادالىرى قايتا - قايتا ياڭراپ، جۇڭگو - موزامبىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - موزامبىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى تەبرىكلەندى، بۇ يەنە يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگوغا ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق قىزغىن دىققەت قىلىپ باقمىغان، جۇڭگوغا ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق يېقىنلىشىشنى ئارزۇ قىلىپ باقمىغان. ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان «جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش دولقۇنى» ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىققا ئىنتىلىۋاتقانلىقى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى قوللاۋاتقانلىقى، جۇڭگو پۇرسىتىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى جانلىق نامايان قىلدى، «ئەخلاقلىق ئادەم يالغۇز قالمايدۇ، جەزمەن مەقسەت - نىشانى بىردەك ئادەم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدۇ» دېگەننى كۈچلۈك نامايان قىلماقتا.
(2)
بۈگۈنكى جۇڭگونى قانداق تونۇش كېرەك؟
1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىدىكى «تاغ - دەريالار شۇنچە گۈزەل» ناملىق غايەت زور جۇڭگوچە رەسىم ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق 18 باش ئەلچى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى. ئارقىدىن قىلغان سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا كېلىپ يېڭى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئەلچىلەرگە «ئەما كىشىنىڭ پىلنى سىلىشى» دېگەن تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى.
«ئەما كىشى پىلنىڭ بىر پۇتىنى سىلىسا، بۇ بىر تۈۋرۈك دەيدۇ؛ پىلنىڭ قورسىقىنى سىلىسا، بىر تام دەيدۇ. لېكىن بۇ ئەمەلىيەتتە مۇكەممەل پىل ئەمەس. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىمۇ تەكشى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەدەنىيىتىمۇ كۆپ خىل. جۇڭگونى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىر ئۇنىۋېرسال تەسىراتقا ئىگە بولۇپ، بىر ھەقىقىي جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك تونۇش كېرەك.»
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەرگە يۈزلەنگەن، شۇنداقلا كەڭ دۇنياغا يۈزلەنگەن.
«جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە يېڭى قۇۋۋەت قوشۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.»
كىشىلەر جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ھالىتىنى زوقلىنىپ سۆزلىدى: بارغانسېرى كۆپ چەت ئەل رەھبەرلىرى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش داۋامىدا ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر چۈشەندى.
2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتە، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېرز بېيجىڭدىن ئايروپىلان بىلەن جېجياڭ خاڭجوۋغا يېتىپ كەلدى، يۈشۇ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەم بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ھەمتۈرتكە بولدى. ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە كەلگەن گېرمانىيەدىكى تەخمىنەن 30 باش كارخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى بەس - بەستە يان تېلېفونلىرىنى كۆتۈرۈپ، كېلەچەك تۇيغۇسىغا تولغان بۇ دەقىقىنى خاتىرىلىدى.
ئىرېلاندىيە زۇڭلىسى مارتىن شاڭخەينى جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش سەپىرىدىكى بىر بېكەت قىلىپ تاللىدى، چۈنكى «شاڭخەي ماگنىتتەك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئالاھىدە شەھەر». ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى شۇكى، يېمەكلىك سودىسى ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئىرېلاندىيە كارخانىسى شاڭخەيگە ماكانلاشقاندىن كېيىن، كۆپ يىل تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، خىزمەتچىسى ئەڭ دەسلەپكى بىرنەچچە خادىمدىن 1400دىن ئارتۇق خادىمغا كۆپىيىپ، ئىرېلاندىيە - جۇڭگو ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى يوشۇرۇن كۈچىنىڭ غايەت زور ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.
بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ىنىڭ باشلىنىش يىلى. كەلگۈسى بەش يىل ۋە تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدە، جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ ئۇزۇن «پۇرسەت تىزىملىكى» بىلەن تەمىنلەپ، دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەردىكى كارخانىلارنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى «چوڭ دېڭىز»دا «بەھۇزۇر ئۈزۈش»ىنى قارشى ئالىدۇ.
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىشەنچكە تولغان ھەم كۈچلۈك ئىدى: «بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىدىغان ئىرادىمىز بار، شۇنداقلا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دۇنيا بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان كەڭ قورساقلىقىمىز بار، ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىمىز.»
مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بىر دۆلەت غەربنىڭكىدىن تامامەن پەرقلىنىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى، كەڭ جۇڭگو پۇرسىتى قانداق ئۈمىدكە تولغان كېلەچەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟
موزامبىك زۇڭتۇڭى چابو جۇڭگوغا كەلگەندىن كېيىن، بىۋاسىتە بېيجىڭغا بارماي، بەلكى ئالدى بىلەن بەش كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ خۇنەن ۋە چىڭخەيگە بېرىپ كۆردى. 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى تەكشۈرۈشتە بولغان چىڭخەي خۇجۇ تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ بەنيەن كەنتىدە، چابو جۇڭگودىكى چەت، يىراق يېزا - كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مۇساپىسىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئۇ چىن قەلبىدىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. بۇ يەردە، مەن جۇڭگونىڭ نامرات نوپۇسنى ئازايتىش تەجرىبىلىرى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش غەلىبە نەتىجىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.»
