تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«1 - ماي»دىكى كىنو قويۇش مەزگىلىدە بۇ كىنو كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆز چاناقلىرىنى قىزارتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

«كۈيلىرىمنى ياڭرىتىپ يول بويىدا قەبرەمنى ئىزدىگەن كىم...» دولان «ھايات سەلىقىسى» مۇزىكىسىنىڭ مۇڭلۇق ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، ئېكراندا، چاچلىرى ئاپئاق ئاقارغان ۋەن تۇڭشۇ «ئون ئىككى مۇقام نوتىلىرى توپلىمى»نى تۇردى ئاخۇننىڭ قەبرىسى ئالدىغا يېنىك قويدى، ھەممە يەرنى قاپلىغان قۇم - بوران سارغىيىپ كەتكەن قەغەز بەتلىرىنى سىيپاپ ئۆتتى.

چىراغلار غۇۋالىشىپ، قايتا يورۇدى. بەزىلەر كۆز چاناقلىرىنى ئاستاغىنە سۈرتتى، بەزىلەر خېلى ئۇزاققىچە ئورنىدىن مىدىرلىمىدى − خۇددى يەنە ئاشۇ توغراقلىقتا، يەنە ئاشۇ ئۆمۈر بويى مۇقام سەنئىتىنى قوغدىغان يىللاردا ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولدى.

بۇ، 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق كىنوخانىسىنىڭ بىر كىنو قويۇش زالىدا، «ۋەن تۇڭشۇ» ناملىق كىنو قويۇلۇپ بولغان چاغدىكى بىر كۆرۈنۈش ئىدى.

تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى پۈتۈن تىرىشچانلىقى بىلەن ئىشلىگەن «ۋەن تۇڭشۇ» ناملىق بۇ كىنودا ھەقىقىي تارىخ ئاساس قىلىنىپ، ئىنچىكە سەنئەت ئۇسۇلى ئارقىلىق «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قۇتقۇزۇۋالغان تۇنجى كىشى» ۋەن تۇڭشۇ ئەپەندىنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن خوتۇنىنى ئېلىپ شىنجاڭغا كېلىپ، خەلق سەنئەتكارى تۇردى ئاخۇن ھەم خەلق مۇزىكىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نۇرغۇن كەسىپداشلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قول تۇتۇشۇپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان خەلق سەنئىتى گۆھىرىنى قۇتقۇزغانلىق ھېكايىسى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن قايتا نامايان قىلىنغان.

كىنو قويۇلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغاپلا قالماي، يەنە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بۇ كىنونى كۆرۈش قىزغىن دولقۇنى تېز كۆتۈرۈلدى. ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىن تارىم ئويمانلىقىغىچە، ئالىي مەكتەپ زاللىرىدىن يېزا - كەنتلەردىكى كىنو قويۇش نۇقتىلىرىغىچە، «ۋەن تۇڭشۇ» ناملىق كىنو «1 - ماي»دىكى بۇ كىنو قويۇش مەزگىلىدە شىنجاڭ كۆرۈرمەنلىرىنىڭ يۈرەك تارىنى ئەڭ چەككەن ئەسەرگە ئايلانماقتا.

«1 - ماي»لىق كىنو قويۇش مەزگىلىنىڭ تۇنجى كۈنىدە، بورتالا دوستلۇق خەلقئارا كىنو شەھەرچىسىنىڭ نۆۋەتچى دىرېكتورى ۋېن مياۋمياۋ كىنو قويۇش جەدۋىلى ئالدىدا تۇرۇپ، نەزەرىنى قىزىل قەلەم بىلەن بەلگە قىلىنغان ئالتۇن ۋاقىتتىكى كىنو قويۇش مەيدان قېتىمىغا ئاغدۇردى: «بىز ئەڭ يېتەرلىك ۋاقىت بۆلىكىنى مەخسۇس بۇ فىلىم ئۈچۈن ئېلىپ قويدۇق. چوڭ ئېكران ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كۆرۈرمەننىڭ ۋەن تۇڭشۇ ئەپەندىنىڭ بىر ئۆمۈر مەدەنىيەت گۆھىرىنى قوغدىغانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايىسىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

پېنسىيەگە چىققان مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى مەمەت قاسىم كىنو كۆرۈش تەسىراتىنى كۆپچىلىككە ھەمبەھرىلىدى: «كىچىك ۋاقتىمدا پېشقەدەم مۇقامچىلارنىڭ ئېيتقان مۇقامىنى ئاڭلايتتىم، كېيىن بۇ مېلودىيەلەرنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلدىم. ۋەن تۇڭشۇ ئەپەندى بىر مۇزىكا دۇنياسىنى ساقلاپ قاپتۇ».

