تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا قاراپ سىجىل ئىلگىرىلەش

− جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى غەربىي قىسىم بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى بايىنغولىن ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتى 120001 - بۇرغىلاش ئەترىتى توغرىسىدا خاتىرە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتى نامىغا ئېرىشكەن جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى غەربىي قىسىم بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى بايىنغولىن ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتى 120001 - بۇرغىلاش ئەترىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە جېنتەن 1 - قۇدۇقىنى بۇرغىلاپ تەكشۈرۈۋاتاتتى.

«جېنتەن 1 - قۇدۇقىنىڭ بۇرغىلاش چوڭقۇرلۇقى 8450 مېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، نۆۋەتتە 5465 مېتىرغا يەتكۈزۈلدى.» 120001 - بۇرغىلاش ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لىن نەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر بارلىق ئەترەت ئەزالىرى مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ.

گەرچە جېنتەن 1 - قۇدۇقىنىڭ بۇرغىلاش چوڭقۇرلۇقى 8450 مېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا بۇرغىلاشتا نىشانلانغان قاتلام جېندەن سىستېمىسى بولۇپ، بۇ، بۇرغىلاش چوڭقۇرلۇقىنى 10 مىڭ 910 مېتىرغا يەتكۈزۈش تاماملانغان چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقىنىڭ يەر قاتلىمىدىنمۇ قەدىمىي ئىدى. «گېئولوگىيەلىك شارائىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقىنىڭ جېندەن سىستېمىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران نەچچە ئون مېتىر كېلىدىغان خەنۋۇ سىستېمىسىدا بۇرغىلاشنى تاماملاشقا توغرا كېلىدۇ. جېندەن 1 - قۇدۇقىنى بۇرغىلاشتا تېخىمۇ قەدىمىي يەر قاتلىمىنى بۇرغىلاپ تەكشۈرۈپ، جېندەن سىستېمىسىدا نېفىت - تەبىئىي گازنىڭ بار - يوقلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك» دېدى لىن نەن.

تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلىمىدىكى نېفىت - تەبىئىي گازنى چارلاپ تەكشۈرۈشتە، 120001 - بۇرغىلاش ئەترىتى قىيىن مەسىلىلەرنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىدىغان داڭلىق قوشۇن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. ئۇلار دۇنيا ۋە ئاسىيادىكى بەش چوڭ قۇرۇلۇش رېكورتىنى ياراتقان چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقىنى قېزىپلا قالماي، ئىلگىرى يەنە ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇق قاتارلىق يەتتە تۈردە رېكورت ياراتقان لۇنتەن 1 - قۇدۇقىنى قازدى، بۇ قۇدۇق 8882 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بۇرغىلانغان بولۇپ، جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكىدىنمۇ چوڭقۇر، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، تارىم ئويمانلىقىدىكى «يەر ئاستى جۇمۇلاڭما چوققىسى» دېگەن نام بىلەن ئاتالدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش بىز جەزمەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا مەسىلىسى.» 120001 - بۇرغىلاش ئەترىتى باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىم ئويمانلىقىدا يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا قاراپ سىجىل ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزدىكى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدا بۇرغىلاپ تەكشۈرۈشتە «بوز يەر ئاچقۇچى»غا ئايلاندى.

پولاتتەك ئىرادىگە ئىگە بۇ بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئاران 45 كىشى بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 35 ياشقا يەتمىسىمۇ، لېكىن ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇق بۇرغىلاش جەھەتتە مول تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، تارىم ئويمانلىقىدا «يەر ئاستى جۇمۇلاڭما چوققىلىرى»نى بۇرغىلاپلا قالماي، يەنە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىن «چوڭ دۆلەتكە خاس چوڭقۇرلۇق»نى بۇرغىلاپ چىقىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئاۋانگارتى، مەركەز كارخانىلىرىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھىدىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، نەمۇنىلىك كوللېكتىپ قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى كىممۇ ئويلاپ يەتسۇن.

چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم ئويمانلىقىغا ئورۇنلاشتۇرغان دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى 10 مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان ئىلمىي ئىزدىنىش قۇدۇقى. چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقىنى بۇرغىلاپ تەكشۈرۈشتە، قۇم - بوران، يۇقىرى تېمپېراتۇرا قاتارلىق ناچار كىلىمات مۇھىتىنى يېڭىپلا قالماي، يەنە 220 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، 145 مېگاپاسكاللىق ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرا، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىم، گۈڭگۈرت تەركىبى يۇقىرى بولۇشتىن ئىبارەت «ئۈچ ئادەتتىن تاشقىرى، بىر يۇقىرى بولۇش»تەك ئاخىرقى چەك خىرىسى ئالدىدا، 120001 - بۇرغىلاش ئەترىتى بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم جابدۇقى − دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىپ لايىھەلىگەن يەرشارى بويىچە تۇنجى يۈرۈش 12 مىڭ مېتىرلىق ئالاھىدە چوڭقۇر قۇدۇقنى ئاپتوماتىك بۇرغىلاش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلدى. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول بويى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى.