جۇڭگوغا كۆپ قېتىم كەلگەن سۇ لىن بۇ قېتىم گاۋتيېغا ئولتۇرۇپ شيۇڭئەن يېڭى رايونى ۋە گۇاڭشىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇشنى تاللىدى. «مېنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو سەپىرىم ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى، گاۋتيېغا ئولتۇرۇپ شىمالدىن جەنۇبقا باردىم... ئۆلكىلەر ئارىسىدىكى تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ھېس قىلدىم، بۇ، جۇڭگونىڭ رايونلار ماس تەرەققىياتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىشلەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.»
«دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو ئاندىن ياخشى بولىدۇ؛ جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېگەننى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئارقىلىق ئارازلىق توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش ئارقىلىق نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشتىن ھالقىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا جۇشقۇن پۇرسەت يارىتىشقا كۈچ چىقاردى.
جۇڭگودىكى زىيارىتى ئاخىرلىشىدىغان پەيتتە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېر رەئىس شى جىنپىڭ بايان قىلغان «ئەما كىشىنىڭ پىلنى سىلىشى» دېگەن تەمسىلنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ بىپايانلىقى ۋە مۇرەككەپلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ھەم ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش، جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرۈپ يېتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
سەپەر داۋامىدا جۇڭگونى چۈشەندى، ئالماشتۇرۇش داۋامىدا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردى. جۇڭگو - ئۇرۇگۋاي قوشما باياناتى، جۇڭگو - ۋيېتنام قوشما باياناتى، جۇڭگو - موزامبىك قوشما باياناتى... «جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش دولقۇنى»دا، ھەربىر پارچە ھەمكارلىق ھۆججىتى تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، ئارقا - ئارقىدىن ئېكراننى قاپلىدى، شۇنداقلا دۇنياغا مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭگو بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، پۇرسەت ۋە تەرەققىيات بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتۇر.
مېرز مۇنداق بىلدۈردى: گېرمانىيە كارخانا ساھەسىدىكىلەر جۇڭگو بازىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ سانچېز جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىسپانىيەدىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى ئىسپانىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، دەپ ماختىدى، سودا، سېلىنما، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى؛ سۇ لىن جۇڭگو تەرەپنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، تۆمۈريول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە ساياھەت جەھەتتىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى...
«جۇڭگو تەرەپ بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 دۆلەتتىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ» «سودا، يېڭى ئېنېرگىيە، ئاقىل ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن تەتقىقات، تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىش كېرەك» «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە راۋانلىقىنى ئورتاق قوغداش كېرەك»...
كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىشەنچكە تولغان ھالدا جاكارلىشى، سەمىمىي تەكلىپ قىلىشى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى بارغانسېرى كۆپ دوستلارنى «زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى سەپەرداشلار»غا ئايلىنىشقا چاقىرماقتا.
(3)
2 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئىران ئۇرۇشى پارتلاپ ھەم داۋاملىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كەلگەن ئەڭ تەخىرسىز خىرىسلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولۇشتىن ئىبارەت كەڭ قورساقلىقى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان كۈچىنى نامايان قىلدى.
«ھازىر، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە كېڭەيمەكتە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تىنچلىق كېرەكمۇ ياكى ئۇرۇش كېرەكمۇ، ئىتتىپاقلىق كېرەكمۇ ياكى قارشىلىشىش كېرەكمۇ، تەرەققىي قىلىش كېرەكمۇ ياكى چېكىنىش كېرەكمۇ، دېگەن تارىخىي تاللاشقا دۇچ كەلدى.»
4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەتكە كەلگەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئابۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى خالىد بىلەن كۆرۈشتى. بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تۆت نۇقتىلىق مۇھىم تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىش، تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.
«تىنچ بىللە ئۆتۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش» «دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش» «خەلقئارا قانۇنچىللىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش» «تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش»... بۇ تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇس جۇڭگو تەرەپنىڭ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇرۇش توختىتىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشتىكى ئىزچىل مەيدانى ۋە پائال تىرىشچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىشىگە تۈرتكە بولۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
ئالەمدە پەقەت بىرلا يەرشارى بار، ئىنسانلار ئوخشاش بىر ماكاندا تۇرۇۋاتىدۇ. جاھان ئۈچۈن پىلان تۈزگەندىلا، ئاندىن ئىناق بىللە ئۆتكىلى، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكىلى بولىدۇ.
«ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى سىرتقا كېڭىيىپ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى، جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، تىنچلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشنى خالايدۇ.» 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، موزامبىك زۇڭتۇڭى چابو بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى تىلغا ئېلىپ، ئافرىقىدىكى دوستلار بىلەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىرادىنى ساقلاپ تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ ئۈلگە تىكلەشتىن ئىبارەت قەتئىي ئارزۇسىنى يەتكۈزدى.
بوران - چاپقۇندا مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، چوڭ دۆلەتمۇ شۇنداق قىلالىشى كېرەك.
2026 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، بەزى رايونلار يەنىلا ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە تۇرماقتا. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ كەلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
مەردانە، جاراڭلىق سۆزلەر زامان - ماكاندىن ھالقىپ، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچنى ئۇرغۇتماقتا. شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ جەلپكارلىقى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، بىزنىڭ باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى تەرەپتە، كۆپ تەرەپچىلىك تەرەپتە تۇرغانلىقىمىزدىن بولدى.
«بۆلۈنۈش، قارشىلىشىش، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشنىڭ جەزمەن چىقىش يولى يوق، دۇنيانىڭ قايتىدىن ئورمان قائىدىسىگە قايتىشى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، يەرشارىدىكىلەر جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشلا بىردىنبىر توغرا تاللاش.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر كۆزىتىشى كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.
لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ 10 - نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ باشتىن - ئاخىر لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى؛ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى... رەئىس شى جىنپىڭ كەڭ دۇنياۋى نەزەر دائىرىسى، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان كۈچلەرنى ئۈزلۈكسىز ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى سىجىل مۇجەسسەملىدى.
«جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى <ئىناقلىقنى ئەلا بىلىش>، ئىنتىلىدىغىنى <ئىناق ئۆتۈش، ئەمما پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش>» − رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشىنىڭ مەدەنىيلىك ئاساسىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلىمەكتە.
600 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە گۇگۇڭدىكى ئۈچ چوڭ سارايدا ئېسىلغان تاختىلاردىكى «和» خېتىگە جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ تىنچلىق، ئىناقلىق، ئېجىللىقنى قەدىرلەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقى مۇجەسسەملەنگەن. فىنلاندىيە زۇڭلىسى ئوربو ئالدىراش زىيارەت كۈنتەرتىپىدە گۇگۇڭنى مەخسۇس ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مول تارىخ مۇجەسسەملەنگەن بۇ قەدىمىي يادىكارلىق قاتار - قاتار ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان زامانىۋىلاشقان مەركىزىي شەھەرنىڭ مەركىزىدە جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ، بۇنداق كۈچلۈك سېلىشتۇرما كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن».
سىم - سىم يېغىۋاتقان باھار يامغۇرىدا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېر شاڭخەي شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ «يىلتىزى» دەپ قارالغان جياڭنەندىكى قەدىمىي باغ يۈيۈەنگە كەلدى. يۈيۈەندە پانۇس سەيلىسى قىلدى، خۇديېسۇ سېتىۋالدى، جۇڭگو چېيى ئىچتى، ستارمېر يول بويى جۇڭگولۇق ئامما بىلەن ھەمتۈرتكە بولدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىرقى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان نازۇك خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش روھى ئاساسىدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى ئىنتايىن مۇھىم.
ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى ئولسى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە بېيجىڭ چەت ئەل تىلى داشۆسىگە بېرىپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەم جۇڭگو - ئۇرۇگۋاي ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى بولغان شەمشاد دەرىخىنى سۇغاردى. ئىلگىرى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئۇ بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى: يەككىچىلىك، يەككە تەرەپچىلىك ھەرگىزمۇ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش يولى ئەمەس، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ھەم كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، ئۇرۇگۋاي جۇڭگونىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئىگە ھەمراھى.
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.» بۇ، مەۋقە تارىخقا قويۇلغان چوڭقۇر ئويلىنىش، شۇنداقلا كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشتىكى جۇڭگو لايىھەسى.
تارىخ چاقى ئەگرى - توقايلىق ئىچىدە ئىلگىرىلەۋاتقاندا، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ بۇرچنى زىممىگە ئېلىشى ۋە دەۋر قىممىتى بارغانسېرى نامايان بولماقتا. شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىۋاتقان جۇڭگو دۇنياغا باھاردىكى ئىللىقلىق، ئىشەنچ ۋە كۈچنى سىجىل يەتكۈزمەكتە.
(مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، سۈن يى، شاۋ يىبو، ساۋ جيايۆ، ۋاڭ بىن)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)