كۆرۈنۈشنى جەنۇبقا يۆتكەيلى، قەشقەر شەھىرى. تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، ئاۋدۇ خەلقئارا كىنو شەھەرچىسىنىڭ چوڭ زالىدا چىراغلار يورۇدى. «ۋەن تۇڭشۇ» ناملىق كىنو ئەمدىلا بىر مەيدان قويۇلۇپ بولۇشىغا، كۆرۈرمەنلەر چىقىش ئېغىزىدىن ئارقا - ئارقىدىن چىقتى، ئۇلار ئايرىلىشقا ئالدىرىماي، زالدىكى ئېلان تاختىسى ئالدىدا توختىدى.

«نەچچە قېتىم يىغلىدىم.» گۈلباھار مەمەت كىنو قويۇش زالىدىن چىققاندا، كۆز چاناقلىرى يەنىلا قىزىل ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋەن تۇڭشۇ بىلەن تۇردى ئاخۇن بىر ئۆمۈر تىرىشىپ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، ئۇلار مەدەنىيەتنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولۇشقا مۇناسىپ، ھەقىقىي ئاددىي قەھرىمانلار.»

كىنودا ئاساسلىق كۆرۈنۈش ئېلىنغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە كىنو كۆرۈش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. ئاشۇ تونۇش توغراقلىق، تارىم دەرياسى بويىدىكى مەنزىرىلەر شۇ جايدىكى ھەربىر كۆرۈرمەنگە ھەسسىلەپ يېقىملىق تۇيغۇ بېغىشلىدى.

«مەن رول ئېلىشقا قاتناشقان بۆلەكتە يۇرتۇمدىكى توغراقلىقتىن كۆرۈنۈش ئېلىنغان، لېكىن مېنى ھەقىقىي تەسىرلەندۈرگىنى كامېرادىكى ئۆزۈم بولماستىن، بەلكى ۋەن تۇڭشۇنىڭ كۆرۈنۈشىنى كۆرگەنلىكىم بولدى.» شايار ناھىيەلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ 6 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى مەرىپەت ئاقنىياز كىنونى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئۇ شۇنچە جاپالىق شارائىتتا، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئاشۇ كۈيلەرنى ساقلاپ قاپتۇ. مەن سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىدا نەچچە كۈنلا كىنو ئىشلەشكە قاتناشتىم، لېكىن ئۇ بىر ئۆمۈر ئىشلەپتۇ».

نەزەرىمىزنى خوتەنگە ئاغدۇرايلى. ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى لاڭرۇ يېزىسىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى نيې شىيىڭ كەنت كادىرلىرى، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىللە خوتەن خەلق كىنوخانىسىغا بېرىپ «ۋەن تۇڭشۇ» ناملىق كىنونى كۆردى. كىنو ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ قاراڭغۇ ئېكرانغا قارىدى، ئاۋازى سەل تۆۋەن ئىدى: «ۋەن تۇڭشۇ ئەر - خوتون بىرقەدەر ئەۋزەل خىزمەت، تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ، چېگرا رايوندا بىر ئۆمۈر يىلتىز تارتىپ، مۇقام سەنئىتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىزمۇ ئوخشاش ئىش − يېزا - كەنتلەردىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغداپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت تومۇرىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش».

«فىلىمدە سىن فىلىم ۋاسىتە قىلىنىپ، ۋەن تۇڭشۇ بىلەن تۇردى ئاخۇننىڭ بىر مەقسەتتە سەنئەتنى قوغدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە ھەمدە ئون ئىككى مۇقامنىڭ جەلپكارلىقى جانلىق، ئىستېرېئولۇق ھالدا كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىندى.» شىنجاڭ سىفەن داشۆسى گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى تاڭ لىشيا فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭدا يىرىك تەلىم بېرىشلەر ئىشلىتىلمەي، جانلىق پېرسوناژلار، تەسىرلىك ۋەقەلىكلەر ۋە ئىنچىكە ھېسسىيات ئارقىلىق، كۆرۈرمەنلەرنى ئورتاق ھېسسىيات داۋامىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىپ، تەسىرلىنىش داۋامىدا قوغداش ئارزۇسىنى بىخلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.