ئاسمانغا چىقىش تەس، يەر ئاستىغا كىرىش تېخىمۇ تەس. چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقىنىڭ بۇرغىلاش چوڭقۇرلۇقىنى 10 مىڭ 910 مېتىرغا يەتكۈزۈش تاماملاندى، بۇ، كۆرگىلى بولمايدىغان يەر ئاستىدىكى «ئادەمسىز رايون»دا تىك يۆنىلىشتە 11 كىلومېتىرغا يېقىن چوڭقۇرلۇقتا يول ئاچقانغا باراۋەر. چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقىنى بۇرغىلاپ تەكشۈرۈشتە ئوخشاش بولمىغان تاغ جىنىسلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئوخشاش بولمىغان بېسىم سىستېمىسىدىكى 12 يۈرۈش يەر قاتلىمىنى كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى، 10 مىڭ مېتىردىن كېيىن، بۇرغىلاپ تەكشۈرۈشتە تېخىمۇ «قەدەمدە بىر كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئىش»لار يۈزبەردى: 10006 مېتىر بۇرغىلىغاندا، قۇدۇق ئاستى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى؛ 10 مىڭ 289 مېتىر بۇرغىلىغاندا، يامان خاراكتېرلىك ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلدى... شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، 10 مىڭ مېتىردىن كېيىنكى ھەربىر كۈندە، بۇرغىلاش ئەترىتى پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ ھەربىر مېتىر مەشغۇلاتتا ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلدى.

چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقىنى بۇرغىلاش 2025 - يىلى تاماملاندى، ئارقىدىن يەنە نېفىت ئېلىشنى سىناش قاتارلىق خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. 2025 - يىلى 12 - ئايدا، 120001 - قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتى چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقىدىن جېنتەن 1 - قۇدۇقىغا كۆچۈپ كېلىپ، جېنتەن 1 - قۇدۇقىنى بۇرغىلاشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى غەربىي قىسىم بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ كارخانا باش مۇتەخەسسىسى ۋەن يۈنشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: 10 مىڭ مېتىرلىق ئالاھىدە چوڭقۇر قاتلامدا، چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقىدا چارلاپ تەكشۈرۈشتە زور بايقاش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ شەكىللىنىش نەزەرىيەسى قايتا بەرپا قىلىنىپ، گېئولوگىيەلىك تونۇش بوشلۇقى تولدۇرۇلدى. بۇرغىلانغان ئاسىيا بويىچە تۇنجى 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇق، 540 مىليون يىل بۇرۇنقى خەنۋۇ سىستېمىسىدىكى تاغ جىنىسلىرى ئەۋرىشكىسىدە، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى 10 مىڭ مېتىرلىق گېئولوگىيەلىك كەسمە يۈز خەرىتىسى سىزىپ چىقىلىپ، جېندەن دەۋرىدىن خەنۋۇ دەۋرىگىچە بولغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ قەدىمكى قۇرۇلمىسى، قەدىمكى مۇھىتى ھەم ئەسلىدىكى تېتىس ئوكيانىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشىنى ئېچىپ بېرىشنى بىۋاسىتە دەلىل - ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقى يەنە دۆلىتىمىزنىڭ 220 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاغ جىنىسلىرىنى يېرىش بۇرغىسى، يۇقىرى چىدامچان بۇرغىلاش دەستىسى قاتارلىق ئون چوڭ تېخنىكىلىق ئۆتكۈر قورالنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇدۇقنى بۇرغىلاش، قۇدۇقنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇدۇقنى ئۆلچەش قاتارلىقلارنى قاپلىغان پۈتۈن زەنجىرلىك يادرولۇق تېخنىكا توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، نەزەرىيە، جابدۇقتىن ھۈنەر - سەنئەتكىچە پۈتۈنلەي دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«باتۇرلۇق بىلەن پەن - تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ، يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا قاراپ سىجىل ئىلگىرىلەيمىز.» 120001 - بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ سۇپا دىرېكتورى جاڭ جېشۆ مۇنداق بىلدۈردى: كەلگۈسىدە داۋاملىق تۈردە تۆمۈر ئادەم روھى بىلەن چوڭقۇر قاتلامدا ئارزۇغا ئىنتىلىپ، تارىم ئويمانلىقىدا تېخىمۇ كۆپ «يەر ئاستى جۇمۇلاڭما چوققىسى»نى قېزىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.